كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ئۇيغۇر قىزى ئارفىيە «كەلگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان 100 شەخس» تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى بۇ يىل 4-ئايدا ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان ئۇيغۇر قىزى ئارفىيە خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ژۇرنال بولغان «دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ 2023-يىللىق «كەلگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان 100 شەخس» تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان. بۇ تىزىملىك ساغلاملىق، كىلىمات، سودا، تەنتەربىيە، سەنئەت ۋە باشقا جەھەتلەردە قەد كۆتۈرۈۋاتقان شەخسلەرنى تەقدىرلەشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا جەمئىيەتتىكى ئەڭ جىددىي مەسىلىلەرنى يېڭى ھەل قىلىش چارىسى بىلەن تەمىنلىگەن ئالىملار، سىياسەتچىلەر، باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى، سەنئەتكارلار، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى، كۇتۇپخانا خىزمەتچىسى قاتارلىق ھەرساھەدىن شەخسلەر كىرگۈزۈلگەنىكەن. «دەۋر» ژۇرنىلى ئارفىيەنىڭ بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالغاندا بۇ يىل 4-ئايدا ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان ئارفىيەنىڭ ياپونىيە سىياسەت ساھەسىدىكى «ياشانغان ئەرلەرنىڭ ھاكىمىيىتى» گە رىقابەت ئېلان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «ياپونىيەدە تەخمىنەن 90% پارلامېنت ياكى مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئەرلەر ئىگىلىگەن. پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 56 ياش. . . ئەمما ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك ئەسلىدىن بولغان، 34 ياشلىق ئارفىيە ئېرى. . . . ياپونىيەدىكى كۆپ خىللىقنىڭ چېمپىيونىغا ئايلاندى». ئەنگىلىيە: خىتاي مۇھىم ئورۇنلاردىكى پۇقرالىرىمىزنى ئوۋلىماقچى بولۇۋاتىدۇ ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى 2023-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىلان قىلىنغان باياناتىدا، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ بارغانسىرى مۇرەككەپ جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، سىياسەت، مۇداپىئە ۋە سودا قاتارلىق سەزگۈر ئورۇنلاردىكى ئەنگىلىيە ئەمەلدارلىرىنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بۇ باياناتىدا پارلامېنتنىڭ 7-ئايدىكى دوكلاتىغا جاۋاب بەرگەن بولۇپ، پارلامېنت ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي ئېلىپ كەلگەن تەھدىتكە تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغان باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «خىتاي خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پروگراممىلىرى ئارقىلىق سەزگۈر بىلىم ۋە مۇھىم ئورۇنلاردىكى تەجرىبىسى بار ئەنگىلىيە ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى ئولجا ئالماقچى». خىتايدىكى ئۆي باھاسىنىڭ توختاپ قېلىشى ئۈچىنچى ئېيىدىمۇ داۋاملاشتى خىتايدا ئۆي باھاسىنىڭ توختاپ قېلىشى ئۆي-مۈلۈك كەسپىدە ساقلىنىۋاتقان قەرز مەسىلىسى ۋە مەبلەغنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن پاراللېل داۋاملاشماقتا. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان تۇرالغۇ ئۆي باھا كۆرسەتكۈچىگە قارىغاندا، ئاۋغۇستتا خىتايدىكى 70 چوڭ ۋە ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 17 سىدە يېڭى ئۆي باھاسى ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرغاندا ئۆرلىگەن، 53 شەھەردە مۇقىم ھالەتتە تۇرغان ياكى تۆۋەنلىگەن. بىرىنچى دەرىجىلىك شەھەرلەر دەپ قارالغان بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ ۋە شىنجىندىكى يېڭى ئۆي باھاسى ئاۋغۇستتا % 0.2 تۆۋەنلىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ شەھەرلەردە 6-ئاي ۋە 7-ئايلاردىمۇ ئۆي باھاسى تۆەنلىگەن. فىلىپپىن جەنۇبىي دېڭىزدىكى خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ كۆپىيىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا فىلىپپىن قوراللىق قىسىملىرى غەربىي رايون قوماندانى مۇئاۋىن ئادمىرال ئالبېرتو كارلوس جەنۇبىي دېڭىزغا يىغىلغان خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ كۆپىيىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. كارلوس تۈنۈگۈنگە قەدەر، بۇ دۆلەتنىڭ «غەربىي فىلىپپىن دېڭىزى» دەپ ئاتايدىغان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىدا تەخمىنەن 40 خىتاي بېلىقچىلىق پاراخوتىنىڭ بايقالغانلىقىنى، بۇ ساننىڭ يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدىكىگە قارىغاندا كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. خىتاي ئامېرىكىغا يېقىنلىشىۋاتقان ۋېيتنامنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ يېقىندا ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن ۋېيتنام ۋە ھىندونېزىيە بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. لى نەننىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 20-نۆۋەتلىك خىتاي-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يەرمەنكىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ۋېيتنام باش مىنىستىرى فام مىن چىن ۋە ھىندونېزىيەنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مائرۇف ئامىن بىلەن كۆرۈشكەن. لى مەتبۇئاتلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئۇلارنىڭ ۋېيتنام ۋە ھىندونېزىيە بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقى: خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چىرىكلىك جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ ئېيتىشلارغا قارىغاندا، 2 ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئاشكارا بولمىغان خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رايونلۇق بىخەتەرلىك ئەمەلدارى ۋە خىتاي ئارمىيىسى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلاشقان ئۈچ كىشىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا شاڭفۇغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ھەربىيلەر بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلاشقان ئىككى كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، لى شاڭفۇ 2017-يىلدىن 2022-يىلغىچە رەھبەرلىك قىلغان خىتاي ئارمىيە سېتىۋېلىش ئەترىتىنىڭ سەككىز يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىمۇ تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur