UYGUR TV

03/07/2022 گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار ميۇنخىن ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار ميۇنخىن ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار 1972-يىلى ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى. گېرمانىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە مائارىپ بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ميۇنخىندىكى ھەر قايسى مىللەتلەرگە تەۋە كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە مىيونخىندىكى دۆلەت مۇزىكا ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا يىغىلغان ئۇيغۇرلار بىر نەچچە كىلومېتىر يول يۈرۈپ مىيونخىن ئولىمپىك مەركىزىگە كەلدى. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى گىرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان بىر پەيتتە، ميۇنخېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنى بىرىنچى بولۇپ پاراتتىن ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇردى. مىللىيچە كىيىنگەن ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئالاھىدە رەڭ قوشتى ۋە تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. دوكلات: خەلقئارالىق شىركەتلەر بىلىپ-بىلمەي خىتايغا ياردەم بەرمەكتە ئامېرىكا ۋاشىنگتونغا جايلاشقان «ئىلغار دۆلەت مۇداپىئەسى تەتقىقات مەركىزى» 30-ئىيۇن خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىگە ئالاقىدار يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى ئىجرا قىلىشقا باشلىغانلىقى، ئەمما يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىدە يەنىلا كۆپلىگەن يوچۇقلارنىڭ بارلىقى، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ يەنىلا يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىگە كىرىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان. مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئاپتورى نىكول مورگرېت بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭغا قاراتمىلىق ياردەم بېرىش» پىلانىغا ئاساسەن، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىركەتلەرنى ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنى شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەشكە رىغبەتلەندۈرگەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىركەت-كارخانىلارنىڭ مەيلى تارماق شىركەت تەرىقىسىدە بولسۇن ياكى مەبلەغ سېلىش تەرىقىسىدە بولسا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە چېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خوڭكوڭدا تەيفېڭ بورىنى سەۋەبىدىن پاراخوت ئىككىگە بۆلۈندى بۇ يىل تۇنجى ئىسسىق بەلۋاغ بورىنى كۆرۈلگەن خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز قىرغىقىدا پورتلار تاقىلىپ قالدى، بىر قىسىم ئايروپىلان ۋە پويىز مۇلازىمىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. خوڭكوڭدا «چابا» ناملىق تەيفېڭ بورىنى سەۋەبىدىن بىر پاراخوت ئىككىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، 27 نەپەر پاراخوت خادىمى غايىب بولدى. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى گۇاڭدۇڭدا سەھەردىلا قاتتىق قۇيۇن يۈز بەردى. تەخمىنەن 5 مىنۇت داۋاملاشقان ۋە 2 كىلومىتىر دائىرىگە تارقالغان قۇيۇن نۇرغۇن دەرەخلەرنىڭ قۇمۇرلۇپ كېتىشى ۋە رايوندىكى بىنالارنىڭ ئۆگزىسىنىڭ ئۇچۇشىغا سەۋەب بولدى. ناسا: «خىتاي ئاينى ئىگىلىۋېلىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن» ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى NASA نىڭ مۇدىرى بىل نېلسون خىتاي ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ سۈنئىي ھەمراھىنى قانداق يوقىتىشنى تەتقىق قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى ۋە ئاينى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. نېلسون 2035-يىلغا بارغاندا بېيجىڭنىڭ ئۆزىنىڭ ئاي پونكىتى قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، بىر يىلدىن كېيىن تەجرىبە باشلايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. نېلسون يەنە خىتاينىڭ ئايغا قونۇشىدىن «بەك ئەنسىرەپ كەتمەسلىك» كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئىمران خان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئىمران خان پۇل پاخاللىقى، نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۆرلىشى، توك ئۈزۈلۈش ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي مۇقىمسىزلىقى سەۋەبلىك ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سابىق باش مىنىستىر ۋە پاكىستان ئادالەت ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئىمران خان راۋالپىندى شەھىرىدىن پايتەخت ئىسلامئابادقا قاراپ يۈرۈش باشلىغان. خىتاينىڭ مەخپىي ھايۋان ئۆلتۈرۈش ئورنى ئاشكارىلاندى خىتايدا يۈلىن ئىت گۆشى بايرىمى يېقىنلاشقان بىر مەزگىلدە، ساقچىلار ئىتلارنى ئۇرىدىغان ۋە قىينايدىغان بىر مەخپىي ھايۋان ئۆلتۈرۈش مەركىزىنى بايقىغان. ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق بىر ھايۋاناتلار ھوقۇقى خەير-ساخاۋەت ئورگىن بۇ ھەقتە، «بىز ھېچ قاچان چىرىگەن گۆشلەر بىلەن تولغان بۇنداق غايەت زور ئۆيلەرنى ۋە ساقچىلارنىڭ چىرايىدىكى قورقۇنچلۇق ئىپادىلەرنى كۆرۈپ باقمىدۇق» دېدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur