UYGUR TV

19/11/2022 «خالىفاكس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى»دە خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش تەلەپ قىلىندى

ۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر «خالىفاكس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى»دە خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش تەلەپ قىلىندى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئ‍ارادىكى نۇپۇزلۇق بىخەتەرلىك يىغىنلىرىدىن بىرى بولغان «خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى»نىڭ 18-نويابىر باشلانغان 2022-يىللىق يىغىنىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا 6 يىل بولاي دېگەن، شۇنداقلا 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ھازىرمۇ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ جىنايەتنى جاۋابكارلىققا تارتىشتا ھېچقانداق ھەرىكەت قىلمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىللىق يىغىنغا ئۈچ ئۇيغۇر بىراقلا تەكلىپ قىلىنغان. دولقۇن ئەيسادىن باشقا، تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ئۆركەش دۆلەت ۋە «خادسۇن ئىنىستىتۇتى»نىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل يىغىندا سۆز قىلغان. ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ: «ئىلھام توختىنى نوبېل مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىمىز» تۈركىيە «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ 16-نويابىردا «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى»نىڭ مەسئۇلى ئەنۋەن جان ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى فەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندىلەرنى قوبۇل قىلدى ئۇيغۇر ھەيئەت ئەخمەت داۋۇتئوغلۇغا ئىلھام توختىنىڭ كۈرەش كەچۈرمىشلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى تەرەقىياتلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ ئۇيغۇر ھەيئىتىگە ئۆز پارتىيەسىنىڭ بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تېخىمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، ئىلھام توختىنى 2023-يىللىق نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. خىتاينىڭ نىيۇيوركتىكى ساقچى پونكىتى تەكشۈرۈلمەكتە ئامېرىكا فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى خىتاينىڭ نىيۇيوركتىكى ساقچى پونكىتىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان. ئامېرىكا فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كرىستوفىر ۋراي 17-نويابىر ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى خىتاينىڭ نىيۇيورك شەھىرىدە رۇخسەتسىز تەسىس قىلغان ئاتالمىش «ساقچى پونكىتى»نىڭ ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ خىتاينىڭ خەلقئارادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە قۇرۇپ چىققان «ساقچى پونكىت» تورىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. كرىستوفىر ۋراي خىتاينىڭ ئامېرىكىدا قانۇنسىز تەسىس قىلغان قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى توختىتىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغان. روسىيە بىلەن خىتاي ئېنېرگىيە سودىسىدا ئۆز پۇللىرىنى ئىشلىشىشكە يۈزلەنمەكتە روسىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئالېكساندىر نوۋاك بۇ يىل رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئېنېرگىيە سودىسى سوممىسىنىڭ % 64 ئاشقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ: «روسىيە بىلەن خىتاي ئېنېرگىيە سودىسىدا ئۆزلىرىنىڭ پۇلىنى ئىشلىتىشكە قاراپ كېتىۋاتىدۇ» دېدى. ئامېرىكا باش شىتاب باشلىقى خىتاينى ئاگاھلاندۇردى ئامېرىكا قوراللىق قىسىملىرى شتاپ باشلىقلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گېنېرال مارك مېيلى خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشقاندا، روسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا ھازىرغىچە قانداق ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىغا قاراپ بېقىشى كېرەك دېدى. گېنېرال مارك مېيلى خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ گېئو-سىياسىي رەقىبى ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ يېقىن ئارىدا ھەربىي جەھەتتىن ئامېرىكاغا بېسىم پەيدا قىلىشقا قاتتىق تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ خىتاينىڭ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ھەر قانداق ۋاستىدىن چېكىنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. فىنلاندىيە باش مىنىستىرى: ياۋروپا خىتاينىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسىغا بەك تايىنىپ قالماسلىقى كېرەك خەۋەر قىلىنىشىچە، فىنلاندىيە باش مىنىستىرى ساننا مارىن ياۋروپانىڭ خىتاي ۋە تەيۋەندە ئىشلەنگەن كومپيۇتېر ئۆزىكى قاتارلىق مۇھىم تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورتىغا بەك تايىنىدىغانلىقىنى ۋە بۇ سەۋەبتىن ئىقتىسادىي جەھەتتە ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. مارىن مۇنداق دېدى: ئەگەر ياۋروپا ئۆزىنىڭ تېخنىكا ئىقتىدارىنى ئاشۇرمىسا، كرىزىس مەزگىلىدە تەمىنلەش جىددىيلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur