UYGUR TV

11/2/2024 ئىراندىن قايتۇرۇلغان ئوبۇلھاشىم تۇرسۇننىڭ 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر قازاقىستان ساقچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا تۇغقانلىرى ئۈچۈن نامايىش قىلغان گۇرۇپپىغا يەنە يول قويمىدى 8-فېۋرال پەيشەنبە، ئالمۇتا ساقچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغقانلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇشىنى تەلەپ قىلغان بىر تۈركۈم قازاق پۇقرالىرىنىڭ كونسۇلخانىسىغا بارىدىغان يولنى يەنە بىر قېتىم توسقان. ئىلگىرىكى نۇرغۇن ۋەقەلەرگە ئوخشاش، ساقچىلار كونسۇلخانا جايلاشقان جايدىن نەچچە ئون مېتىر يىراقلىقتىكى بەيتاسوۋا كوچىسى بىلەن سنېپېرسكىي يولىنىڭ كېسىشىش ئېغىزىدا نامايىشچىلارنى توسقان. نامايىشقا قاتناشقانلاردىن بىرى بولغان 68 ياشلىق خالىدا ئاكىتان ساقچىلارغا ئۆزىنىڭ ئۈچ ئوغلى، كېلىنى ۋە نەۋرىلىرى بىلەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئابدۇۋەلى ئايۇپ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىللارنى قوغداش كومىتېتى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر شەخس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئامېرىكا تىلشۇناسلىق جەمئىيىتى قارىمىقىدىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىللارنى قوغداش كومىتېتى نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ۋە تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تىلشۇناسلىق مۇنەۋۋەر مۇكاپاتى بەرگەن. مەزكۇر كومىتېت ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ئۈچۈن قىلغان خىزمىتى ۋە ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىگە باھا بېرىپ مۇنداق دېگەن: «ئابدۇۋەلى ئايۇپ ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىگە بېغىشلىغان. بولۇپمۇ خەتەرگە قارىماي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساقلىنىشى ۋە داۋام قىلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ئابدۇۋەلىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنى تىلشۇناسلىق مۇنەۋۋەر مۇكاپاتىغا لايىق كۆردۇق». ئابدۇۋەلى ئايۇپ بىر مەزگىل تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن 2015-يىلى تۈركىيەگە كەلگەن بولۇپ، 2019-يىلىدىن بۇيان نورۋېگىيەدە ياشىماقتا. ئىراندىن قايتۇرۇلغان ئوبۇلھاشىم تۇرسۇننىڭ 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر ئوبۇلقاسىم تۇرسۇن، ئىنىسى ئوبۇلھاشىم تۇرسۇننىڭ 2018-يىلى 3-ئايدا ئىراننىڭ ئىمام ھۇمەينى ئايرودۇرۇمىدا تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغانىدى. يېقىندا، ئۇنىڭ 15 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭغا چېتىلىپ 12 كىشىنىڭ جازا ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىراندىن قايتۇرۇۋېتىلگەن ئوبۇلھاشىم تۇرسۇن ھەققىدە، ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى ئاكىسى ئوبۇلقاسىم تۇرسۇن، ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە، ئۇنىڭ قەشقەردە تۈرمىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە غەيرىي رەسمىي بىر ئۇچۇر ئالغان. ئەمما، ئۇ بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا خاتالىقى ۋە توغرا بولسا جازا مۇددىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەن. ئارگېنتىنانىڭ خىتايدىكى دوستلۇق مۇسابىقىسى مېسسى سەۋەبلىك ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىنىڭ 3-ئايدا خىتايدا ئويناشنى پىلانلىغان دوستلۇق مۇسابىقىسى پۇلبول چولپىنى مېسسىغا بولغان ئىنكاسلار سەۋەبلىك ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. مېسسىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە خوڭكوڭدىكى مۇسابىقىدە سەھنىگە چىقماسلىقى زور غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، ئارگېنتىنانىڭ كېلەر ئاي خىتاينىڭ خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان نىگېرىيە بىلەن بولغان دوستلۇق مۇسابىقىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تەسىر كۆرسەتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئىنتېر مايامى كوماندىسى بىلەن خوڭكوڭ رايون كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە مېسسى مۇسابىقىگە قاتناشمىغانلىقى ئۈچۈن، تاماشىبىنلارنىڭ بېلەت پۇلىنىڭ يېرىمى قايتۇرۇلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان. شىۋىتسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى چېگراسىغا ئەسكەر ئەۋەتىدۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن كۈن ھېسابلاۋاتقان شىۋىتسىيە ئىتتىپاقنىڭ كۈچەيتىلگەن ئالغا ئىلگىرىلەش (EFP) جەڭ گۇرۇپپىسى دائىرىسىدە لاتۋىيەگە ھەربىي قىسىملارنى ئەۋەتىدۇ. مەلۇم بولۇشىۋە، ستوكھولم ناتو قارمىقىدىكى لاتۋىيەگە تەخمىنەن 600 دىن 800 گىچە ئەسكەر ۋە ئېغىر تىپتىكى برونېۋىك ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ئەۋەتىدىكەن. پاكىستاندا ئىككى سابىق باش مىنىستىر سايلامدا غەلبە قىلغانلىقىنى ئىلان قىلدى پاكىستاندا ئىككى سابىق باش مىنىستىر سايلامدا غەلبە قىلغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، پاكىستان ئارمىيىسى باش شىتاب باشلىقى بۇ دۆلەتنى «ھۆكۈمەتسىزلىك ۋە قۇتۇپلىشىش» تىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى. ئىگىلىنىشىچە، نەتىجىلەر ئاساسەن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تۈرمىدىكى سابىق باش مىنىستىر ئىمران خان بىلەن باغلانغان مۇستەقىل كاندىداتلار پارلامېنتتا كۆپ سانلىق ئورۇنغا ئېرىشكەن. ئارمىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن سابىق باش مىنىستىر ناۋاز شەرىف بولسا غەلبە قىلغانلىقىنى جاكارلاپ، باشقا پارتىيەلەرنى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشقا چاقىرغان. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur