UYGUR TV

13/9/2023 گۈلشەن ئابباسنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ بەش يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر گۈلشەن ئابباسنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ بەش يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى روشەن ئابباسنىڭ ھەدىسى دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بەش يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تەشكىلات ۋە شەخسىلەر ئاممىۋى تاراتقۇ ھېسابلىرىدا ياكى تور بەتلىرىدە مەخسۇس بايانات ئىلان قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئىلان قىلىپ، خىتايدىن گۈلشەن ئابباسنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەردىن يېڭىدىن رەفاھ پارتىيىسى، ئىيى پارتىيە ۋە كېلەچەك پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئىلان قىلدى. ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكۇلاس بۇرنس 11-سېنتەبىر كۈنى تىۋېتتر، يەنى ھازىرقى X دا ئۇچۇر يوللاپ، گۈلشەن ئابباس ۋە باشقا بارلىق تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. خىتاي يېڭى ئېلان قىلغان قانۇن تۈزىتىش لايىھەسى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھەپتە ئاتالمىش «ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنى»نىڭ تۈزىتىش لايىھەسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بىر قىسىم يېڭى ماددىلار كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىماقتا. خىتاي دائىرىلىرى ئالدىنقى ھەپتە ئاتالمىش «ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنى»نىڭ تۈزىتىش لايىھەسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ 17 يىلدىن بۇيان مەزكۇر قانۇنغا تۇنجى قېتىم ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ھېسابلىنىدىكەن. تۈزىتىلگەن لايىھەسىدە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى روھى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھېسسىياتى»غا زىيان يەتكۈزىدىغان كىيىم-كېچەكلەر، زىننەت بۇيۇملىرىنى كىيىش، تاقاش، قالايمىقان سۆز-ھەرىكەتلەردە بولۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەرگە جازا بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتايدا ئەمدى دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى يوقاپ كەتتى خىتايدا سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن كېيىن، بۇ قېتىم دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوقاپ كەتتى. خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي مۇداپىيە مىنىستىرى لى شاڭفۇ 15 كۈندىن بۇيان ئاممىۋى سورۇنلادا كۆرۈنمىگەن. لى ئاخىرقى قېتىم 29-ئاۋغۇست بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇنبەردە سۆز قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق پائالىيەتكە قاتناشمىغان ۋە ئاممىۋى سورۇندا كۆرۈنمىگەن. لىنىڭ تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىشى سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭنى كىشىلەرنىڭ ئېسىگە ئالدى. بىر ئاي يوقاپ كەتكەن چىن گاڭ كېيىن مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئىدى. قازاقىستاننىڭ تۈركىيەگە «ئانادولۇ» سوۋغىسى قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توقايېف ئاستانەدە رەسمىي زىيارەتتە بولغان تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاكان فىداننى قوبۇل قىلغان. كۆرۈشۈشتە توقايېف تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاستانەدىكى بىر كوچىغا «ئانادولۇ» دەپ نام بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. پۇتىن شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم بىلەن كۆرۈشتى روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن روسىيەنىڭ ئامۇر رايونىدىكى ۋوستونچىنىي ئالامە قاتنىشى بازىسىدا كۆرۈشتى. خەۋەر قىلىنىشىچە، ئىككى رەھبەر يېڭى بازىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغان بولۇپ، «ئانگارا» ئالەم راكېتاسى قويۇپ بېرىش ماشىنىسىنىڭ قۇراشتۇرۇش سېخى، «سويزۇ -2» ئالەم كېمىسىنىڭ قويۇپ بېرىش مەركىزى ۋە «ئانگارا» ماشىنىسى ئۈچۈن قۇرۇلۇۋاتقان قويۇپ بېرىش مەيدانىنى كۆزدىن كەچۈرگەن. لىۋىيەدىكى كەلكۈندە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئالتە مىڭغا يەتتى لىۋىيە دۆلەتلىك ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى كەلكۈن ئاپىتىدە 6 مىڭ كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، مىڭلىغان كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بالتىق دۆلەتلىرى رۇسىيەنىڭ نومۇر تاختىسى بار ماشىنىلارنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلىدى ئېستونىيە، لاتۋىيە ۋە لىتۋادىن ئىبارەت ئۈچ بالتىق دېڭىزى دۆلىتى رۇسىيەنىڭ نومۇر تاختىسى بار ماشىنىلارنىڭ بۈگۈندىن باشلاپ بۇ دۆلەتلەرگە كىرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur