UYGUR TV

16/9/2023 ۋولكېر تۈركنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى باياناتى تەنقىدكە ئۇچرىدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ۋولكېر تۈركنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى باياناتى تەنقىدكە ئۇچرىدى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك 11-سېنتەبىر كۈنى جەنۋەدىكى باش شىتابتا چاقىرىلغان 54-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە مەخسۇس نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقى ھەققىدىكى ئۇزۇن باياناتىدا دۇنيا مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە بولۇشى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. ئەمما خىتاي ھەققىدە سۆز بولغاندا بىر ئابزاس بىلەنلا چەكلەنگەن. ب د ت نىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن تولۇق تېكىستتە كۆرسىتىلىشىچە، ۋولكېر تۈرك باياناتتا خىتاينى «نامراتلىقنى تۈگىتىشتە زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى» دەپ ئالاھىدە تەرىپلىگەن. ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە بولسا ئاددىيلا قىلىپ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن ھېلىھەم ئەندىشە قىلىۋاتىمىز» دېيىش بىلەنلا كۇپايىلەنگەن. «ئۇيغۇرلار» ياكى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» دېگەندەك ئاتالغۇنىمۇ ئىشلەتمىگەن. ئەمما ئالاھىدە قىلىپ «كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى داۋاملىق تۇتقۇن قىلىنماقتا» دەپ كۆرسەتكەن. ۋولكېر تۈركنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى مەخسۇس يىغىندا كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان، شۇنىڭدەك «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان قەبىھلىكلەرنى سادىر قىلىۋاتقان خىتاينى «يۇمشاققىنا نوقۇپ قويۇش» شەكلىدە تەنقىدلىشى ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا بۇ يىلمۇ ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى ئۇقتۇرۇشى تارقاتتى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي رېجىمى ھاۋا مۇداپىئە نۇقتىلىق شەھەرلىرىدە بۇ يىلمۇ بىر تۇتاش ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى چېلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي خەلق تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قارىشىنى ئۆستۈرۈش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە ئېڭىنى كۈچەيتىش، ھاۋا مۇداپىئە سىگنال ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش» نامىدا 9-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 12:00 دە شەرقىي تۈركىستان بويىچە ھاۋا مۇداپىئە نۇقتىلىق شەھەرلىرىدە بىر تۇتاش ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى چېلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان. خىتايغا بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش ئازايدى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق ئاستىلىغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە چەتئەلدىن بىۋاسىتە خىتايغا مەبلەغ سېلىش تۆۋەنلىمەكتە. خىتاي سودا مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، 1-ئايدىن 8-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا چەتئەلدىن بىۋاسىتە سالغان مەبلەغ % 5.1 تۆۋەنلەپ، 118 مىليارد دوللار بولغان. خىتاي ئامېرىكا شىركەتلىرىگە جازا يۈرگۈزدى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تەيۋەن تالاش-تارتىشى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان، تەيۋەننىڭ ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىسى بولغان ئامېرىكا خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تەييارلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي رېجىمى ئامېرىكا شىركەتلىرىگە جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ قاتتىق قارشى تۇرۇشىغا قارىماي تەيۋەننى قورال بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ بېيجىڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان سالىدىغانلىقىنى، لوكخىد مارتىن ۋە قاتارلىق ئىككى ئامېرىكا شىركىتىگە جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئېلون ماسكنىڭ خىتايپەرەس سۆزلىرى كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىدى تېسلا شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ئېلون ماسكنىڭ تەيۋەن ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتايغا يان باسقان سۆزلىرى كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىدى. ئېلون ماسك بىر نەچچە كۈن بۇرۇنقى بىر زىيارەتتە تەيۋەننى خىتاينىڭ بىر پارچىسى تەرىقىسدە سۈپەتلىگەن بولۇپ، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ جاۋشيې تەيۋەننىڭ ئېلون ماسكقا رەددىيە بېرىپ: «تەيۋەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر پارچىسى ئەمەس ۋە قەتئىي سېتىلمايدۇ» دېدى. ماكرون: فرانسىيەنىڭ نىگېردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تۇتقۇن قىلىندى فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون فرانسىيەنىڭ نىگېردىكى باش ئەلچىسى سىلۋايىن ئىتتېنىڭ نىگېردىكى ھەربىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «نىگېردا، مەن ھازىر ئېيتقىنىمدەك، بىزنىڭ باش ئەلچىمىز ۋە دىپلوماتىك خادىملىرىمىز بار، ئۇلار ئەلچىخانىدا ھەقىقىي تۈردە گۆرۈگە ئېلىنغان، يېمەكلىكلەرنى يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ. ئۇلار ھەربىي ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن غىزالىنىۋاتىدۇ». #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur