UYGUR TV

12/2/2024 ئەتكەس مەھسۇلات سودىسىدا خىتاي دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر تۈركىيە پۇتبول ساھەسى خىتاي باش كونسۇلىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاقلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى سابىق باش كونسۇلى سۈي ۋېينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاقلىغان ۋە ئۇيغۇرلارنى ھاقارەت قىلغان سۆزلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قايتا كۈنتەرتىپكە كېلىپ غۇلغۇلا قوزغىدى. تۈركىيەنىڭ داڭلىق پۇتبول كۇلۇبلىرىدىن «ترابزون سپور» خىتاينى ئەيىبلىدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىردى. 2019-يىلى تارقالغان سىندا، باش كونسۇل سۈي ۋېي شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ئاقلاپ، «ئۇيغۇرلارنى مېڭىسىدە كېسەل بار، بىز ئۇلارنى ئىختىيارى ئېلىپ كېرىپ داۋاملايمىز ۋە كەسپىي ماھارەت ئۆگىتىمىز» دېگەن. بۇ سىن قايتا ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ پۇتبول كوماندىسى گالاتاساراينىڭ داڭلىق ماھىرى مۇھەممەد كېرەم ئاقتۈركئوغلۇ 10-فېۋرال «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» دېگەن خەتكۈچ بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ: «ئۇلارنىڭ مېڭىسى كېسەل ئەمەس؛ ئەسلى ئۇ كىشىلەرنى ئائىلىسىدىن زورلاپ ئايرىپ، جازا لاگېرلىرىغا ئاپىرىدىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق روھىي ھالىتى كېسەللىكتۇر» دەپ ئىنكاس قايتۇردى. ئىرقىي قىرغىنچىلىققا چېتىلغان گېرمانىيە شىركىتى شەرقىي تۈركىستاندىن چېكىنىشكە باشلىدى گېرمانىيە خىمىيە شىركىتى BASF ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولۇش بىلەن كۆپلەپ تەنقىدكە ۋە بېسىمغا ئۇچرىغان بولۇپ، شىركەت 9-فېۋرال شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىككى خىتاي شىركىتى بىلەن ھەمكارلىقىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى، مەزكۇر شىركەتلەردىكى پېيىنى تېزلىكتە ساتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. گېرمانىيە خىمىيە شىركىتى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ كورلىدىكى ئىككى ئىشلەپچىقىرىش ئورنىنىڭ رىقابەت بېسىمى ۋە تەمىنلەشنىڭ ئېشىشىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئاللىبۇرۇن چېكىنىش باسقۇچىغا ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىلگىرى گېرمانىيە شىركىتى BASF ھەمكارلاشقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نوپۇسىنى كونترول قىلىش ۋە باستۇرۇشقا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغانىدى. فىلىپپىن خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنى خەتەرلىك يېقىنلىشىش بىلەن ئەيىبلىدى فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى تارقاتقان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان كۆرۈنۈشلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 8-فېۋرال پەيشەنبە كۈنى خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ بىر قانچە پاراخوتى فىلىپپىننىڭ تېرېسا ماگبانۇئا ئىسىملىك 97 مېتىر كېلىدىغان پاراخوتىنى خەتەرلىك ھالدا توسۇۋالغان. خىتاي بىلەن فىلىپپىن ئارىسىدىكى دېڭىز ئىختىلاپلىرى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلمەكتە. پولشا گېرمانىيە ۋە گوللاندىيە بىلەن «ھەربىي شەنگەن» كېلىشىمى ئىمزالىدى پولشا ھۆكۈمىتى «ھەربىي شەنگەن» دەپ ئاتالغان بىر كېلىشىمگە قاتناشقان، ياۋروپانىڭ بۇ تەشەببۇسى قاتناشقان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى ئاسانلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن. گېرمانىيە ۋە گوللاندىيەمۇ ئىمزالىغان بۇ كېلىشىم ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى تەھدىتكە قارشى كونكېرت قەدەم بولۇپ، ھەم ئۇكرائىنا بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقىنى نامايەن قىلغان، ھەم تېز ياردەم كارىدورى قۇرغان. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەمەلدارى ئىسرائىلىيەنى رافاھقا ھۇجۇم قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى جوسېف بوررېل: رافاھ شەھىرىدىكى 1 مىليون 700 مىڭ پەلەستىنلىكنىڭ قېچىپ كېتىدىغان يېرى يوق. ئىسرائىلىيەگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ رافاھقا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، دېدى. يەنە بىر تەرەپتىن، مىسىر ھۆكۈمەت دائىرىلىرى «ئەگەر ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى غەززەنىڭ رافاھ بازىرىغا كىرسە، ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان لاگېر داۋىد تىنچلىق كېلىشىمى توختىتىلىدۇ» دېدى. ئەتكەس مەھسۇلات سودىسىدا خىتاي دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ ئامېرىكا سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى 2023-يىلى دۇنيا مىقياسىدا ساختا ۋە ئەتكەس مەھسۇلاتلار سودىسى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. تەييارلانغان دوكلاتتا، خىتاينىڭ 2023-يىلى ئەتكەس مەھسۇلات سودىسىدا دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. ئامېرىكا تاموژنىسى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەن ئەتكەس مەھسۇلاتلارنىڭ% 75 ىنىڭ خىتايدىن كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur