UYGUR TV

16/05/2022 لاگېر شاھىتى ساۋۇتباي «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر دىلمۇرات ئاۋۇت «دۆلەت تىلىنى كۆزگە ئىلماسلىق» بىلەن ئەيىبلىنىپ كېسىۋېتىلگەن ئىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دىلمۇرات ئاۋۇتنىڭ «دۆلەت تىلىنى كۆزگە ئىلماسلىق» بىلەن ئەيىبلىنىپ كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. ئىگىلىنىشىچە، 65 ياشلىق دىلمۇرات 2018 ‏-يىلى تۇتقۇن قىلىنغانغا قەدەر، مەكتەپنىڭ سىياسىي مائارىپ ۋە فىلولوگىيە ئىنستىتوتلىرىدا رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتىگەن ئىكەن. ئىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، دىلمۇرات ئاۋۇت ئوقۇغۇچلىرىنىڭ دەرس ئۆزلەشۈرۈشتۈرۈشتە قىينىلىۋاتقىنى كۆرۈپ، زۆرۈر تېپىلغاندا دەرسلەرنى ئۇيغۇرچىمۇ چۈشەندۈرگەن. لاگېر شاھىتى ساۋۇتباي «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى گېرمانىيەنىڭ نۇربېرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەنئەنىۋى «تىنچلىق داستىخىنى» پائالىيىتىدە مىڭلىغان كىشى بىر يەرگە جەم بولدى. ھەر خىل تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەردىن بولۇپ كىشىلىك ھوقۇق كوچىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى 350 دىن ئارتۇق ئۈستەلگە جەم بولدى. پائالىيەتتە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنى دۇنياغا جاكارلىغان سايراگۇل ساۋۇتبايغا «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»بېرىلدى. سايراگۇل ساۋۇتباي بۇ مۇكاپاتنى نۇربېرگ شەھىرىنىڭ باشلىقى ماركۇس كۆنىگتىندىن تاپشۇرۇپ ئالدى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ھايات شاھىتلىرىدىن بىرى بولغان سايراگۈل ساۋۇتباي يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنى پاش قىلىپ كەلدى. فىنلاندىيە پرېزىدېنتى: مەن ئەردوغان بىلەن ناتوغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن كۆرۈشۈشكە تەييارمەن فىنلاندىيە پرېزىدېنتى سائۇلى نىنىستو شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. نىنىستو فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئەردوغان فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىگە قارىتا: «ئەپسۇسكى، سكاندىناۋىيە دۆلەتلىرى تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مېھمانخانىسىغا ئوخشايدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا بىزنىڭ ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولۇشىمىز مۇمكىن ئەمەس» دېگەن ئىدى. ئامېرىكىدىكى بىر سودا ساراي قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى نيۇ-يوركنىڭ بۇففالودىكى بىر تاللا بازىرىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 10 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، 3 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئېلان قىلىندى. ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ پايتون گەندروم ئىسىملىك 18 ياشلىق ئاق تەنلىك ئەر ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. ئالاقىدار تارماقلار شەھەر سىرتىدىن كەلگەن ھۇجۇم قىلغۇچى نىشان قىلغان 13 كىشىنىڭ 11 ىنىڭ قارا تەنلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. مەلۇم بولۇشىچە، جىنايەت گۇماندارى ئىرقچىلىق مۇددىئاسى بىلەن قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھۇجۇمنى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى Twitch دا نەق مەيداندىن تارقاتقان. 5.ئامېرىكا SpaceX شىركىتى ئالەم بوشلۇقىغا 53 دانە Starlink سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بەردى ستارلىنك ئىنتېرنېت سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ بىر قىسمى بولغان 53 سۈنئىي ھەمراھ ئامېرىكا ئالەم كېمىسى ۋە راكېتا ئىشلەپچىقارغۇچىسى SpaceX غا تەۋە راكېتا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيەدىن ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلدى. 6. سومالىدىكى پرېزىدېنت سايلىمى ئىككىنچى باسقۇچقا قەدەم قويدى سومالىدىكى پرېزىدېنت سايلىمى ئىككىنچى باسقۇچقا قەدەم قويدى، چۈنكى ھېچقايسى نامزات ئۈچتىن ئىككى قىسىم بېلەتكە ئېرىشەلمىدى. 7. گېرمانىيە باش شىتاب باشلىقى: ئوق-دورالىرىمىز ئىنتايىن ئاز گېرمانىيە باش شتابى باشلىقى گېنېرال ئېبخارد زورن ئارمىيەنىڭ قورال-ياراقلىرىنىڭ ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئوق دورا ئىسكىلاتىنى تولۇقلاش ئۈچۈن 20 مىليارد ياۋروغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. زورننىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى ئوق-دورا ۋە زاپچاسلارنى تېجەش ئارقىلىق باشقا تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىنغان. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur