UYGUR TV

02/07/2022 خىتاينىڭ تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر خىتاينىڭ تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى خىتاي رېجىمىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تايلاند دائىرىلىرىنى سەككىز يىلدىن بېرى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 50 نەچچە ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە چاقىردى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە 50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تايلاند كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى 2014-يىلىدىن بېرى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن. تايلاندتىكى خەلق ھوقۇقى فوندى باشچىلىقىدىكى ئون نەچچە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى 15-ئىيۇن تايلاند پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسىغا مۇراجىئەتنامە سۇنۇپ، پارلامېنتتىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان. ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكا خىتاينىڭ خوڭكوڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى خوڭكوڭنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىگە 25 يىل بولغان 1-ئىيۇل كۈنىدە، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلدى. ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىلان قىلغان ئۇچۇرىدا، ئەنگلىيەنىڭ خىتاينىڭ «خوڭكوڭ خەلقى خوڭكوڭنى باشقۇرۇش سىياسىتى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىنى داۋاملىق كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. جونسون خىتاينىڭ 1984-يىلى ئىمزالانغان ئەنگىلىيە-خىتاي بىرلەشمە خىتابنامىسىدىكى ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە تەھدىت سالغانلىقىنى تەكىتلىدى. فرانسىيە بىلەن ئاۋىستىرالىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئاچماقچى فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ۋە ئاۋىستىرالىيە باش مىنىستىرى ئانتونىي ئالبانىس پارىژدا كۆرۈشۈپ، «ئائۇكۇس كېلىشىمى» كەلتۈرۈپ چىقارغان جىددىيلىكنى تۈزىتىش ۋە «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئېچىش ئىرادىسى» نى ئېلان قىلدى. ئاۋىستىرالىيە 2016-يىلى فرانسىيە دېڭىز ئارمىيىسى گۇرۇھى بىلەن 12 دانە دىزېل ئېلېكترلىق سۇ ئاستى پاراخوتى ياساش ئۈچۈن 90 مىليارد ئاۋسترالىيە دوللىرىلىق توختام ئىمزالىغان بولۇپ، ئاۋسترالىيە 2021-يىلى 9-ئايدا بۇ توختامدىن ۋاز كەچكەن ھەمدە ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن «ئائۇكۇس» دەپ ئاتىلىدىغان مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالىغان ئىدى. خىتاي ئايال ۋىكىپېدىيەدە خىتاي ۋە روسىيەنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ يازغان مەلۇم بولۇشىچە، بىر خىتاي ئايال 10 يىلدىن بۇيان ۋىكىپېدىيەگە توقۇلما ئۇچۇرلارنى قوشقان. ئۇ ئايال خىتاي ۋە روسىيە تارىخىنى ئۆز خىتايلى بويىچە قايتا يازغان. جېماو تەخەللۇسىنى ئىشلەتكەن بۇ ئايال خىتاي ۋە روسىيە تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان ۋەقەلەرنى ئويدۇرۇپ چىقارغان. ئەھۋال ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن، 200 دىن ئارتۇق توقۇلما ماقالە ئېلان قىلغانلىقى ئاشكارىلغانغان بۇ ئايالنىڭ ۋىكىپېدىيە ھېسابى تاقىۋېتىلدى. ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 820 مىليون دوللار ياردەم بېرىدۇ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بەشبۇرجەكلىك بىنا ئۇكرائىنانى ئىلغار ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى قاتارلىق 820 مىليون دوللارلىق بىخەتەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شەرقىي تۈ ركىستان جەمئىيىتى ئستانبۇلدا خەيىر ئىھسان پائالىيەتلىرىنى داۋامالشتۇرماقتا شەرقى تۈركسىتان جەمىيىتى تۈركىيەدىكى ئاتا-ئانىلىرى ۋەتەندە قېلىپ قالغان يېتىم بالىلارنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقان قۇربان ھېيىتنى خۇشال خۇرام ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن 2022 -يىلى 6 -ئاينىڭ 30 -كۈنى سافاكۆي رايونىدىكى ئارمونى پارىك سودا سارىيىدا ھېيىتلىق كىيىم-كېچەك ھەدىيە پائالىيىتى ئېلىپ باردى. بۇ پاائلىيەتكە 120دىن ئارتۇق شەرقى تۈركىستانلىق يىتىم بالىلار ئائىلىسى قاتناشقان بۇلۇپ، ھەر بىر ئائىلىگە 600 لىرا قىممىتىدىكى كىيىم كېىچەك قۇربان ھېيىتلىق ھەدىيە سۈ پىتىدە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ پائالىيەتتىن تەسىرلەنگەن يېىتىم بالىلار ۋە تاۋاباتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ناھايىتى خۇ رسەن بولغانلىقلىرىنى ئىپادىلىدى ھەمدە تۈركىيەدىكى ۋە گىرمانىيەدىكى بۇ ياردەمنى ئەۋەتكەن بارلىق ياردەم سۆيەر قېرىنداشلىرىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمىتىنى بىلدۈردى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur