UYGUR TV

10/11/2023 ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ۋە كېڭىشى خىتايغا بارىدۇ

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر فىلىم ئىشلىگۈچى ئىكرام نۇرمەمەتنىڭ سوراق جەريانىدا قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقى ئاشكارىلانغان خىتاي ساقچىلىرى بۇ يىل 5-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن تۇتۇپ كەتكەن فىلىم ئىشلىگۈچى ئىكرام نۇرمەمەت 27-ئۆكتەبىر كۈنى سوتقا چىقىرىلغان. ئۇ سوتتا ئۆزىنىڭ سوراق جەريانىدا قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقىنى ۋە يالغان ئىقرار بېرىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى دېگەن. ئىكرام نۇرمەمەتنىڭ ئەھۋالىنى بىلىدىغانلارنىڭ «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىگە ئاشكارىلىشىچە، ئىكرام نۇرمەمەت 27-ئۆكتەبىر كۈنى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوتقا چىقىرىلغان، ئۇ «تېررورلۇق» پائالىيىتىنى تەشكىللەش ۋە «شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچى» تەشكىلاتىغا قاتنىشىش دېگەن جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئىكرام نۇرمەمەت سوتتا ئۆزى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ: «مەن قاراڭغۇ ئۆيدە 20 كۈن تۇتۇپ تۇرۇلدۇم ۋە قېيىن-قىستاققا ئېلىندىم. مەن تۈركىيەدىكى چېغىمدا ھېچقانداق تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ياكى ھېچقانداق سىياسىي پائالىيەتكە قاتناشمىدىم» دېگەن. شەرقىي تۈركىستان پاختىسى ئۇيغۇرلارغا قوللىنىلغان قۇللۇق زەنجىرىدىكى ئەڭ ئېغىر ھالقا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش مەسىلىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. چۈنكى خىتاينىڭ يەر شارى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى مونوپوللۇقى خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ پۈتۈن دۇنيانى قاپلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نەتىجىدە، تەرەققىي قىلغان غەرب دۇنياسى تەبىئىيلا خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىستېمال بازىرىغا ئايلاندى. كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىئان زېنز بۇ يىل مايدا مۇھىم دوكلات ئېلان قىلىپ، «شىنجاڭ پاختىسى» نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. دوكلاتتا بايقىلىشىچە، گەرچە خىتاي پاختا ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە ماشىنىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنى 2021-ۋە 2022-يىللىرى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى يۆتكەش ئارقىلىق پاختا تېرىشقا مەجبۇرلاش داۋاملاشقان. خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادا زور كۆلەملىك ساختا تەشۋىقات پائالىيىتىنى باشلىدى خىتاي يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانى بويىچە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدىكى ساختا تەشۋىقاتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم قازاقىستان، ئۆزبېكىستاندا ناخشا-ئۇسسۇل، شېئىر، سۈرەت شەكلىدىكى چوڭ تىپلىق تىياتىر «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشنى باشلىغان. تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى قازاقىستان، ئۆزبېكىستاندا 11-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان ناخشا-ئۇسسۇل، شېئىر، سۈرەت شەكلىدىكى چوڭ تىپلىق تىياتىر «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكىنى باشلىغان. يېلېن: ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئىقتىسادى ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ «ئاپەت» بولىدۇ ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يېللېن ئامېرىكىنىڭ خىتايدىن ئايرىلىش ئارزۇسىنىڭ يوقلىقىنى تەكىتلەپ: «ئىقتىسادىمىزنى پۈتۈنلەي ئايرىش دۆلىتىمىز ۋە دۇنيا ئۈچۈن ئىقتىسادىي ئاپەت بولىدۇ» دېدى. خەۋەر قىلىنىشىچە، يېلېن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خى لىفىڭ بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى قىلغان سۆزىدە، ئىككى كۈنلۈك ئالاقىدە مۇستەھكەم ئاساس سېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ۋە كېڭىشى خىتايغا بارىدۇ ئىگىلىنىشچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خىتاي 7-8-دېكابىر كۈنلىرى بېيجىڭدا باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلماقتا ئىكەن. تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن ۋە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلېز مىشېل تۆت يىلدىن كېيىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە ئۇچرىشىشقا قاتنىشىدىكەن. ئۆزبېكىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلاشتى ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 16-نۆۋەتلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىشى ئاخىرلاشتى. ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيويېف ساھىبخانلىق قىلغان باشلىقلار يىغىنىغا تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان، ئەزەربەيجان پرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېف، ئىران پرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى پاكىستاننىڭ ۋاقىتلىق باش مىنىستىرى ئەنۋەرۇل ھەق كاكار، تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئېمامئەلى راخمان، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى سادىر جاپاروف، تۈركىمەنىستان سەردار بەردىمۇھەممەدوف ۋە قازاقىستان باش مىنىستىرى ئەلىخان ئىسمائىلوف قاتناشقان. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur