UYGUR TV

14/05/2022 خىتايدا قولغا ئېلىنغان مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇر تىزىملىكى ئاشكارىلاندى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر خىتايدا قولغا ئېلىنغان مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇر تىزىملىكى ئاشكارىلاندى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىستېمىلىق باستۇرۇشىدا، تەتقىقاتچىلارنىڭ مۆلچەرىچە، مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ئاتالمىش «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە مەخپىي تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرى ۋە تۈرمىلەردە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. يېقىندا ئاشكارلانغان بىر ھۆججەت ئاقىۋىتى نامەلۇم نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ خىتاي تەرىپىدىن تۇرۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ياكى كېسىۋېتىلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. نۇرسىمانگۇل ئابدۇرېشىد تۇغقانلىرى بۇ تىزىملىككە كىرگەن مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ بىرى. ھازىر تۈركىيەدە ياشايدىغان نۇرسىمانگۈلنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى بەش يىل ئىلگىرى ئۈزۈلگەن. ئۇيغۇرلار جەنۋەدە نامايىش قىلىپ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ «شىنجاڭ دوكلاتى» نى ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلدى ياۋروپادىكى ھەر قايسىي دۆلەتلىرىدىن كەلگەن يۈزلىگەن ئۇيغۇر نامايىشچى، لاگېر شاھىتلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭ تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى 13-ماي ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى بىناسى ئالدىدا ئاخبارات يىغىنى ۋە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، يېقىندا شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىدىغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتقا چاقىرىق قىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، شىۋىتسارىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى لورېنس فېلمان-رىئېلل، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ جەنۋە دېرىكتورى جون فىشېر ۋە ياۋروپا تىبەت ياشلار تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دالخا خارسار نامايىشچىلار ئارىسىدا يەر ئالدى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى خىتاي تەسىرىگە قارشى ئامېرىكىنىڭ قوللىشىنى كۈتمەكتە ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى ئاقسارايدا كۆرۈشتى. مەلۇمكى، باشلىقلار يىغىنىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەڭ مۇھىم قارالمىسى خىتاينىڭ رايوندىكى تەسىرىنىڭ ئېشىشى. ئاقساراي بۇ باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ئامېرىكا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا كېلىمات، تەرەققىيات، مائارىپ، دېڭىز-ئوكيان ساھەسىدىكى ھەمكارلىق ۋە دۇنيا سەھىيە بىخەتەرلىك مەسىلىسى قاتارلىق تېمىلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ياپون يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ روسىيەگە ئېكسپورت قىلىشىنى چەكلەيدۇ ياپونىيە ھۆكۈمىتى يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ روسىيەگە ئېكسپورت قىلىنىشىنى چەكلەشنى تەستىقلىدى. ياپونىيەنىڭ ئېكسپورت قىلىشىنى چەكلىگەن يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار ئىچىدە 3D پرىنتېر، كىۋانت ھېسابلاش ئۈسكۈنىسى، ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ ۋە ماي پىششىقلاپ ئىشلەش كاتالىزاتورىنىڭ بارلىقى كۆرسىتىلدى. بۇ چەكلەش بۇيرۇقى 20-مايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشى دۈشەنبەدە ئۆتكۈزۈلدى مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشى تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا، ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سىياسىي، سودا-ئىقتىساد، بىخەتەرلىك، مەدەنىيەت، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئىلمىي ھەمكارلىق مەسىلىلىرى، شۇنداقلا رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. مىنىستىرلار كېلەر قېتىملىق يىغىننى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى قازاقىستاننىڭ پايتەختى نۇر-سۇلتاندا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى. شىۋىتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش دوكلاتى تەييارلاندى شۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى 8 پارتىيە تەييارلىغان دوكلاتتا، ئەگەر شىۋېتسىيە ناتوغا ئەزا بولسا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ 5-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شىۋېتسىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شىۋىتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىندې دوكلاتتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئارقىلىق شىۋىتسىيەنىڭ ناتونىڭ كوللېكتىپ بىخەتەرلىكىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. تۋىتتېرنىڭ سېتىلىشى توڭلىتىلدى تېخنىكىغا مەبلەغ سېلىش بىلەن داڭ چىقارغان ئامېرىكىلىق مىلياردېر سودىگەر ئېلون ماسك ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى تۋىتتېرنى سېتىۋېلىش ئىشىنىڭ ھازىرچە توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ماسك سېتىش جەريانىنى تاماملاشتىن بۇرۇن تۋىتتېردىكى ھەقىقىي بولمىغان ئابونتلارنىڭ نىسبىتىنى ھېسابلاشنى ساقلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur