كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر تېجارەتچى ئىلياس ئابلىكىم ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە تۇتۇپ كېتىلگەن تۈركىيە ئىستانبۇلدا قانۇنلۇق تىجارەت قىلىۋاتقان ئىلياس ئابلىكىم ،ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئالاھىدە ھەركەت ساقچىلىرىنىڭ ئۆيگە باستۇرۇپ كېرىشى بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەن. ئىلياس ئابلىكىمنىڭ يېقىنلىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلياس ئابلىكىم 14 20-يىلى تۈركىيەگە كەلگەن. يۇرتى ۋەتىنىمىزنىڭ غۇلجا شەھىرىدىن، 30ياش. ئايالى مەرھابا ئابدۇرەھىم 28 ياش ۋە ئىككى پەرزەنتى بۇلۇپ، بىرى 6 ياش، كىچىكى ئانا سۈتتىنمۇ ئايرىلمىغان 2 ياشلىق سەبى بالا ئىكەن. ئىلياس تۈركىيىگە كەلگەندىن بېرى، ئىستانبۇلنىڭ سافا كۆي رايونىدا تىلفۇن ئېلىپ سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئىلياس ۋە ئائىلىسدىكىلەرنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ئۇزۇن مۇددەت ئىقامىتى بار بۇلۇپ، ئۆز تۇرمۇشى بىلەن ياشاۋاتقان ئىكەن، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋەتەنداشلىق بېرىلگەن ۋاقىتلاردا ئىلياسمۇ ئائىلىسى بىلەن تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىغا مۇراجىئەت قىلغان بۇلۇپ ، ھەممە تەكشۈرۈش باسقۇچلاردىن ئۆتۈپ بۇلۇپ ئەڭ ئاخىرقى بىر نەتىجىنى ساقلاۋاتقان پەيىتتە، 2023-11-10 كۈنى پەيشەنبە بامدات نامىزى ۋاقتى بىلەن ،تۈركىيە ئالاھىدە قىسىم ساقچىلىرىنىڭ ئۆيگە باستۇرۇپ كېرىشى بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەن. ئىلياس تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئىككىنچى كۈنى چاتالجا كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇۋېتىش مەركىزىگە يۆتكەلگەن . نەچچە كۈن كېيىن ،قەيسەرىيدىكى چەتئەللىكلەرنى قايتۇرۇۋېتىش مەركىزىگە يۆتكىۋېتىلگەن. ئايالى مەرھابا ئابدۇرەھىم سافا كۆيدىكى نازارەت مەركىزىدە 3 كۈن تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، سېلىم پاشادىكى چەتئەللىكلەرنى قايتۇرۇۋېتىش مەركىزىگە يۆتكەلگەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى يەنە بىر تاشيول خىتايغا تۇتاشتۇرۇلدى خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەندىن خىتاينىڭ شىنىڭغا يەنە بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى تۇتاشتۇردى. خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا خىتاينىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ خۇاڭگۇالياڭ-ماڭيا يولىدا رەسمىي قاتناش باشلانغان بولۇپ، بۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىن خىتاينىڭ چىڭخەي شىنىڭغا بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئۈزۈك نۇقتىسىنىڭ رەسمىي ئېچىلىپ، خوتەندىن-چىڭخەي شىنىڭغا بارىدىغان پۈتۈن مۇساپىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قاتناش باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. بىلدۈرۈلۈشىچە، شىنىڭ-خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ شىنىڭ شەھىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتىنى تۇتاشتۇرىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان بۆلىكى يېتىمبۇلاق چاقىلىققىچە، چاقىلىقتىن نىيە ناھىيەسىگىچە، نىيەدىن لوپ ناھىيەسىگىچە بولغان بۆلەكتىن تەركىب تاپىدىكەن. تايلاند خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تايلاندتىكى چارلاش پىلانىنى بىكار قىلدى تايلاند ھۆكۈمىتى ئاممىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا دۇچ كەلگەنلىكى سەۋەبلىك، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تايلاند زېمىنىدا چارلاش ئىشلىرىغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىش پىلانىنى بىكار قىلدى. خەۋەر قىلىنىشچە، خەلقنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا ئۇچرىغان تايلاند ھۆكۈمىتى 14-نويابىر داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرىدا تايلاند ساقچىلىرى بىلەن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بىرلىكتە چارلاش پىلانىنى بىكار قىلغان. بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ساياھەتچىلىرى ئارىسىدا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، خىتاي بىلەن تايلاند ساقچىلىرى بىر قىسىم ساياھەت نۇقتىلىرىدا بىرلىكتە چارلاش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغانىكەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ پىلان ئاۋامنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر تور دۇنياسىدا بۇ ھەرىكەت پىلانىنى «تايلاندنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق» دەپ تەنقىد قىلغان. خىتايدا ئۆي باھاسى داۋاملىق تۆۋەنلىمەكتە خىتايدا ھۆكۈمەتنىڭ ئېھتىياجنى قوزغىتىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلىرىگە قارىماي، ئۆي باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى داۋاملاشماقتا. ئۆكتەبىردە خىتايدا يېڭى ئۆي باھاسى ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرغاندا% 0.38 تۆۋەنلىگەن بولۇپ، نىمكەش ئۆي باھاسىمۇ ئوخشاش ئايدا% 0.58 تۆۋەنلىگەن. بايدىن شى جىنپىڭنى دىكتاتور دېگەندە بلىنكېننىڭ چىراي ئىپادىسى دىققەت تارتتى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە شى جىنپىڭنى «مۇستەبىت» دەپ ئاتىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېننىڭ بۇ سۆزلەرگە بولغان ئىنكاسى دىققەت تارتتى. بىلىنكېننىڭ ئىنكاسى ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا «ئۇ بايدىننىڭ جاۋابىدىن ئانچە رازى ئەمە» دەپ ئىزاھلانغان. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur