UYGUR TV

15/08/2022 باچېلېت پات يېقىندا شەرقىي تۈركىستان دوكلاتىنى ئېلان قىلىشقا ۋەدە بەرگەن

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر باچېلېت پات يېقىندا شەرقىي تۈركىستان دوكلاتىنى ئېلان قىلىشقا ۋەدە بەرگەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېت شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى دوكلاتنى ئىزچىل كېچىكتۈرگەنلىكى سەۋەبلىك، كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، ئالىي ئەمەلدار ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى باچېلېتنىڭ بۇ ئاي ئاخىرىغىچە دوكلاتنى ئېلان قىلىشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. بۇ جەرياندا خىتاي رېجىمىنىڭ مىشېل باچېلېتقا ۋە ب د ت دىكى دىپلوماتىيە ئۆمەكلىرىگە مەكتۇپ ئەۋەتىپ، مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى توسۇپ قېلىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. لاتۋىيە ۋە ئىستونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ «17+1 ئىتتىپاقى» دىن چېكىنگەن بالتىق دېڭىزى بويىدىكى لاتۋىيە ۋە ئىستونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر 8-ئاينىڭ 11-كۈنى خىتاينىڭ ئىقتىساد مۇنبىرى دەپ قۇرۇۋالغان «17+1 ئىتتىپاقى» دىن چېكىنگەن. ئۆتكەن يىلى لىتۋا بۇ ئىتتىپاقتىن چېكىنگەن بولۇپ، بۇ يىل لاتۋىيە بىلەن ئىستونىيەنىڭ چېكىنىشى خىتاينى بالتىق دېڭىز بويىدىكى بۇ ئۈچ دۆلەتتىن ئالىدىغان مەنپەئەتىدىن مەھرۇم قىلغان. خىتاينىڭ شەرقىي ياۋروپا، بالقان يېرىم ئارىلى ۋە بالتىق دېڭىزى ئەتراپىدىكى 17 دۆلەت بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قۇرۇپ چىققان بۇ مۇنبىرى نۆۋەتتە «14+1» مۇنبىرى بولۇپ قالغان. تەيۋەن خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئارال ئەتراپىدا كۆرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ تۈنۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە، ئارال ئەتراپىدا خىتايغا تەۋە 29 ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە 6 ئۇرۇش پاراخوتى كۆرۈلگەن. مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، تەيۋەننىڭ ھاۋا ۋە دېڭىز ئېلېكترونلۇق ئىز قوغلاش ئۈسكۈنىسى، چارلاش ئايروپىلانى، پاراخوت ۋە يەر يۈزى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى بىلەن ئىز قوغلىغانلىقى ئېيتىلغان. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتى شەرقىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشتىكى سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدىكى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن. خىتاي ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئۆزەك قانۇنىغا ئىنكاس قايتۇردى خىتاي يېقىندا ئامېرىكا پارلامېنتى ماقۇللىغان «ئۆزەك قانۇنى» ئەيىبلەندى. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەسمىي ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېڭىشى بىلەن خىتاي خەلقئارا سودا بىرلەشمىسى بايانات ئىلان قىلىپ تەستىقلانغان قانۇننىڭ سەلبىي ئاقىۋەتلىرى توغرىسدا توختالغان. يېقىندا ئىمزالانغان قانۇن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا تەخمىنەن 52 مىليارد دوللار تولۇقلىما بىلەن تەمىنلىشىگە يول ئاچقان. كىسسىنگېر: ئامېرىكا روسىيە ۋە خىتاي بىلەن ئۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى ئاقساراينىڭ سابىق دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېنرى كىسسىنگېر ئامېرىكىنىڭ ئۆزى پەيدا قىلغان مەسىلىلەر سەۋەبىدىن روسىيە ۋە خىتاي بىلەن ئۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. كىسسىنگېر «ۋول كوچىسى گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بىز قىسمەن ئۆز قولىمىز بىلەن پەيدا قىلغان مەسىلىلەر سەۋەبىدىن روسىيە ۋە خىتاي بىلەن ئۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالدۇق، ئۇنىڭ قانداق ئاخىرلىشىدىغانلىقى ۋە قەيەرگە باشلىشى كېرەكلىكىنى بىلمەيمىز». كىسسىنگېر يەنە، ئۇكرائىنانىڭ ھەل قىلىش چارىسىنىڭ قىرىم ۋە دونباسنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى روسىيەگە تاشلاش بېرىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. پېلوسىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى تەيۋەندە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى نەنسى پېلوسىنىڭ خىتاي بىلەن جىددىيلىك پەيدا قىلغان تەيۋەن زىيارىتىدىن 12 كۈن كېيىن، ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ يېڭى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى تەيۋەنگە يېتىپ كەلدى. ئامېرىكىنىڭ تەيۋەندىكى ئەمەلىي ئەلچىخانىسى بولغان ئامېرىكا ئىنستىتۇتى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، ماسساچۇسېتس شىتاتىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئېد ماركېي باشچىلىقىدىكى 5 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاسىيا ساياھىتى دائىرىسىدە بۇ ئارالنى زىيارەت قىلغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ مەسچىت قازاقىستاندا ئېچىلدى قازاقىستاندا قۇرۇلۇش تاماملانغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ مەسچىت بولغان بۈيۈك نۇر سۇلتان مەسچىتى مۇراسىم بىلەن ئېچىلدى. پايتەخت نۇر سۇلتاندا كۆك گۈمبەز ۋە قازاقىستان بايرىقىنىڭ رەڭگىگە ئوخشايدىغان مۇنارلار بىلەن سېلىنغان مەسچىتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى قۇرغۇچى پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur