UYGUR TV

17/08/2022 خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگىچە كېڭەيگەن جىنايەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى قامال ئەندىشە قوزغىماقتا خىتاي دائىرىلىرى «نۆل كوۋىد» سىياسىتى دائىرىسىدە ئەسلىدىنلا ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغان شەرقىي تۈركستاندا قاتتىق قامال تەدبىرلىرىنى يولغا قويماقتا. كۆزەتكۈچىلەر نۆۋەتتە خىتاينىڭ نومۇسسىزلارچە ۋىرۇسنى چەتئەلدىن كىرگەن دەپ پۈتۈن ئاپەتنىڭ مەنبەسىنى چەتئەلگە ئارتىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېر ۋە تۈرمە سىرتىدا قالغان خەلقنى ئاچ قويۇپ قىيناپ يۈرىكىنى ئېزىشنى پىلانلىغانلىقىنى، ئەسلىدە خىتاينىڭ رەزىل مەقسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ۋىرۇس باھانىسى بىلەن تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇش ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتىكى قاتتىق قامالنىڭ خەلقئارادا ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگىچە كېڭەيگەن جىنايەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى 14-ئاۋغۇست كۈنى ئىستانبۇلدا ئېچىلغان بىرىنچى قېتىملىق خەلقئارالىق ئائىلە تەربىيىسى يېتەكچىلىرى ۋە مەسلىھەت بېرىش مۇتەخەسسىسلىرى ئۇچرىشىشىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلدى. يىغىنغا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن ئەرەب ئىسلام دۇنياسى خەلق دىپلوماتىيە ئىشلىرى مەسئۇلى مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇرى ئىشتىراك قىلدى. يىغىندا «خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلە كىرىزىسى» تېمىسىدا سۆز قىلغان مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇرى نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھۋالى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، شۇنداقلا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان خەلقنىڭ ئائىلە مەھرىمىيىتىگە تاجاۋۇز قىلىش، ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى نامىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئائىلىسىگىچە مەجبۇرى كىرىپ نازارەت قىلىش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇردى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ زىيارىتىدىن كېيىن خىتاي تەيۋەن ئەمەلدارلىرىغا ئىمبارگو يۈرگۈزدى ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەيۋنگە قىلغان زىيارىتىدىن كېيىن، خىتاي تەيۋەننىڭ سىياسىي ئەربابلىرىغا ا ۋىزا چەكلىمىسى ۋە ئوخشىمىغان جازا يۈرگۈزدى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تەيۋەن باش مىنىستىرى سۇ تسېڭ چاڭ، پارلامېنت باشلىقى سەن سى-كۇن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسېف ۋۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئامېرىكىدىكى ۋەكىلى بى-خىم شياۋ، كېڭەش ئەزالىرى كو لى-شيۇڭ، سەي چى-چاڭ، كېر چيەن مىڭ، چېن جياۋ خۇا، ۋاڭ تىڭ يۈ ۋە پائالىيەتچى لى فېي قاتارلىقلارنىڭ جازا تىزىملىكىدە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇ كىشىلەرنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى، خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېنغا بېرىشى ۋە بۇ رايونلاردىكى شەخس ياكى ئورۇنلار بىلەن ئىقتىسادىي ياكى شەخسىي ئالاقە قىلىشى چەكلىنىدىكەن. خىتاينىڭ پەن-تېخنىكا ماگناتىنىڭ كىرىمى تۆۋەنلىمەكتە «نۆل كوۋىد» سىياسىتى بىلەن قاتتىق كارانتىن قىلىش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغان خىتايدا ئىقتىساد ۋە شىركەتلەر داۋاملىق ئېغىر زىيانغا ئۇچرىماقتا. ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ دۇنياۋى تېخنىكا ماركىسى تېڭشۈننىڭ كىرىمى ئىككىنچى پەسىللىك مالىيە دوكلاتىدا رېكورت خاراكتېرلىك تۆۋەنلىشى مۇمكىن ئىكەن. رېفىنىتىۋنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، شىركەتنىڭ ساپ كىرىمى تەخمىنەن% 30 تۆۋەنلەپ 23 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە چۈشىدىكەن. مالايسىيا پادىشاھى سۇلتان ئابدۇللا شاھ ئەنقەرەدە تۈركىيە پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان مالايسىيا پادىشاھى سۇلتان ئابدۇللا رىياتۇددىن ئەل مۇستاپا بىللاھ شاھنى رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋالدى. ئەردوغان بىلەن مالايسىيا پادىشاھى سۇلتان ئابدۇللا شاھنىڭ پرېزىدېنت بىناسىدىكى ئۇچرىشىشى تەخمىنەن 2.5 سائەت داۋاملاشتى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن سۇلتانغا تۈركىيە دۆلەت ئوردېنى بېرىلدى. قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سارمات روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئامبىرىغا كىرىدۇ موسكۋا رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئارميا» ناملىق 8-نۆۋەتلىك خەلقئارا ھەربىي-تېخنىكا مۇنبىرى دائىرىسىدە تۈرلۈك كېلىشىملەر ئىمزالاندى. روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بىلەن روسىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرى ئوتتۇرىسىدا سارمات دەپ ئاتىلىدىغان قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل قوراللارنى يەتكۈزۈش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاندى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur