UYGUR TV

1/12/2022 خىتاي پۈتۈن مەملىكەتتىكى نامايىشنى «تاشقى كۈچ» بىلەن باغلىدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر تۈرك ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاتتىق قوللۇق قىلىشى سەۋەبىدىن تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كەچۈرۈم سورىدى تۈرك ساقچىلارنىڭ نامايىشتا ئۇيغۇرلارغا قاتتىق قوللۇق قىلىشى سەۋەبىدىن تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ كەچۈرۈم سورىدى. 24-نويابىر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تراگېدىيە مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن 30-نويابىر كۈنى ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا جەم بولغان ئۇيغۇرلارنى تۈرك ساقچىلىرى قاتتىق قوللۇق قىلىپ تارقاپ كېتىشكە زورلىدى ۋە تۇتقۇن قىلىپ چېگارادىن چىقىرىۋېتىش بىلەن تەھدىت قىلدى. سۇلايمان سويلۇ باياناتىدا، «ساقچىلارنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداش جەريانىدا ئېغىزىدىن چىققان بەزى ئىپادىلەر مەقسەتتىن ھالقىپ كېتىپتۇ» دېگەن ۋە «بۇ كۆڭۈلسىز ۋەقە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش باشلانغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتىدىن خىتايغا چاقىرىق ب د ت نىڭ «ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتى» بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قىيىن-قىستاق، ناچار مۇئامىلە، جىنسىي زوراۋانلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىش قىلمىشلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى. شۇنداقلا لاگېر ياكى باشقا تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدىكى ئەركىنلىكىدىن خالىغانچە مەھرۇم قىلىنغان بارلىق تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان. «ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتى» نىڭ بۇ باياناتى، بىر ب د ت ئاپپاراتىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ بۇ يىل 31-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «شىنجاڭ دوكلاتى» دىن بېرى ئېلان قىلىنغان كۈچلۈك چاقىرىقىدۇر. خىتاينىڭ سابىق رەھبىرى جياڭ زېمىن 96 يېشىدا ئۆلدى خەلقئارا تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيەسى ۋە دۆلىتىنىڭ سابىق رەھبىرى جياڭ زېمىن 96 يېشىدا ئۆلگەن. خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرى جياڭنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنىڭ ئاق قان كېسىلى ۋە كۆپ ئەزانىڭ زەئىپلىشىشى دەپ ئېلان قىلدى. 1993-يىلدىن 2003-يىلغىچە خىتاي پرېزىدېنتى بولغان جياڭ زېمىن 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن مەيدانى قىرغىنچىلىقىدا تۆھپە كۆرسىتىپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان. جياڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن يىللاردا، 1997-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن 4-فېۋرال ۋەقەسىدە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈلگەن، مىڭلىغان كىشى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. خىتاي ۋە روسىيەنىڭ بومباردىمان ئايروپىلانلىرى ياپون دېڭىزىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى ئىگىلىنىشچە، خىتاي ۋە روسىيە بومباردىمان ئايروپىلانلىرى ياپونىيە دېڭىزى ۋە شەرقىي خىتاي دېڭىزىدا مانېۋىر ئۆتكۈزگەن. ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئايروپىلانلارنىڭ ياپونىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، چەتئەل ئايروپىلانلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە قارىتا، ياپونىيە ھاۋا مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ رايوندا ئۇچقانلىقى بايان قىلىندى. نىگېرىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا 60 مىليون دوللارلىق بىخەتەرلىك كېلىشىمى نىگېرىيەنىڭ كوگى شىتات ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 60 مىليون دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالىدى. كوگى ئۆلكىسىنىڭ بىخەتەرلىك مەسئۇلى ئابدۇلكەرىم سىياكا باياناتىدا بۇ ئۆلكىدىكى تېرورچىلار ۋە قوراللىق گۇرۇھ ئەزالىرىغا قارشى تۇرۇشتا يۇقىرى تېخنىكىنى ئىشلىتىش توغرىسىدا خىتاي بىلەن 60 مىليون دوللارلىق كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى ئېيتتى. خىتاي پۈتۈن مەملىكەتتىكى نامايىشنى «تاشقى كۈچ» بىلەن باغلىدى خىتاي دائىرىلىرى دۆلەت مىقياسىدا نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارنى «چەتئەل كۈچلىرى» دەپ ئاتىدى ۋە خىتاي ۋىرۇسنىڭ چەكلىمىسىدىن تويغان مىڭلىغان خىتاينىڭ ئىسياننى «دۈشمەن كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتى» دەپ تەسۋىرلىدى. دائىرىلەر نامايىشنى قاتتىق باستۇرۇش سىگنالى بەردى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur