UYGUR TV

15/4/2024 خىتاي روزا ھېيتنىمۇ تەشۋىقات ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قوللاندى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر خىتاي روزا ھېيتنىمۇ تەشۋىقات ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قوللاندى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان، روزا تۇتۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىبادەتلەرنى چەكلىگەن خىتاي رېجىمى بۇ يىلمۇ روزا ھېيت كۈنىنى ساختا تەشۋىقات قورالى سۈپىتىدە ئىشلەتتى. شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ «روزا ھېيتنى بىرلىكتە تەبرىكلىگەنلىكى، بىللە تاماق يەپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىغانلىقى، روزا ھېيتتا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ نامايان قىلىنغانلىقى» قاتارلىق يالغان سەھنە كۆرۈنۈشلىرى تەسۋىرلەنگەن. خىتاي يەنە روزا ھېيت مەزگىلىگە ئۇدۇللاپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغىنى ئورتاق قۇرغۇچى دۆلەتلەر تاراتقۇ مەسئۇللىرى تەتقىقات يىغىنى» ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، پاكىستان، بەھرەين، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق 21 دۆلەتتىن كەلگەن ئاخبارات خادىملىرىنى تەكلىپ قىلغان. خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا سودىگەر چاقىرىش قەدىمىنى تېزلەتتى خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا شەرقىي تۈكىستاندا دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ 700 مىليارد يۈەنلىك مەبلەغ سېلىش تۈرىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونىغا سودىگەر چاقىرىش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلەتكەن. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بېيجىڭدا بەزى چەت ئەل دۆلەتلىرىگە قارىتا «شىنجاڭ سىياسىتى» نى قوللاش دىپلوماتىك تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ پۇل-مۇئامىلە، سودا مەركىزى بولغان شاڭخەيدىمۇ ئۇيغۇر دىيارىغا سودىگەر چاقىرىش يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈپ، كارخانىلارنى بۇ رايونغا مەبلەغ سېلىشقا چاقىرغان. بۇ يەرمەنكە غەرب ئەللىرى مەجبۇرىي ئەمگەك ئەندىشىسى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى بايقۇت قىلىش ياكى چەكلەشنى كۈچەيتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايونغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، رايوندا خىتاينىڭ «8 چوڭ سانائەت توپى» بەرپا قىلىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن. شولز مۇرەككەپ سودا ۋە سىياسىي مەسىلىلەر ئىچىدە خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز خىتايدىكى ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، زىيارەت مەقسىتى خىتاينىڭ سودا پائالىيەتلىرى ۋە روسىيەگە تۇتقان پوزىتسىيىسى قاتارلىق سەزگۈر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم سودا ھەمراھى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش دەپ قارالماقتا. گېرمانىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سودا رەھبەرلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا، شولز چۇڭچىڭ سەپىرىنى باشلىدى، كېيىن شاڭخەي ۋە بېيجىڭنى زىيارەت قىلىدۇ. بۇ ساياھەت باش مىنىستىرنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى ھەر قانداق بىر دۆلەتكە قىلغان ئەڭ كەڭ دائىرىلىك زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى گېرمانىيە باش مىنىستىرىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تىلغا ئېلىشقا ۋە ئوچۇق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە چاقىردى. شىمالىي كورىيە بىلەن خىتاي ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى مۇزاكىرە قىلدى شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جاۋ لېجى بىلەن ئىككى دۆلەت ھەمكارلىق مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى. خەۋەر قىلىنىشىچە، كىم بىلەن جاۋ «دوستانە مۇناسىۋەت» نى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى مۇزاكىرە قىلغان. كىم جوڭئۇن خىتاي بىلەن شىمالىي كورىيە ئوتتۇرىسىدىكى «ئەسىرلىك دوستلۇق» نى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ پيوڭياڭنىڭ «ئۆزگەرمەس» سىياسىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئالما ھىندىستاندىكى ئايفون ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرماقتا بىلۇمبېرگ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتقا قارىغاندا، ئالما شىركىتى ئالدىنقى مالىيە يىلى ھىندىستاندا iPhone ئىشلەپچىقىرىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قىممىتى 14 مىليارد دوللار بولغان ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغان. بۇ، شىركەتنىڭ خىتاي سىرتىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: ئالما ھازىر ھىندىستاندا تەخمىنەن% 14 ئايفون ئىشلەپچىقىرىدۇ، بۇ بۇلتۇرقىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ. ھىندونېزىيەدىكى تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشقان ھىندونېزىيەنىڭ سۇلاۋېسى ئارىلىدا تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 18 گە كۆپەيگەن بولۇپ، 2 ئادەم توغرىسىدا ھېچقانداق خەۋەر يوق ئىكەن. ماكاسسار شەھەر ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ باشلىقى مېكسىئانۇس بېكابېل 18 كىشىنىڭ جەسىتىنى تاپقانلىقىنى ئېلان قىلدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur