UYGUR TV

12/9/2023 پۇتىن: ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتى ئەزەربەيجاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوبۇل قىلدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ئانارخان قاناتبەكنىڭ ئېغىر كېسەل ھالىتىدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقى دەلىللەندى مۇھاجىر گۈلپىيە قازىبەكنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ2017‏‏-يىلى 67 ياشقا كىرگەن ئانىسى ئانارخان قازىبەكنىڭ مېڭىسىدە ئۆسمە بايقىلىپ، بۇ ئۆسمىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئائىلىسى پۇل تەييارلاۋاتقان مەزگىلدە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 8 ئايدىن كېيىن، 2018-يىلى 7-ئايدا 12 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. ئانارخاننىڭ پەرزەنتلىرى، دوختۇرخانىنىڭ بۇ ھەقتىكى رەسمىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يۈرەك، شېكەر ۋە مېڭە يىگلەش قاتارلىق كېسەللىرىنىڭ دىياگنوزلىرىنى كۆرسىتىپ جازانى سىرتتا ئۆتەشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ساقچىلار بۇ تەلەپكە پەرۋا قىلمىغان. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئانارخان قاناتبەكنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى بايكۆل ئاياللار تۈرمىسىدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشقان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇنىڭ كېسەل ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كەتكەن. ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان تۈرمە خادىملىرىدىن بىرى، ئانارخان قاناتبەكنىڭ كېسەل ھالىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى، تۈرمە مەشغۇلاتلىرىغا ماسلىشالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا بىرقانچە قېتىم داۋالىتىلغان بولسىمۇ، سالامەتلىكىدە بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ياخشىلىنىش بولمىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى تەنقىدكە ئۇچرىدى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تارماق ئورگىنى بولغان خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغانلىقىغا قارىتا بايانات ئېلان قىلدى. نىككېي ئاسىيانىڭ 4-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى ئەمگەك ئۆلچىمى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى كورىننا ۋارگا باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم ۋەكىللەر شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، خەلقئارا تاراتقۇلاردىن يوشۇرۇن دېگۈدەك داۋاملاشقان بۇ زىيارەت خىتاي يەرلىك تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن دۇنيا جامائەت پىكىرىدە شەكىللەنگەن مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا ئەمگەك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش پۇرسىتى دەپ قارالغان. باياناتتا، «خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئاشكارىلاپ، خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا ئالدانماي، ئىشەنچلىك مەنبەلەر بىلەن خەلقئارا جامائەت پىكىرىنى خەۋەردار قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز». دېيىلدى. بايدىن ۋېيتنام بىلەن خىتاينىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش ئەۋزەللىكىگە قارشى كېلىشىم ھاسىل قىلدى ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدىن يىراق شەرق سەپىرىدە خىتاينىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ مونوپوللۇقىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ۋېيتنام بىلەن سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى. بايدىن ۋېيتنام پرېزىدېنتى ۋان ۋۇ تۇڭ ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ باشلىقى ۋوڭ دىنخ خۇ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ۋېيتنام زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. ئىككى رەھبەر سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ۋېيتنامنىڭ يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەر سەۋىيىسىگە يېتىش پىلانى ۋە پاكىز ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئۆتۈش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى. بايدىن يەنە ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رەھبەرلىرى يىغىنىدا تۇڭنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم روسىيەدە: پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننى ئېلىپ ماڭغان برونىك پويىز روسىيە زېمىنىغا كىردى. كىمنىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. روسىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كىمنى ئېلىپ ماڭغان برونىك پويىز ئەتىگەندە روسىيە چېگراسىدىن ئۆتۈپ، يىراق شەرق فېدېراتسىيە رايونىنىڭ پىرىمورسكىي كرايدىكى خاسان پويىز ئىستانسىسىغا يېتىپ كەلگەن. خىتاينىڭ شەندۇڭ ئاۋىئاماتكىسى تەيۋەن ئارىلىغا يېقىنلاشتى تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى خىتاينىڭ شەندۇڭ ئاۋىئاماتكىسىنىڭ تەيۋەنگە يېقىن ئەتراپتا يۈرۈش قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. مىنىستىرلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئىلان قىلغان باياناتىدا خىتاي ئاۋىئاماتكىسىنىڭ تەيۋەننىڭ جەنۇبىغا 60 دېڭىز مېلى كېلىدىغان جايدىن ئۆتكەنلىكى بىلدۈردى. بۇ ئىشنىڭ 9-سېنتەبىر ئامېرىكا ۋە كانادا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئىككى ئۇرۇش پاراخوتى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەندىن كېيىن يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم. پۇتىن: ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتى ئەزەربەيجاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوبۇل قىلدى روسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن: «ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتى ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغ ئۈستىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوبۇل قىلدى، مېنىڭچە ئەرمېنىيە رۇسىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىقىدىن ۋاز كەچمىدى، بىزنىڭ ئەرمېنىيە ۋە پاشىنيان بىلەن بىر مەسىلىمىز يوق» دېدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur