كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر خىتاي تېخنىكا شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى كۆزىتىش سىستېمىسى ياسىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى خىتاينىڭ Hikvision شىركىتى ياسىغان «ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەكتەپ رايونى» كۆزىتىش كامېرالىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلار جامائىتىنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 11-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئىنتېرنېت كېلىشىملىك سىن بازىرى تەتقىقات گۇرۇپپىسى خىتاينىڭ دۆلەتلىك داڭلىق تېخنىكا شىركىتى Hikvision نىڭ يېقىنقى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ، بۇ شىركەتنىڭ خىتاي بويىچە «ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەكتەپ رايونى» قۇرۇش تۈرى بويىچە توققۇز مىليون دوللارلىق توختام ئىمزالىغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى. مەزكۇر قۇرۇلۇش تۈرى مەكتەپلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق كامېرا ئارقىلىق نازارەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، «ئاز سانلىق مىللەت» ئوقۇغۇچىلىرى، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار رامزاندا روزا تۇتقان دەپ گۇمان قىلىنغاندا مەكتەپ باشقۇرغۇچىلىرىنى ئاگاھلاندۇرىدىكەن. نۆۋەتتە بۇنىڭ مۇھىم تالاش-تارتىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەندىشىسى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بايدېن: شى جىنپىڭ بىلەن بولغان سۆھبەتتە مۇھىم ئىلگىرىلەش بولدى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 15-نويابىر سان-فىرانسىسكودا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، شى جىنپىڭ بىلەن بولغان كۆرۈشۈشنىڭ ئىجابىي ۋە مول مەزمۇنلۇق بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ بىلەن بايدېننىڭ سۆھبىتى ئۈچ جەھەتتە نەتىجىگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ بىرى، ئىككى تەرەپ زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن خىمىيەلىك دورا ۋە دورا بېسىلغان ماشىنىلارنىڭ خىتايدىن غەربىي يېرىم شارغا ئېقىشىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىدىكەن. ئىككىنچى نەتىجە بولسا، ئىككى تەرەپ ئىككى ئارمىيە ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاسىتە ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلغان. بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ بىۋاسىتە، ئوچۇق-ئاشكارا ئالاقە قىلىشقا كېلىشكەن. ئىگىلىنىشىچە، شى ئۇچرىشىشتا ئامېرىكىنى تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا ۋە ئېكسپورت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشقا چاقىرغان. ئامېرىكىدا بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بايدېننى «غەززە ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى» ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ دېموكراتلاردىن بولغان 24 نەپەر ئەزاسى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمىغا بولغان «چوڭقۇر ئەندىشىسى» نى تەكىتلىدى ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىننى «ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى». ئەنگىلىيەدە ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە بولغان ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى كەير ستارمېرنىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشقا قارشى پوزىتسىيەسىگە قارشى چىققان سەككىز نەپەر كۆلەڭگە مىنىستىر ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى. بايدېن يەنىلا شى جىنپىڭنى مۇستەبىت دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، «مەن يەنىلا شى جىنپىڭنى مۇستەبىت دەپ قارايمەن» دېدى. CNN نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بايدىن سان فىرانسىسكودا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە شى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىر مۇخبىر بايدېندىن شى جىنپىڭنى يەنە مۇستەبىت دەپ قارايدىغان-قارىمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ: «شۇنداق، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئۇ بىر مۇستەبىت» دېگەن. نېپال ھۆكۈمىتى خىتاي ئەپ دېتالى تىك توكنى چەكلىدى نېپال ھۆكۈمىتى 13-نويابىر خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە دېتالى تىك توكنى چەكلەشنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبنىڭ دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى ۋە ئەخلاقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قارار كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نارايان پىراكاش سەئۇد بۇ دېتالنىڭ دەرھال چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. نېپال تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نارايان پراكاش سەئۇد: «ھۆكۈمەت تىك توكنى چەكلەشنى قارار قىلدى، چۈنكى بۇ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى تەڭشەش كېرەك. بۇ دېتال ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە ئەخلاققا يات بولغان مەزمۇنلارنى تارقىتىدۇ» دېگەن. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur