كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر خىتاي قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش باھانىسىدا خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى كەڭ تەشۋىق قىلماقتا خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەپ ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش نىزامى»نى كۆپلەپ تەشۋىق قىلماقتا. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورى 5-نويابىر ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش نىزامى»نى قايتىدىن ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر نىزام 2022-يىل 5-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 33-يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللانغانىدى. خىتاي مەزكۇر «نىزام»نى شەرقىي تۈركىستاندا يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھەرخىل خىتايلاشتۇرۇش، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئىشقا ئاشۇرۇش، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش ئۈچۈن يولغا قويغان. پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتا پاكىستان ھۆكۈمىتى تاراتقۇلاردا بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەتتىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى كەڭ كۆلەمدە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ۋە مۇشۇ ئايدىن باشلاپ قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى باشلايدىغانلىقىنى ئىلان قىلغان ئىدى. نۆۋەتتە، پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدە ياشاۋاتقان 20 ئائىلىك يۈزدەك ئۇيغۇر بار بولۇپ، بۇ قارار ئۇلارنىمۇ ئەندىشىگە سالغان. ئىگىلىنىشىچە، پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى 1960-يىللاردا خىتاينىڭ باستۇرۇشلىرى سەۋەبلىك قەشقەر ۋە يەكەن قاتارلىق جايلاردىن ئافغانىستانغا كېلىپ پاناھلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەن. 1980-يىللاردا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى كەڭ كۆلەمدە ئافغانىستانغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغاندا، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ئافغانىستاندىن قاچقان مىليونلىغان مۇساپىرلار بىلەن بىرلىكتە پاكىستانغا كۆچمەن بولۇپ كېلىپ قالغانىكەن. خىتاي تىبەتتىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئىكار قىلدى خىتاي دائىرىلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالاھىدە دوكلاتچىلىرىنىڭ تىبەت ئاپتونوم رايونىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ يەرلىك مىللەت بالىلىرىنى رەسمىي مائارىپ ئارقىلىق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلىرىگە جاۋاب قايتۇردى. ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ تىبەت ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك مىللەتتىن تەخمىنەن 1 مىليون بالا ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، دۆلەت قارمىقىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەردە مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسىگە ئۇچرىغان. خىتاي شەخسىي كارخانىلار ئارقىلىق يادرو ماتېرىياللىرىنى ئىمپورت قىلغان خىتاي رېجىمىنىڭ خۇسۇسىي كارخانىلار ئارقىلىق يادرو قوراللىرىنى ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى ئىمپورت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. تەيۋەن رادىيوسىنىڭ 7-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي تېخنىكا ئۇرۇشىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ئىلغار ئۆزەكلەرنى ئىمپورت قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەپلا قالماي، مېخانىكىنىڭ مەنبەسى دەپ ئاتالغان ئۈسكۈنىلەر خىتاينىڭ سېتىۋېلىش نىشانىغا ئايلانغان. نىككې ئاسىيا تورىنىڭ تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي سانائەت ئورگانلىرى ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورت قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي يەنىلا ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قول خۇسۇسىي كارخانىلار ئارقىلىق، ياپونىيە، گېرمانىيە ۋە تەيۋەنگە ئوخشاش دۆلەتلەر ئېكسپورت قىلغان ئىلغار، يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىمپورت قىلغان. خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشىنى توسۇشنىڭ بىر قانچە يولى ئوتتۇرىغا قويۇلدى خىتاينىڭ خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى قالايمىقانچىلىق پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشىنى توسۇشنىڭ بىر نەچچە تۈرلۈك يولى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 8-نويابىر تاشقى ئىشلار تورىدا «خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشىنى توسۇشنىڭ توغرا يولى» سەرلەۋھەلىك ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارىتا چوقۇم ئەتراپلىق تەھدىت سېلىش ئىستراتېگىيەسىنى قوللىنىپ، خىتاينىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىشى ياكى قامال قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى، گەرچە ھەربىي ئىقتىدار مۇھىم بولسىمۇ، ئەمما چەكلەشتە سىياسىي ۋە پىسخولوگىيەلىك قايىل قىلىش تەدبىرى بولۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. ماقالىدە ئامېرىكا خىتاينى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشتىن چەكلىمەكچى بولىدىكەن، چوقۇم تەيۋەننى ئېنىق ۋە قەتئىي قوللايدىغانلىقى ھەققىدە سىگنال بېرىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى: خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇش كېرەك ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يېللېن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خى لىفىڭ بىلەن «ئالاقىنى كۈچەيتىش» كە قوشۇلغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ قەرز مەسىلىسىدىن تارتىپ كېلىمات ئۆزگىرىشكە مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگىچە دۇنياۋى خىرىسلار ئۈستىدە ئورتاق تىرىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur