UYGUR TV

15/2/2024 ئەنگلىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ئەنگلىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزاسى ئالىكيا كېرنس باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، پائالىيەتچى ۋە ئاكادېمىكلار خىتاي ئىشغالى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش ۋە مۇزاكىرە يىغىنى ئۆتكۈزدى. سەيشەنبە كۈنى ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىغا پارلامېنت ئەزاسى كېرنىس رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن ياش ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى يالقۇن ئۇلۇيول جاپالىق كەچۈرمىشلىرىنى، ۋەتەندىكى تۇغقانلىرى دۇچ كەلگەن ۋەھشىيلىكنى تەپسىلىي بايان قىلدى. كېرنىس ئۆزىنىڭ X ھېساباتىدىكى يازمىسىدا: «يالقۇن ئۇلۇيول تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى. بۇ ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن رېئاللىق: يوقىتىش، مەجبۇرىي ئايرىلىش، قايغۇ ۋە نامەلۇم ئازاب. ئۇ: شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ» دېدى. خىتاي بۇ يىل قەشقەرنى خىتايلارنىڭ باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ شۆبە رايونى قىلدى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش، شۇنداقلا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى شۆبە مەيدانىنىڭ بىرىنى قەشقەر قىلىپ بېكىتتى. 10-فېۋرال خىتايلارنىڭ باھار بايرىمى بولۇپ، خىتاي بۇ يىللىق باھار بايرىمى سەنئەت كېچىلىكى پىروگراممىسىنى بېيجىڭدىكى ئاساسلىق سورۇندىن باشقا، شېنياڭ، چاڭشا، شىئەن ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھىرىدىن ئىبارەت تۆت تارماق ئورۇندا ئۆتكۈزگەن. كېچىلىكتە خىتايلار ئارىسىدا تونۇلغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ناخشىچى، ئۇسسۇلچىلار بۇ پائالىيەتتە ئالاھىدە نومۇر ئورۇنلاپ، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ماسلاشقان. تۆت خىتاي شىركىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازا پىلانىغا كىرگۈزۈلدى ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە قاراتقان يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازا تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش ئالدىدا تۇرغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت خىتاي شىركىتىمۇ بار ئىكەن. فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 11-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش قىلىشىغا ياردەم بەرگەن چەت ئەل شىركەتلىرىگە قارىتا يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازا ئېلان قىلىش ئالدىدا تۇرغان بولۇپ، تۆت خىتاي شىركىتىمۇ تىزىملىكتە ئىكەن. مەزكۇر جازا قارارى 24-فېۋرالدىن، يەنى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىنىڭ ئىككى يىللىق كۈنىدىن بۇرۇن رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي، قازاقىستان، سېربىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن 21 ھەربىي ۋە تېخنولوگىيە شىركىتىگە جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلىق قىلغان. خىتاينىڭ رايوندىكى ئىقتىسادىي ئارزۇسىغا خىرىس قىلغان كېلىشىم ھىندىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىمزالىغان ئوتتۇرا شەرق ئارقىلىق ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان رامكا كېلىشىمى خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ئىقتىسادىي نىشانىغا خىرىس دەپ قارالدى. ھىندىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدا ھىندىستان-ئوتتۇرا شەرق-ياۋروپا ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالانغان بولۇپ، بۇ ھىندىستاننى ئوتتۇرا شەرق ئارقىلىق قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارقىلىق ياۋروپاغا تۇتاشتۇرىدىغان. ستولتېنبېرگ: ياۋروپا مۇداپىئە جەھەتتە يالغۇز ھەرىكەت قىلماسلىقى كېرەك شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگنىڭ ئېيتىشىچە، ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى چوڭ قۇرۇقلۇقلا ئەمەس ، بەلكى ئامېرىكا ، كانادا ، تۈركىيە ، نورۋېگىيە ۋە ئىسلاندىيە قاتارلىق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باشقا ئەزالىرىغا باغلىق ئىكەن. ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سۆزى بۇ قۇرۇقلۇقنىڭ ئامېرىكىنىڭ قوغدىشىغا تايانامدۇ-يوق دېگەن مەسىلىدە يېڭى مۇنازىرە قوزغىغاندىن كېيىن ، ستولتېنبېرگ ياۋروپانى مۇداپىئەدە يالغۇز مېڭىشقا ئۇرۇنۇشتىن ئاگاھلاندۇردى. ئاقساراي بايدېننىڭ تىك توك ھېسابى ئېچىشى ھەققىدە ئىنكاس قايتۇردى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ سايلام گۇرۇپپىسىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئۈسكۈنىلىرىدە چەكلەنگەن خىتاي ئەپ دېتالى تىك توكتا ھېساب ئېچىشى كۈچلۈك غۇلغۇلا ۋە نارازىلىق قوزغىغاندىن كېيىن، ئاقساراي بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇردى. خىتاي ئەپ دېتالى تىك توك بىخەتەرلىك تەھدىتى سەۋەبلىك كۆپ قېتىم ئەيىبلەنگەن، تەكشۈرۈلگەن ۋە ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت ئۈسكۈنىلىرىدە ئىشلىتىشى چەكلەنگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، بايدېننىڭ سايلام گۇرۇپپىسىنىڭ تىك توكتا ھېساب ئېچىشى كۈچلۈك تەنقىدكە دۇچ كەلدى. ئاقساراي 12-فېۋرال بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىسىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى، تىك توكنىڭ ھۆكۈمەت ئۈسكۈنىلىرىدە داۋاملىق چەكلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur