UYGUR TV

28/4/2024 خىتاينىڭ جەنۇبىدا قۇيۇن چىقىپ بەش ئادەم ئۆلگەن

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىجتىمائىي تاراتقۇلار بېسىمى ئاشماقتا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار دائىرىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا قاراتقان تەكشۈرۈشلىرى سەۋەبلىك بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە. يېقىنقى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارWhatsApp گۇرۇپپىلىرىغا قاتنىشىش ۋە مەزمۇن يوللاش سەۋەبلىك دائىرىلەرنىڭ گۇمانلىنىشى ۋە تەكشۈرۈشىگە دۇچ كەلگەن. بۇ ئەھۋاللار ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان بېسىم ۋە زۇلۇم مۇھىتى پەيدا قىلغان. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقاندا، قېرىنداش دۆلەتلەرنىڭ بېسىمىغا ئۇچراش ئەمەس، بلەكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، رايون دائىرىلىرى بۇ مەسىلە توغرىسىدا تېخى رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىغان. شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇلجېلىل قاراقاش بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بېسىم، خىتاينىڭ رولى ۋە دېموكراتىيە مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بېسىمنىڭ كۈچىيىشى بولۇپمۇ خىتاينىڭ تەسىرى كىشىنى چۆچۈتىدىغان ۋەزىيەتنى كۆرسىتىپ بېرىد. ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر خىتاينىڭ رايوندىكى سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە ئېزىلىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھاكىمىيەتلەرنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدىكى مۇنازىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى: مۇستەبىتلىكمۇ ياكى دېموكراتىيە يولىدا كېتىۋاتامدۇ؟ دېگەن سوئالنى پەيدا قىلدى. بىز شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ئۇچۇر مەركىزى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ قوللىشىغا موھتاج دەپ قارايمىز. بىز يەنە خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى تەسىرىنى تېخىمۇ ئىنچىكە تەكشۈرۈش كېرەك دەپ قارايمىز. شۇڭا، بىز داۋاملىق زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قانۇنىي ۋە تىنچ ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، خىتاينىڭ رولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تىرىشىمىز. شەرقىي تۈركىستاندىكى 26 ئۇيغۇردى بىرى تۈرمىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دوكلاتىغا قارىغاندا، خىتاي ئىشغالى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا، خىتايلاردىن سىرت ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە ھەر 26 كىشىدىن بىرى تۈرمىدە ئىكەن. بۇ گۇرۇپپىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان ۋە خىتايدىن ئاشكارىلانغان سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئانالىزىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ رايوندىكى قۇرامىغا يەتكەن ھەر 17 ئۇيغۇردىن بىرى قۇرئان ئوقۇش قاتارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەردە قوغدىلىدىغان ھەرىكەتلەر ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغان. دوكلاتقا قارىغاندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايلاردىن باشقا مىللەتلەر يەنى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر خىتاي ئومۇمى نوپۇسىنىڭ ئاران بىر پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن. لېكىن، ئۇيغۇر ۋە تۈركىي مىللەتلەردىن بولغان مەھبۇسلار سانى خىتايدىكى ئومۇمىي مەھبۇس سانىنىڭ 34 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدىكەن. ئامېرىكا ئۇكرائىناغا يېڭى ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئەۋەتىدۇ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوستىن ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە ئالاقە گۇرۇپپىسى يىغىنىدىن كېيىن بەشبۇرجەكلىك بىنادا ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقى چارلىز ق.براۋن بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. ئوستىن ئۇزۇن مۇددەت ئىچىدە ئۇكرائىناغا 6 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى يېڭى قوشۇمچە ھەربىي ياردەم مەبلىغىنىڭ تەمىنلىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ۋەتەنپەرۋەر ۋە NASAMS ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ ھالقىلىق توسۇش ماشىنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىيى پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مۇساۋات دەرۋىشوغلۇ بولدى ئىيى پارتىيىسىدە مەرال ئاقشەنەرنىڭ ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن ، تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتايدا مۇساۋات دەرۋىشوغلۇ پارتىيىنىڭ يېڭى رەئىسلىكىگە سايلاندى. ئۈچ ئايلانما سايلامنىڭ ئاخىرقى ئايلانمىسىدا، دەرۋىشئوغلۇ 611 بېلەتكە ئېرىشكەن. ئىگىلىنىشىچە، دەرۋىشئوغلۇمۇ مارال خانىمغا ئوخشاش مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىدىن ئىستىپا بېرىپ ئىيى پارتىيىنى قۇرغان كىشىلەردىن ئىكەن. ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى پەلەستىننى قوللاش نامايىشى داۋاملاشماقتا ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوخشىمىغان شىتات ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا، مەكتەپ رەھبەرلىكى ۋە ساقچىلارنىڭ توسقۇنلىقىغا قارىماستىن ئوقۇغۇچىلار تەشكىللىگەن پەلەستىننى قوللاش نامايىشى داۋاملاشماقتا. خىتاينىڭ جەنۇبىدا قۇيۇن چىقىپ بەش ئادەم ئۆلگەن خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى گۇاڭجۇ شەھىرىدە يۈز بەرگەن قۇيۇن سەۋەبىدىن 5 ئادەم ئۆلگەن، 33 ئادەم يارىلانغان. ئىگىلىنىشىچە، گۇاڭجۇنىڭ بەييۈن رايونىدا 141 زاۋۇت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ۋە ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى رايونغا ئەۋەتىلگەن. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur