UYGUR TV

18/2/2024 بىريۇسسېلدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى توغرىلىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر بىريۇسسېلدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى توغرىلىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى 15-فېۋرال بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا «ياۋروپا قۇياش ئېنېرگىيەسى سانائەتچىلەر كېڭىشى»نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىگە بېغىشلانغان «تەمىنلەش زەنجىرىدىكى پاكىزە ئېنېرگىيە ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە قارىتا دۆلەتلەرنىڭ ئىنكاسى» دېگەن تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. «ياۋروپا قۇياش ئېنېرگىيەسى سانائەتچىلەر كېڭىشى» تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندا ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىدىن رايىنخارد بۈتىكوفېر، ئاننا كاۋاززىنى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس ۋە ئامېرىكا كوممۇنىزىم قۇربانلىرى فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز قاتارلىقلار نۇتۇق سۆزلىگەن. روشەن ئابباس خانىم ئۆز سۆزىدە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇردىن ئىبارەت بىر مىللەت ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپلا قالماي، ئۇنىڭدىن قۇل سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە ۋۇجۇدقا چىققان مەھسۇلاتلارنى ياۋروپا بازارلىرىدا سېتىۋاتقانلىقى مىساللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قارشى تۇرۇش ياردەم مەركىزى قۇرۇلغان ياۋروپادا تۇرۇشلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر تەشكىلاتى بۇ ھەپتە ئىسپانىيەنىڭ مادرىدتا «خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قارشى ياردەم بېرىش مەركىزى» نىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خەۋەر قىلىنىشىچە، قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر تەشكىلاتى «خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قارشى ياردەم بېرىش مەركىزى»نىڭ خىتاي تەلەپ قىلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى ۋە خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ ھەقتە خەلقئارادا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، قانۇن ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر ۋە ئاخبارات كەسپىي خادىملىرىنى ئالاقىدار ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ھەمدە خىتاينىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىگە دۇچ كەلگەن سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى قوشۇمچە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئامېرىكا ۋە خىتاي ئارىسىدىكى تېخنىكا رىقابىتى ھەققىدە دوكلات ۋاشىنگىتونغا جايلاشقان ئىستراتېگىيىلىك ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى سودا تورىنى كونترول قىلىشنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتتە ئەۋزەللىككە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. مەزكۇر ئورگان، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ كىۋانت تېخنىكىسى، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، بىئوتېخنىكا، سۈنئىي ئىدراك ۋە تېلېگراف قاتارلىق ساھەلەردىكى بازار رىقابىتى ۋە بىخەتەرلىك خەۋىپى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى شۋىتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى ھەققىدە ۋېنگىرىيەنى زىيارەت قىلىدۇ ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى شىۋىتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىنى تەستىقلىمىغان بىردىنبىر دۆلەت بولغان ۋېنگىرىيەگە بارىدۇ ۋە بۇداپېشتنىڭ قارارىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن دىپلوماتىك پائالىيەتلەر يولغا قويىدۇ. ئامېرىكا ئەلچىخانىسى كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ۋېنگىرىيە دۇچ كەلگەن ئىستراتېگىيىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشكەن ۋەزىپە» ئۈچۈن ۋېنگىرىيەگە بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىمران خاننىڭ پاكىستاندىكى باش مىنىستىر نامزاتى ئايۇپ ئۆمەر خان ئىدى پاكىستاندا تۈرمىدە يېتىۋاتقان سابىق باش مىنىستىر ئىمران خاننىڭ باش مىنىستىر كاندىداتى پاكىستان ئادالەت ھەرىكىتىنىڭ باش كاتىپى ئۆمەر ئايۇپخان بولغان. مەزكۇر پارتىيىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئەربابلىرىنىڭ بىرى بولغان ئەيۇپ ھازىر ساقچىلار تەرىپىدىن تۈرلۈك ئەيىبلەشلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىكەن. لېكىن بۇ ئۇنىڭ كاندىدات بولۇشىنى توسىيالمايدىكەن. ئەييۇپ ھازىر يوشۇرۇنۇۋالغان بولۇپ، ساقچى ئورگانلىرى ئىمران خان قولغا ئېلىنغاندىن كېيىنكى توپىلاڭغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەر ئۈچۈن ئۇنى ئىزدىمەكتە ئىكەن. روسىيەدە ناۋالنىينى خاتىرىلىمەكچى بولغان يۈزلەرچە كىشى تۇتۇلغان روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۆكتىچى رەقىبى ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكى ئىلان قىلغاندىن كېىن، روسىيە مىقياسىدا ئۇنى خاتىرىلىمەكچى بولغان 100 دىن ئارتۇق كىشى تۇتۇلغان. يەنە بىر تەرەپتىن، ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ ئاپىسى لۇدمىلاغا بېرىلگەن ھۆججەتكە قارىغاندا، ئۇنىڭ 47 ياشلىق ئوغلى شۇ يەر ۋاقتى 16-فېۋرال سائەت 14 دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە قازا قىلغان. ناۋالنىينىڭ باياناتچىسى كىرا يارمىش ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى دەلىللىدى، ئەمما بۇنى قاتىللىق دەپ ئېنىقلاپ، ئۇنىڭ جەسىتىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur