UYGUR TV

16/2/2024 ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتى قانۇنىنى ماقۇللىدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتى قانۇنىنى ماقۇللىدى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى ئەزاسى ياڭ كىم بىلەن دىموكراتلار پارتىيسى ئەزاسى ئامى بىرا بىرلىكتە تەكلىپ سۇنغان «ئۇيغۇر سياسى ھەرىكىتى قانۇنى»نى 414 ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا تاشقى ئ‍شلار منسترلىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بىر ماسلاشتۇرغۇچى تەيىنلەپ، ئامېرىكا فېدراتسيە ئىدارسنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار سياسەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇشىنى، شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ختاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇقىغا ئالاقىدار دەپسەندىچىلىكلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن تەدبىر ۋە قوراللار بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ رول ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي، مەدەنىيەت، دىنىي ۋە تىل كىملىكىنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كىينكى باسقۇچتا مەزكۇر قانۇن لايىھەسى يەنە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسنىڭ بىلەت تاشلاپ ماقۇللىشىغا يوللىنىدۇ، ئەگەر كېڭەش پالاتاسدا ماقۇللانسا، پىرەزدىنتقا يوللىنىدۇ ۋە پىرەزدىنت ئىمزاسى ئارقىلىق رەسمى قانۇنغا ئايلىنىدۇ. ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق زاپچاس ئىشلەتكەن ئاپتوموبىللار ئامېرىكا تاموژنىسىدا تۇتۇپ قېلىنغان ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى» تورىنىڭ 14-فېۋرال كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، پورچى، بېنتلى، ئاۋدى قاتارلىق داڭلىق ۋە قىممەت ئاپتوموبىللارغا ئىشلىتىلگەن زاپچاسلار خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ماركىدىكى مىڭلىغان ئاپتوموبىللار ئامېرىكا تاموژنىسىدا تۇتۇپ قېلىنغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يۇقىرىقى ئاپتوموبىللار گېرمانىيەنىڭ ئاپتوموبىل شىركىتى ۋولكىسۋاگېن تەرىپىدىن ياسالغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن ئېلېكتىرونلۇق زاپچاسلار ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى بىلەن چېتىشلىق ئىكەن. بۇ زاپچاسلارنى ۋولكىسۋاگېن بىۋاسىتە سېتىۋالغان بولماستىن، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى خىتاي زاۋۇتلىرى سېتىپ بەرگەنىكەن. ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نامايىش قىلدى ھىندىستاننىڭ كالكۇتتا شەھىرىدىكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى خىتاينىڭ كالكۇتتادا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى. ھىندىستان تېلېگرام خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ كالكۇتتا شەھىرىدىكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشى، شۇنداقلا خىتاينىڭ 2023-يىلى پۈتكۈل ئارۇناچال پىرادېش ئۆلكىسىنىڭ خىتاي زېمىنىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى قىلىپ تۈزۈپ چىققان يېڭى خەرىتىسىنى رەت قىلىپ نامايىش قىلغان. خىتاي يەنە گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى بولغان خىتاي 2023-يىلى ئۇدا سەككىزىنچى قېتىم گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھىغا ئايلاندى، تاشقى سودا سوممىسى 253 مىليارد 100 مىليون ياۋرو بولدى. ئىگىلىنىشىچە، 2023-يىلى، گېرمانىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تاۋار سودىسى 2022-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا% 15.5 تۆۋەنلىگەن، ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا بولسا% 1.1 ئاشقان. خىتايدىن ئىمپورت ئېكسپورتقا قارىغاندا تېخىمۇ تۆۋەنلەپ، سودا قىزىل رەقىمى تۆۋەنلىگەن. تۈركىيە ۋە گرېتسىيە ياۋروپا ئاسمان قالقىنى تەشەببۇسىغا قاتنىشىدۇ گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بورىس پىستورىئۇس تۈركىيە بىلەن گرېتسىيەنىڭ گېرمانىيە باشچىلىقىدىكى «ياۋروپا ئاسمان قالقىنى تەشەببۇسى» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش تۈرىگە رەسمىي قاتنىشىدىغانلىقىنى ۋە ئەزالارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ 21 گە يېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر ۋە گرېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نىكولاس دېندىياس پەيشەنبە كۈنى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا مۇددىئا خېتىگە ئىمزا قويدى. پۇتىن: بىز بايدىننى ترامپتىن ياخشى كۆرىمىز روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ غەلىبە قىلىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنى رەقىبى دونالد ترامپقا قارىغاندا تېخىمۇ «تەجرىبىلىك» ۋە «ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولىدىغان» دەپ تەسۋىرلىدى. پۇتىن روسىيە دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بىز سايلانغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييارمىز، ئەمما، روسىيە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، مەن بايدىننىڭ غەلىبىسىنى تاللايمەن». #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur