UYGUR TV

13/08/2022 شەرقىي تۈركىستاندا قامال داۋاملاشماقتا

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر شەرقىي تۈركىستاندا قامال داۋاملاشماقتا خىتاينىڭ چەكتىن ئاشقان كارانتىن تەدبىرلىرى ئۇيغۇرلار ھاياتىغا ئۈستى-ئۈستىلەپ قىيىنچىلىق تۇغدۇرماقتا. ئىگىلىنىشىچە، بارلىق ئىدارە-ئورگانلاردا، ئولتۇراق رايونلىرىدا بىرلا كىرىش-چىقىش ئېغىزى قالدۇرۇلىدىكەن، بارلىق ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىدىن سىرتقا چىقىشى چەكلىنىدىكەن، خىلاپلىق قىلغۇچىلار تۇتۇپ تۇرۇلىدىكەن. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ كۈنلەردە غۇلجا ناھىيەسىنىڭ مازار، دۆڭمازار، ئۈچئون يېزىلىرىدا، مەھەللە كادىرلىرى ساقچىلار بىلەن بىرلىكتە مەھەللە تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، قامال تۈزۈملىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتىكەن. مەلۇم بولۇشىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يوقۇملانغۇچىلار ئىكەن. خىتاي شىركەتلىرى ئامېرىكىدىن چېكىنىدۇ خىتايدىكى بەش چوڭ ئاممىۋى شىركەت ئۆزلىرىنىڭ بازارغا سېلىنغان ئامېرىكا ئاكسىيە بىرژىسىدىن چېكىنىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي ئۆمۈر سۇغۇرتا شىركىتى، خىتاي نىفىت شىركىتى، خىتاي نېفىت ۋە خىمىيە سانائىتى شىركىتى، خىتاي ئاليۇمىن شىركىتى ۋە سىنوپېك شاڭخەي نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى ئامېرىكا پاي بازىرىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى. خىتاي ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى بۇ شىركەتلەرنىڭ سودا ئەندىشىسىنىڭ ئامېرىكا پاي بازىرىدىن چېكىنىش پىلانىدا مۇھىم تەسىرى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خىتاي يەنە ئامېرىكىنى ئەيىبلىدى خىتاينىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ خەنخۇي ئۇكرائىنا كرىزىسىنىڭ «ئاساسلىق كۈشكۈرتكۈچىسى» دەپ ئاتىغان ئامېرىكىنى ئوخشاش تاكتىكىلارنى ئىشلىتىپ، ئۇكرائىنا ۋە تەيۋەندىكى توقۇنۇشقا «قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى. باش ئەلچى روسىيەنىڭ TASS خەۋەر ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى كېڭەيتىش ۋە موسكۋانىڭ ئورنىغا ئۇكرائىنانى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ماسلاشتۇرماقچى بولغان كۈچلەرنى قوللاش ئارقىلىق روسىيەنى «بۇلۇڭغا قىستىغانلىقىنى» ئېيتتى. جاڭ خىتاي-روسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ «ئۆز-ئارا ئىشىنىش، ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. قازاقىستان روسىيەنىڭ تەھدىتىگە باش ئەگمىدى نېفىتنى رۇسىيە ئارقىلىق دۇنيا بازىرىغا توشۇيدىغان قازاقىستان روسيەنىڭ تاقاش تەھدىتىگە قارشى يېڭى بىر تۇرۇبا يولى تېپىش تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىدە نېفىتىنى ئەزەربەيجاننىڭ ئەڭ چوڭ تۇرۇبا يولى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىشقا تەييارلانماقتا. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا، قازاقىستاننىڭ خام نېفىت ئېكسپورتى دۇنيادىكى تەمىنلەشنىڭ تەخمىنەن% 1 نى ئىگىلەيدىكەن، كۈنىگە 1 مىليون 400 مىڭ تۇڭ ئەتراپىدا ئىكەن. ئەنگىلىيەدە قۇرغاقچىلىق ئېلان قىلىندى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە تۆۋەن ھۆل يىغىن كۆرۈلگەندىن كېيىن ئىلان قىلغان باياناتىدا رەسمىي قۇرغاقچىلىق ئىلان قىلدى. سۇ كرىزىسى سەۋەبىدىن پۇقرالار بازارغا توپلانغان ۋاقىتتا، بوتۇلكىلىق سۇ سېتىشقا چەكلىمە قويۇلدى. ئەنگىلىيەدە ئەڭ ئاخىرقى قۇرغاقچىلىق 2018-يىلى يازدا ۋە ئىلگىرى 2011-يىلى يازدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ يىل 7-ئايدا 1935-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 40 سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى بولغان. دائىرىلەر ئالاقزادە بولۇشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى ۋە زۆرۈر تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىلغانلىقىنى بايان قىلىپ، كىشىلەردىن سۇ ئىشلىتىشتە ئېھتىيات قىلىشنى تەلەپ قىلدى. زېلېنسكىيدىن قوماندانلارغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى 170-كۈنىگە قەدەم قويغان بىر ۋاقتتا، ئۇكرائىنا رەھبىرى زېلېنسكىي چەتئەل ئاخباراتلىرىغا رۇسىيەگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇش تاكتىكىسى ھەققىدە بايانات بەرگەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. زېلېنسكىي ئارمىيەنىڭ ئۇرۇش تاكتىكىسىنىڭ مەخپىي بولۇشى كېرەكلىكىنى ، مەتبۇئاتلارغا بۇ توغرىلىق سۆزلەشنىڭ «ئېنىق مەسئۇلىيەتسىزلىك» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur