UYGUR TV

16/08/2022 خىتاي جازا لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەن كىچىك ئۇيغۇر بالىسىنىڭ پەريادى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر خىتاي جازا لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەن كىچىك ئۇيغۇر بالىسىنىڭ پەريادى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، دۇنيا يەنە سۈكۈتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلەنگەن بىر كۆرۈنۈش ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدۇردى. ئاتا ئانىسىدىن ئايرىلىپ بالىلار لاگېرىغا يىغىۋېلىنغان ياكى ئاتا-ئانىسى لاگېرغا قامالغان بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى «ئاپامنى كۆرگۈم كەلدى» دەپ نالە قىلدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان سىندا ئۇ كىچىك بالىنىڭ يېنىدىكى خىتاي ئايالغا ئاچچىقلىنىپ، بىر تەرەپتىن يىغلاپ تۇرۇپ: «ئاپامنى كۆرگۈم كەلدى» دەپ نالە قىلىشى كۆرگەنلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ «خىتاينىڭ ئەركىنلىك تۇزىقى» ناملىق كىتابى نەشر قىلىندى گېرمانىيەدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە كۈرەشلىرى تەسۋىرلەنگەن «خىتاينىڭ ئەركىنلىك تۇزىقى» ناملىق كىتابى نەشر قىلىندى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ كىتاب ھەققىدە مۇنداق يازغان: «بۇ كىتاب مېنىڭ ئەسلىمىلىرىم ۋە كەچۈرمىشلىرىمگە ئاساسەن يېزىلغان. كىتابنى يېزىشتىكى ئاساسلىق مەقسەت كىشىلەرنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قانچىلىك رەزىل ۋە رەھىمسىزلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش. مەن ئۆزۈم ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان بولساممۇ، مەن يەنىلا خىتاينىڭ زۇلۇم، زىيانكەشلىك ۋە ئادالەتسىزلىكىگە دۇچار بولۇۋاتىمەن». خىتاي تەيۋەندىكى مانېۋىرنى ئەسلىگە كەلتۈردى ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى تەيۋەنگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، خىتاي تەيۋەن ئەتراپىدا يەنە ھەربىي مانىۋېر باشلىدى. تەيۋەندىكى ئالاقىسىنى باشلىغان ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈنۈگۈن پرېزىدېنت سەي يىڭۋېن بىلەنمۇ كۆرۈشتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پېلوسىنىڭ 12 كۈن ئىلگىرىكى تەيۋەن زىيارىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىددىيلىك داۋاملاشماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە 42 دۆلەت روسىيەنىڭ زاپورىجيا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىدىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلدى ئۇكرائىنا بىلەن روسىيە ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى زاپوروجې يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىغا نەچچە كۈن داۋاملاشقان زەمبىرەك ھۇجۇمىدا داۋاملىق بىر-بىرىنى ئەيىبلىمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 42 دۆلەت روسىيەنى زاپوروجيا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىدىن ۋە ئۇكرائىنانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشكە چاقىردى. ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە 42 دۆلەتنىڭ بىرلەشمە باياناتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋېنادىكى ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا دائىمىي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىندى. ئوتتۇرا ئاسىيا-ياۋروپا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 18-قېتىملىق يىغىنى سەمەرقەنتتە ئۆتكۈزۈلىدۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 18-نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشى نويابىردا ئۆزبېكىستاننىڭ تارىخى سەمەرقەنت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ياۋروپا ئىشلىرى باش دىرېكتورى ئايبېك شاھاۋدىنوف ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى مۇئاۋىن ۋەكىلى مىنداگاس كاچېراۋسكاس بىلەن كۆرۈشۈپ، تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. بېرما: سۇ چىغا چىرىكلىك دېلولىرى سەۋەبلىك يەنە 6 يىل قاماق جازاسى بېرىلدى بېرمىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن ئاغدۇرۇلغان رەھبىرى ئاڭ سان سۇكى 4 چىرىكلىك دېلوسىنىڭ ھەممىسىدە گۇناھكار دەپ قارىلىپ، يەنە 6 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. 76 ياشلىق سۇكى ھازىرغا قەدەر قانۇنسىز ھالدا سىمسىز ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىسى ئەكىرىش ۋە ساقلاش، ئاممىۋى مالىمانچىلىققا قۇتراتقۇلۇق قىلىش ۋە خىتاي ۋىرۇسى چەكلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيبلىنىپ 6 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. بېرما ھەربىي سوت مەھكىمىسى بەرگەن 6 يىللىق ئاخىرقى جازا بىلەن سۇكىيى جەمئىي 17 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur