UYGUR TV

14/9/2023 قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز ۋېنگىرىيەگە باردى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز ۋېنگىرىيەگە باردى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ قورچاق رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنىڭ باشچىلىقىدىكى ئۆمەك ۋېنگىرىيەنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ۋېنگىرىيە خەلقىنى ئالداشقا ئۇرۇندى. خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ قورچاق رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۆمەك باشلاپ، 4-سېنتەبىردىن 6-سېنتەبىرگىچە ۋېنگىرىيەدە زىيارەتتە بولغان. زىيارەت جەريانىدا ئەركىن تۇنىياز: «شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قوغدىلىپ، دىنلار ئىناقلىقى ئىشقا ئاشتى. خەلق تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ، كەسىپلەر تەرەققىي قىلدى. شىنجاڭنىڭ روشەن رايون ئەۋزەللىكى، بايلىق ۋە كەسىپ ئەۋزەللىكى، سۇپا ئەۋزەللىكى جارى بولدى» دېگەندەك قېلىپلىشىپ كەتكەن سەپسەتىلەرنى تەكرارلىغان. خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشى ھەققىدە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مۇھىم نۇقتا بولدى 12-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشى ھەققىدە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىننىڭ باش تېمىسى خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان تەھدىتىگە قارشى سەپەرۋەرلىككە كېلىش، خىتاينى چەكلەيدىغان قانۇن تۈزۈپ ماقۇللاش ۋە ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىمۇ بۇ سەپكە قېتىلىشقا چاقىرىشتىن ئىبارەت بولدى. يىغىندا كانادا پارلامېنت ئەزاسى مايكول چوڭ، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى باشلىقى روشەن ئابباس خانىم قاتارلىقلار خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان قارا قولى، جۈملىدىن خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى قورقۇتۇشى، تەھدىت سېلىشى، قەستلىشى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ قولى بىلەن تۇتۇپ جازالىشى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. يىغىندا ئالدى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى كرىس سىمىس سۆز قىلىپ، كوممۇنىست خىتاينىڭ يۈكسىلىشى بىلەن تەڭ دۇنيانى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىش غەرىزىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى، دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىنى رەت قىلىپ، مۇستەبىتلىك ۋە زومىگەرلىكنى بازارغا سالغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئەنگىلىيەدە خىتاي جاسۇسى كىرىزىسى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە پارلامېنتى تەتقىقاتچىسىنىڭ خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى سەۋەبلىك، بېيجىڭغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇش مەسىلىسىدە بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگلىيە ساقچىلىرى 9-سېنتەبىر بۇ يىل مارت ئېيىدا ساقچىلارنىڭ «مەخپىيەتلىكنى ساقلاش قانۇنى»غا ئاساسەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 20 ۋە 30 ياشلىق ئىككى كىشىنى قولغا ئالغانلىقىنى دەلىللىگەن. لوندون ساقچىلىرى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «30 ياشتىن ئاشقان بىر كىشى ئوكسفوردتىكى تۇرالغۇسىدا قولغا ئېلىندى. 20 ياشتىن ئاشقان يەنە بىرى ئېدىنبۇرگدىكى تۇرالغۇسىدا قولغا ئېلىندى» دېگەنىدى. BBC نىڭ بىلدۈرۈشىچە، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ بىرى خەلقئارا ئىشلارغا مەسئۇل پارلامېنت تەتقىقاتچىسى ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئايفون ئىشلىتىشىنى چەكلىگەنلىكىنى رەت قىلدى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتچىلىرىگە ئايفون ۋە چەتئەل ماركىسىدىكى باشقا ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفونلارنى چەكلىگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنداق بىر چەكلىمىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا «ۋال كوچىسى گېزىتى»نىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت ئورگانلىرى مەمۇرلارغا ئالما ۋە ياكى چەتئەل ماركىسىدىكى باشقا ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفونلارنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەن. بۇ خەۋەر چىققاندىن كېيىن، ئالما شىركىتىنىڭ بازار قىممىتى ئىككى كۈندە 200 مىليارد دوللار چۈشۈپ كەتكەن. خىتاي بىلەن ۋېنېزۇئېلا مۇناسىۋىتىنى «ھەر قانداق ئەھۋالدا ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى» گە كۆتۈردى خىتاي بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى ۋېنېزۇئېلا ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىۋەت سەۋىيىسىنى «ھەر قانداق ئەھۋالدا ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى» گە ئۆستۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، شى جىنپىڭ بېيجىڭدا خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان ۋېنېزۇئېلا پرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو بىلەن كۆرۈشكەن. خىتاي ئاۋسترالىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ بازىرىغا ئايلانغان خىتاي ئاۋسترالىيەنىڭ دېھقانچىلىق ئېكسپورتىدىكى ئەڭ چوڭ بازار بولۇپ، يېڭى رېكورت ياراتقان. ئىگىلىنىشىچە، 2022-2023-مالىيە يىلىدا خىتايغا قىلىنغان ئېكسپورت قىممىتى 16 مىليارد 600 مىليون ئاۋسترالىيە دوللىرىغا يېتىپ، % 22.7 ئاشقان. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur