UYGUR TV

14/2/2024 ب د ت: غەززەدىكى% 30 مەكتەپ بىۋاسىتە بومباردىمان قىلىندى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر يېڭى دوكلات شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى "سىياسەت" تورى مەخسۇس كۆزدىن كەچۈرگەن يېڭى تەتقىقاتقا قارىغاندا، خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر كىشىلىك دەپسەندىچىلىكىگە دائىر تەپسىلاتلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان ب د ت دوكلاتى ئىلان قىلىنىپ ئىككى يىلدىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشى داۋاملاشماقتا. بۇ بايقاش غەرب پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىپ، رايوندىن مەھسۇلات ئىمپورت قىلىشنى تېخىمۇ چەكلىشى مۇمكىن. كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە جەمئىيىتىنىڭ نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىسى ئاكادېمىك ئادرىئان زېنزنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىدىغان دوكلاتىغا قارىغاندا، 2023-يىلى ئۇيغۇر لارنىڭ ئاتالمىش «ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىشى ئالدىنقى يىللاردىكىدىن ۋە دۆلەت بەلگىلىگەن نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن. ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا چېتىشلىق خىتاي تېخنىكا شىركىتى ب د ت نىڭ «سىجىللىق تەشەببۇسى» غا قاتناشقان خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى كەڭ كۆلەمدە كۆزىتىشى ۋە تۇتۇپ تۇرۇشىدا ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى كۆزىتىش ماگناتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ۋە «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» گە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان «سىجىللىق تەشەببۇسى» غا قاتناشماقتا ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ سودا قارا تىزىملىكىگە كىرگەن خەيكاڭ شىۋېي شىركىتى سەيشەنبە كۈنى ھازىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەرشارى ئەھدىنامىسىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. خىتاي ئىككى ئۇيغۇر ئەمەلدارنى تەكشۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى «مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلدى» دېگەن باھانە بىلەن، خىتايغا جان پىدالىق بىلەن ئىشلەۋاتقان ئىككى ئۇيغۇر ئەمەلدارنى جازالىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. خىتاي خەلق تورىنىڭ 9-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئەدلىيە نازارىتى پارتكومىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى، قورچاق نازىر ئەنۋەر سىيت «ئۆزى تۆلەيدىغان خىراجەتنى باشقىلارنى تۆلەشكە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى» سەۋەبلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. خىتاي رېجىمى يەنە خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، قورچاق رەئىس ئەخمەتجان مەمتىمىننى «سوۋغات پۇلى قوبۇل قىلىش» باھانىسى بىلەن، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش پىلانىنى توستى ئامېرىكادا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئاۋام پالاتاسىدا، پارلامېنت ئەزاسى مايك جونسون كېڭەش پالاتاسى ماقۇللىغان ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش پىلانىنى توستى. نويابىردىكى سايلامدا كاندىدات بولۇشى مۇمكىن دەپ قارالغان سابىق پرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان جونسون ھەتتا ياردەم پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھىسىنى بېلەت تاشلاش كۈن تەرتىپىگە قويمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. تۈركىيەدە ئالتۇن كېنى گۆمۈرۈلۈپ بىر قىسىم ئىشچى قاپسىلىپ قالغان تۈركىيەنىڭ ئەرزىنجان ۋىلايىتى ئېلىچ رايونىدىكى چوپلېر ئالتۇن كانىدا يۈز بەرگەن سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسىدە، 667 ئىشچى ئىشلەيدىغان كاننىڭ 9 خىزمەتچىسى يەر ئاستىدا قاپسىلىپ قالغان. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يېرلىكايا رايوندا 400 خادىم بىلەن ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ب د ت: غەززەدىكى% 30 مەكتەپ بىۋاسىتە بومباردىمان قىلىندى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى غەززەدىكى% 30 مەكتەپنىڭ بىۋاسىتە بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ 162 مەكتەپ بىناسىنىڭ «بىۋاسىتە» بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، بۇنىڭ غەززەدىكى 563 مەكتەپ بىناسىنىڭ تەخمىنەن% 30 نى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى، 26 مەكتەپنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولغانلىقىنى بايان قىلدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur