UYGUR TV

18/9/2023 ئامېرىكا ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرى كۆرۈشكەن

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر نيۇيوركتىكى مەشھۇر ئىمارەتلەرگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى تەسۋىرلەيدىغان شولا چۈشۈرۈلدى باش شتابى ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىگە جايلاشقان كىشىلىك ھوقۇق فوندى 13-سېنتەبىر نيۇ-يوركنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەشھۇر ئىمارەتلەر ۋە مۇھىم جايلاردىكى ئېلان تاختىلىرىغا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى تەسۋىرلەيدىغان «تەسۋىرى شولا چۈشۈرۈش پائالىيىتى» ئېلىپ بارغان. كىشىلىك ھوقۇق فوندى نيۇ-يوركتىكى-داڭلىق برۇكلىن كۆۋرۈكى، يېڭى مۇزېي ۋە Hyatt مۇنارى قاتارلىق مەشھۇر ئىمارەتلەرگە چۈشۈرگەن تەسۋىرى شولىلاردا كۆرۈرمەنلەرنى كىيىۋاتقان مودا كىيىملىرىنىڭ ئارقىسىدىكى «ھايات» لار ھەققىدە ئويلىنىشقا چاقىرغان. ئۇلار كۆرسەتكەن مەلۇماتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولىغانلىقى، ئۇ يەرلەردىكى جىنسىي زوراۋانلىق، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش ۋە قىيناشلار، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەلۇم بولۇشىچە نيو-يوركتا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مودا كىيىم-كېچەك ھەپتىلىكى 7-سېنتەبىر دىن 13-سېنتەبىرگىچە داۋاملاشقان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن نۇرغۇنلىغان داڭلىق ماركىلار قاتناشقان. خىتاي ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەردىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىقنى تەلەپ قىلدى خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ئۆمىكى ب د ت غا ئەزا باشقا دۆلەتلەرنى كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت ئومۇمىي مەجلىسىنىڭ مۇنازىرىسىدە بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان باستۇرۇشى مۇزاكىرە قىلىدىغان پائالىيەتكە قاتناشماسلىققا چاقىرغان. ئادۋوكات رەيھان ئەسەت خانىمنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ب د ت دىكى ئۆمىكى باشقا دۆلەتلەردىن ئاتلانتىك ئوكيان كېڭىشى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەشكىللىگەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئالاقىدار يۇقىرى دەرىجىلىك مۇنازىرىگە قاتناشماسلىقنى ئۆتۈنگەن. دۈشەنبە كۈنى ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرگە ئەۋەتىلگەن خەتتە، خىتاي ئۆمىكى بۇ ھەقتە زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئامېرىكا ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرى كۆرۈشكەن ئىگىلىنىشچە، ئامېرىكا ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى مالتادا كۆرۈشكەن. ئاقساراينىڭ باياناتىدا، يىغىننىڭ ئوچۇق ئالاقە يوللىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. باياناتتا، سۇللىۋان بىلەن ۋاڭنىڭ 16-سېنتەبىردىن 17-سېنتەبىرگىچە مالتادا كۆرۈشكەنلىكى ھەمدە بۇ ئىككەيلەننىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى، يەر شارى ۋە رايون بىخەتەرلىك مەسىلىسى، روسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە تەيۋەن مەسىلىسى قاتارلىقلارنى مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ توكلۇق ماشىنىلىرىنىڭ تاموژنا بېجىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرىدۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەت ئىچى بازىرىنى قوغداش ئۈچۈن خىتاينىڭ توكلۇق ماشىنىلىرىغا كۆرۈنەرلىك تاموژنا بېجى ئېلىشقا تەييارلىق قىلماقتا. ياۋروپا ئىت كومىتىتىنىڭ ئىچكى بازارغا مەسئۇل ۋەكىلى تىئېررىي برېتون فرانسىيە تېلېۋىزىيە خەۋەر قانىلى LCI غا بەرگەن باياناتىدا ، جۇڭگو ئىشلەپچىقارغان ئېلېكترونلۇق ماشىنىلارنىڭ تاموژنا بېجىنىڭ% 10 تىن% 20 كە ئۆرلىشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلدى. خىتاينىڭ قىرغىزىستاندىكى تەشۋىقات پائالىيىتى: ھەقسىز ئوپېراتسىيە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈزگەن پىلانى تۈركىي دۆلەتلىرىدىكى تۈرلۈك تەشۋىقات ۋە ياردەم پائالىيەتلىرى بىلەن داۋاملاشماقتا. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، خىتاي بۇ دۆلەتلەرگە سالغان مەبلەغلىرىنى كۆپەيتىش بىلەن بىرگە، «بەلۋاغ يولى تەشەببۇسى» پىلانى دائىرىسىدە دۆلەتلەرنى قەرزگە سۆرەپ كىرمەكتە. قىرىم ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىم خىتاي قىرغىزىستاندا «ھەقسىز ئوپېراتسىيە» نامىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بىر تۈركۈم خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى 12-سېنتەبىردىن باشلاپ قىرغىزىستانلىقلارغا ھەقسىز كۆزگە ئاق چۈشۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىشقا باشلىغان. كورېيە: شىمالىي كورىيە-روسىيە ھەربىي ھەمكارلىقى قانۇنسىز ۋە ئادالەتسىز كورېيە پرېزىدېنتى يون سۇك يېئول شىمالىي كورىيە بىلەن روسىيەنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقىنىڭ «قانۇنسىز ۋە ئادالەتسىزلىك» ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇنىڭغا قارشى تېخىمۇ بەك ئىتتىپاقلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur