UYGUR TV

01/07/2022 گېرمان خەلقى خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا قارشى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنىنىڭ تەسىرىنى تۆۋەنلىتىشكە ئۇرۇنماقتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھەپتە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، خىتاي بۇنىڭغا تۈرلۈك ئۇسۇللاردا نارازىلىق بىلدۈرگەندىن باشقا، تەسىرگە ئۇچرىغان شىركەت-كارخانىلارنى قانۇنىي ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى. خىتاي خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خىتاي شىركەتلىرىگە زەربە بەرگەنلىكى، بازار پىرىنسىپىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ھەققىدە جار سالغان. مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن، شىركەت-كارخانىلار ئېنىق دەلىل-ئىسپات كەلتۈرمىگەن تەقدىردە، شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بارلىق مەھسۇلاتلار مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى دەپ قارىلىدۇ ۋە ئىمپورت قىلىنىشى چەكلىنىدۇ. خىتاي ناتونىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا بولغان تەسىرىنى كېڭەيتىشىگە نارازى بولدى خىتاي ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان يېڭى ئىستراتېگىيىلىك ئۇقۇم بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەكې سۇللىۋاننىڭ «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئۇقۇمى خىتايدىن كېلىپ چىققان كۆپ تەرەپلىمىلىك تەھدىدنى بىۋاسىتە ۋە ئوچۇق پىكىر بىلەن ئاشكارىلايدۇ» دېگەن سۆزىگە باھا بەردى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا قاراتقان ھەرىكىتىنىڭ كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان جاۋ: «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يېڭى رايون ۋە رايونلارغا قاراپ ئىلگىرىلەش ۋە قۇتۇپلار ئارا تىركىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ. دۇنيا بۇنىڭغا دىققەت قىلىشى ۋە بۇ ئۇرۇنۇشلارنى رەت قىلىشى كېرەك» دېدى. مادرىدتىكى باشلىقلار يىغىنىغا ياپونىيە، كورېيە، ئاۋىستىرالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىمۇ خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. گېرمان خەلقى خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا قارشى گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى نۆۋەتتە گېرمانىيە سىياسەتچىلىرى ۋە خەلقى دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، «Civey» ناملىق ئەل رايىنى تەكشۈرۈش ئورگىنى بۇ ھەقتە مەخسۇس راي سىنىغان. نەتىجىدە كۆپ قىسىم گېرمانىيەلىكلەر خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا قارشى مەيدانىنى بىلدۈرگەن. 5000 دىن ئارتۇق گېرمانىيەلىك قاتناشتۇرۇلغان مەزكۇر راي سىناش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %71 ئىستېمالچى مەھسۇلاتلارنىڭ مەلۇم ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانىغا مەجبۇرىي ئەمگەك ئارىلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن تەقدىردە، بۇ تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەشكە مايىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شى جىنپڭنىڭ خوڭكڭ زىيارىتى دىققەت تارتتى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خوڭكوڭنىڭ ئەنگىلىيەدىن قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 5 يىل ئارىدىن كېيىن خوڭكوڭنى زىيارەت قىلغاندا، «بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىىتنى قايتا تەكىتلىدى. پەقەت مۇداپىئە ۋە تاشقى سىياسەت قاتارلىق ئىشلاردا بېيجىڭغا بېقىنىدىغان رايوننىڭ باشقۇرۇش ئەندىزىسى «بىر دۆلەت ، ئىككى سىستېما» دەپ ئاتىلىدۇ. مۇشۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى قاتارلىق قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق رايوننىڭ ئاپتونومىيىلىك قۇرۇلمىسىغا زەربە بېرىشى تەنقىدكە ئۇچرىماقتا. بايدېن تۈركىيەگە F-16 سېتىش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە توختالدى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن ئىسپانىيەنىڭ مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلاشقاندا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا F-16 ئايروپىلانىنىڭ تۈركىيىگە سېتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن-بەرمىگەنلىكى سورالغاندا، بايدېن F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانىنى تۈركىيەگە سېتىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ تەستىقىنى ئالالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. قازاقىستان ب د ت تىنچلىق ساقلاش ئۆمىكىگە 430 ئەسكەر ئەۋەتىدۇ قازاقىستان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش ئۆمىكى دائىرىسىدە ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، كونگو، مالى ۋە لىۋانغا 430 ئەسكەر ئەۋەتىدۇ. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur