UYGUR TV

17/2/2024 ۋولكىسۋاگېن شەرقىي تۈركىستاندىكى زاۋۇتى سەۋەبلىك بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ۋولكىسۋاگېن شەرقىي تۈركىستاندىكى زاۋۇتى سەۋەبلىك بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بېسىمغا دۇچ كەلگەن ۋولكىسۋاگېن شەرقىي تۈركىستاندىكى زاۋۇتىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا باشقا شېرىكلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە باشلىدى. ۋولكىسۋاگېن 14-فېۋرال خىتايدىكى ھەمكارلاشقۇچى شېرىكلىرى بىلەن ۋولكىسۋاگېن ئاپتوموبىللىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەۋجۇدلۇقى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. بۇندىن ئىلگىرى گېرمانىيە گېزىتىنىڭ ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قاتناشقانلىقى ھەققىدە ئىسپات بارلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى. بۇ مەسىلە گېرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ شىركەت ۋولكىسۋاگېننىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلغان. گېرمانىيە سودا گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇرپانغا جايلاشقان سىناق يولى ياساش قۇرۇلۇش ئورنىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئائىت ئىسپاتلارنى تاپقان. ئۇيغۇرلار ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىدا نامايىشنى داۋاملاشتۇردى 60-نۆۋەتلىك ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنى تۈنۈگۈن خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭمۇ قاتنىشىشى بىلەن باشلاندى. ئىلھام توختى تەشەببۇسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەنۋەر جان يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەرنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا بولغان دىققىتىنى قوزغاش ئۈچۈن تۈنۈگۈندىن باشلاپ نامايىشنى باشلىۋەتتى. خەلقئارا مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىكتىكى ئەڭ مۇھىم سۇپىلارنىڭ بىرى بولغان ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىنىڭ 60-قېتىملىق يىغىنى 2024-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى باشلاندى. گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېندىكى بىر مېھمانخانىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يىغىن 21-فېۋرالغىچە داۋاملىشىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى داۋاملاشماقتا مىليونلىغان مۇسۇلمان تۈركلەر 1949-يىلدىن باشلاپ خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدا تۇرغان شەرقىي تۈركىستاندا قىرغىن قىلىنغان، قىيىن-قىستاققا ئېلىنغان، ئېزىلگەن ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان، بولۇپمۇ 2017-يىلدىن باشلاپ رايوندا باشلانغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە تۈرك نوپۇسىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشقا ئۇرۇنماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈرك خەلقلىرىگە قارشى ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە سىستېمىلىق بولۇپ، بۇ پائالىيەتنىڭ يادرولۇق ئىستراتېگىيىسى كىملىكنى ئاساس قىلغان زىيانكەشلىك، كەڭ كۆلەمدە تۇتۇپ تۇرۇش، نازارەت قىلىش، مەجبۇرىي تۇغماسلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئامېرىكا ۋە خىتاي قۇش زۇكىمىنى تېخىمۇ يۇقۇملۇق ۋە ئەجەللىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ 1 مىليون دوللارلىق تۈرنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە قۇش زۇكىمىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى تېخىمۇ جانلاندۇرىدىغان ۋە ئەجەللىك قىلىدىغان تەجرىبە ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. ئىگىلىنىشىچە، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سىناقلار 2022-يىلى كوۋىد-19 يۇقۇمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دېگەن سەۋەب بىلەن چەكلەنگەن. تەتقىقات ماقالىسىدە دېيىلىشىچە، بۇ تەتقىقات ئۆردەك ۋە غازلارنى ئوخشىمىغان تىپتىكى ۋىرۇسلار بىلەن يۇقۇملاندۇرۇپ، ۋىرۇسلارنى تېخىمۇ يۇقۇملاندۇرىدىكەن ھەمدە ۋىرۇسلارنىڭ «سۈت ئەمگۈچىلەرگە يوقۇش» يوشۇرۇن كۈچىنى تەكشۈرگەن. ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىدا كۆرۈشكەن ئىگىلىنىشچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 60-نۆۋەتلىك ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن بىلەن كۆرۈشكەن. خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋاڭ بىلەن بىلىنكېن ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنى دائىرىسىدە كۆرۈشكەن بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ يىغىننىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا تېخى بايانات ئېلان قىلمىغان. تەيۋەن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى ئەگىشىپ ماڭغان خىتاي بېلىقچىلىق كېمىسى چۆكۈپ كەتكەن خىتاي بىلەن ئىگىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىشى بولغان تەيۋەن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچىلىرى قوغلىغان خىتاي بېلىقچىلىق كېمىسى تەيۋەن كونتروللۇقىدىكى كىنمېن ئارىلىغا يېقىن جايدا چۆكۈپ كەتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، چۆكۈپ كەتكەن كېمىدىكى تۆت خىتاي بېلىقچىنىڭ ئىككسى قۇتقۇزۇۋېلىنغان، ئىككى ئادەم سۇغا غەرق بولغان. خىتاينىڭ تەيۋەن مۇناسىۋەت ئىشخانىسى باياناتىدا تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ بېلىقچىلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقەنى ئەيىبلىدى ۋە ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur