UYGUR TV

1/4/2024 خىتاي تۈرمىسىدىكى ياشانغانلارنىڭ ئەھۋالى ئەندىشە قوزغىدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر خىتاي تۈرمىسىدىكى ياشانغانلارنىڭ ئەھۋالى ئەندىشە قوزغىدى 2017-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا ئەۋج ئالغان «قايتا تەربىيەلەش»، «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىككە زەربە بېرىش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان چوڭ تۇتقۇندا تۈرمىلەرگە قامالغانلارنىڭ ئىچىدە 55 ياشتىن ئاشقان زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جىن بونىن قۇرغان «شاھىت بىز تورى» 27-مارت كۈنى ئېلان قىلغان تىزىملىكتە تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، دىنىي ئۆلىمالار ۋە يازغۇچىلاردىن بولۇپ 60 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ تەرجىمىھالى يەر ئالغان. 2018-يىلدىن باشلاپ تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، بۇ تىزىملىكنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىچىدە پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانىدىكىلەر ئاساسەن 60 ياشتىن ئاشقان مويسىپىتلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھاياتى ئىزچىل خەۋپ ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇڭا نۆۋەتتە بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلەر بارغانچە كۈچىيىپ بارماقتا. خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى كۈچەيتىش ئاساسىدا نىزام چىقىرىشنى تەكىتلىدى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي رېجىمى نىزام چىقىرىش خىزمىتى يىغىنىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئاساسىي شوئارلىرىدىن بىرى بولغان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئومۇملاشتۇرۇش»نى چۆرىدىگەن ئاساستا نىزامنامە چىقىرىشنى تەكىتلىدى. خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 25-مارت 2024-يىللىق ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغان. يىغىندا بۇلتۇرقى يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى خۇلاسە قىلىنىپ، بۇ يىللىق نىزام چىقىرىش ۋەزىپىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ يىللىق يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى يىغىنىدىمۇ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئوزۇقلاندۇرۇش»، «دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش»نى تەكىتلىشى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىق كۈچەيتىپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە. ئاتۇشتا زىياپەت ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق رامىزانغا توسقۇنلۇق ھەم بۇزغۇنچىلىق قىلىنغان ئىجتىمائىي ئاخباراتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى رامىزان كىرگەندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ھەر خىل سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان. بۇ پائالىيەتلەردە داستىخان ھازىرلاپ ئاھالىلەرنىڭ روزا تۇتۇۋاتقان ياكى تۇتمايۋاتقانلىقىنى نازارەت قىلغان، شۇنداقلا يوشۇرۇن روزى تۇتۇۋاتقانلارنىڭ روزىسىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغان. ئاتۇشتىكى بۇ پائالىيەتلەرگە نەچچە مىڭلىغان كىشى قاتناشتۇرۇلۇپ، داغدۇغىلىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان. دويىن قاتارلىق ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سەنئەت پائالىيەتلىرى ۋە بەزمە-زىياپەتلەر رامىزان كىرگەندىن بۇيان سان ۋە داغدۇغا جەھەتتىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە ئاشقان. خىتاي ھىندىستان بىلەن تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان چېگرا رايونىدىكى جايلارغا يېڭى جۇغراپىيىلىك ئىسىم قويغان خىتاي ھىمالايا تېغىدا ھىندىستان بىلەن چېگرا تالاش-تارتىشى بولۇۋاتقان رايوندىكى بەزى جايلارغا يېڭى جۇغراپىيىلىك ئىسىم قويغان. خىتاي پۇقرالار ئىشلىرى مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان باياناتتا، خىتاي تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدىغان ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال پرادېش ئۆلكىسىدىكى بىر قىسىم ئولتۇراق رايون ۋە يەر شەكلىنىڭ ئىسمىنى «قېلىپلاشتۇرۇش» مەقسىتىدە ئۆزگەرتىلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. ھىندىستان باش مىنىستىرى مودىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا رايونغا تونېل ئېچىش زىيارىتى خىتاينىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى. تۈركىيە يەرلىك سايلىمىنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى 31-مارت ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، رەسمىي بولمىغان نەتىجىگە ئاساسلانغاندا، ئۆكتىچى پارتىيە بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى تۈركىيە مىقياسىدا 37.7 پىرسەنت ئاۋازغا ئېرىشكەن بولۇپ، 1977-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم "بىرىنجى پارتىيە» بولغان. ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى بولسا 35.5 پىرسەنت ئاۋازغا ئېرىشكەن بولۇپ، 22 يىلدىن بۇيان كىرگەن سايلاملاردا ئېرىشكەن بىلەت سانىدا تۇنجى قېتىم ئىككىچنى پارتىيە بولۇپ قالغان. 2018-يىلى قۇرۇلغان يېڭىدىن رەفاھ پارتىيىسى ھەيران قارارلىق دەرىجىدە 6.2 پىرسەنت ئاۋازغا ئېرىشكەن. ئامېرىكىغا قانۇنسىز كىرمەكچى بولغان سەككىز خىتاي پۇقراسىنىڭ جەسىتى تېپىلغان مېكسىكىدىن ئامېرىكىغا قانۇنسىز ئۆتمەكچى بولغاندا مېكسىكىنىڭ ئوكساكا شىتاتىنىڭ دېڭىز ساھىلىدا كېمىسى ئۆرۈلۈپ كەتكەن يەتتە نەپەر ئايال ۋە بىر ئەرنىڭ جەسىتى تېپىلغان. مېكسىكا دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ جەسىتى 29-مارت جۈمە كۈنى تېپىلغان بولۇپ، ئۇلار بىر كۈن بۇرۇن بىر مېكسىكىلىقنىڭ كېمىسىگە ئولتۇرۇپ يولغا چىققان. ئىگىلىنىشىچە، ئۆتكەن يىلى، 37 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي پۇقراسى مېكسىكا-ئامېرىكا چېگرىسىدا قولغا ئېلىنغان. بۇ سان ئىككى يىل بۇرۇنقىغا قارىغاندا 50 ھەسسە ئاشقان. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur