UYGUR TV

12/4/2024 زۇمرەتئاي ئەركىن روزۋېلت ئەركىنلىك مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋالدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر زۇمرەتئاي ئەركىن روزۋېلت ئەركىنلىك مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋالدى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى، قۇرۇلتاي ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋە قۇرۇلتاي خەلقئارا ئالاقە بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن 2024-يىللىق روزۋېلت ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا تاللانغان بولۇپ، بۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئىپتىخارلاندۇرغان ئىدى. زۇمرەتئاي ئەركىن تۈنۈگۈن، ئامېرىكىنىڭ 32-پىرېزىدېنتى روزۋېلتنىڭ ئانا يۇرتى ۋە روزۋېلت فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەركىزى جايلاشقان گوللاندىيەنىڭ مىددەلبۇرگ شەھىرىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن كەلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلارنىڭ قاتنىشىشىدا ئۆتكۈزۈلگەن داغدۇغىلىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا «روزۋېلت ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نى تاپشۇرۇپ ئالغان. ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار بىرلىكتە ھېيتلاشتى 11-ئاپرىل پەيشەنبە كۈنى، ئىستانبۇل سافاكۆيدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قورۇسىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ساھىپخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە، ھەر قايسى تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەردىن، شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ نۇرغۇن كىشى قاتناشتى. پائالىيەتتە سۆز قىلغان تەشكىلات مەسئۇللىرى، ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى خەلقىمىزنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، تەشكىلاتلار ئارىسدىكى ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىقنى، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىزنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇيغۇر قانلىق ئەمگىكىنى ئىشلىتىدىغان شېيىننى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى ئەرزان باھالىق كىيىم-كېچەكلىرى بىلەن دۇنيا مىقياسىدا تونۇلغان خىتاي تور تېز مودا پارچە سېتىش شىركىتى شېيىننى مەھسۇلاتلىرىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن بايقۇت قىلىش چاقىرىلدى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار روزا ھېيتنى تەبرىكلەۋاتقان بىر پەيتەە، چىكاگودا تۇرۇشلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «ھەممەيلەن ئۈچۈن ئادالەت» مۇسۇلمان ئاياللارنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق دەپ ئەيىبلىگەن شېيىننى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى. ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ مەسئۇلى ئارسلان ھىدايەت: شېيىننىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئەيىبلىشى ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كەلگەن بېسىمىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنىڭ بىر ئىشارىتى، دېدى. ترۇدو: خىتاي كانادا سايلىمىغا ئارىلاشماقچى بولغان كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو رەسمىي تەكشۈرۈشتە، خىتاينىڭ كانادانىڭ يېقىنقى ئىككى قېتىملىق سايلىمىغا ئارىلىشىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، ئەمما سايلام نەتىجىىسىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىمىغانلىقىنى، بېيجىڭنىڭ ھەر قانداق بىر پارتىيىنى يەنە بىرسىگە قارشى قوللىشىنىڭ «مۇمكىن ئەمەس» لىكىنى ئېيتتى. ترۇدو 2019-ۋە 2021-يىللىرىدىكى كانادا سايلىمىغا چەتئەلنىڭ ئارىلىشىۋالغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى ئاشكارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشتىن ئىلگىرى چارشەنبە كۈنى قەسەم بەرگەن باياناتىدا، ئۆزى ئېرىشكەن ئىستىخبارات دوكلاتلىرى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، سايلامنىڭ «ئەركىن ۋە ئادىل» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بېيجىڭدا زىيارەتتە بولغان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رەھبىرى شى جىنپىڭ سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف بىلەن كۆرۈشكەن. شى جىنپىڭ بۇ يىل ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «خىتاي بىلەن رۇسىيە چوڭ دۆلەتلەر ۋە قوشنىلار ئارا ئىناق ئۆتۈش ۋە ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشنىڭ يېڭى دەۋرىگە قەدەم قويدى، بۇ ئىككى دۆلەتكە ھەمدە ئۇلارنىڭ خەلقىگە پايدىلىق، ئۇ يەنە خەلقئارا ئادالەت ۋە باراۋەرلىككە ئەقىل ۋە كۈچ ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەن. ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە خىتايغا قارشى ھەربىي مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتكەن ئامېرىكا ۋە ياپونىيە خىتاي بىلەن بولغان جىددىيلىككە قارشى مۇداپىئە ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشكە قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن ئاقسارايدا ياپونىيە باش مىنىستىرى فۇمىئو كىشىدانىڭ شەرىپىگە ئۆتكۈزۈلگەن كەچلىك زىياپەتتە سۆز قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقتا ھازىرغىچە «ئەڭ چوڭ تەرەققىيات» نىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بايان قىلدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur