UYGUR TV

19/2/2024 خىتاي ئامېرىكىنى ئىقتىسادىي جازالارنى بىكار قىلىشقا چاقىرغان

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر يېڭى دوكلات: شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك كۆپىيىدۇ، ئەمما «كۆرۈنمەيدۇ» ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى جەمىستوۋن فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە، شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش مەجبۇرىي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە نامراتلىقنى ئازايتىش سىياسىتى كېلەر يىلىمۇ داۋاملىشىدىكەن ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەك تېخىمۇ «ئومۇملىشىدىكەن»، ئەمما بۇرۇنقىدەك روشەن «كۆرۈنمەيدىغان» بولۇپ قالىدىكەن. تەتقىقاتقا قارىغاندا، ئىشغالچى خىتاي ھۆكۈمىتى 14-بەش يىللىق پىلانىدا بەلگىلەنگەن ھەر بىر تالانتلىق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى نامىدا نىشانلىق يېزا نوپۇسىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە تەربىيىلەش تەلىپىنى «كۈچەيتكەن». شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دوكلاتتا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ شۇ يەردىكى دېھقانلاردىن دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىغا يۆتكەلگەنلىكى، يەرلىك خەلقنىڭ يۆتكەپ ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق مائاشلىق ئەمگەككە مەجبۇرلانغانلىقى كۆرسىتىلگەن. دوكلاتنىڭ ئاپتورى ئادرىئان زېنز مۇنداق دېدى: بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى تېخىمۇ ئومۇملىشىدۇ، لېكىن مەخپىي ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پائالىيەت باشلىدى ئەنگىلىيەدە كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە سۈكۈت قىلىشىغا قارشى ئۇيغۇر ھوقۇق ھەرىكىتىنى قوزغىدى. مەكتەپنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۇيۇشمىسى تەرىپىدن تەشكىللەنگەن بۇ پائالىيەتتە، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە ئىككى مەكتۇپ يوللىغان. بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تىلى، ئەنئەنىسى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان «مەدەنىيەت ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا قارشى تونۇشنى ئۆستۈرۈش ئىكەن. خىتاي ئامېرىكىنى ئىقتىسادىي جازالارنى بىكار قىلىشقا چاقىرغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى گېرمانىيەدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېن بىلەن كۆرۈشكەندە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي شىركەتلىرى ۋە شەخسلىرىگە قاراتقان جازاسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئۇچرىشىش جۈمە كۈنى ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن بىخەتەرلىك يىغىنى ھارپىسىدا ئېلىپ بېرىلغان. بايدېن ھۆكۈمىتى دۆلەت بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبلىك بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرىگە بەزى تېخنىكىلارنىڭ سېتىلىشىنى چەكلىگەن ئىدى. خىتاي: بىز روسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرگە قورال ساتمايمىز خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، مىنىستىر ۋاڭ يى گېرمانىيەدە 60-نۆۋەتلىك ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇكرائىنالىق مەنسەپدىشى دىمىترو كۇلېبا بىلەن كۆرۈشكەن. ۋاڭ خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى «نورمال» تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «خىتاي توقۇنۇش رايونلىرىغا ياكى توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرگە ئەجەللىك قوراللارنى ساتمايدۇ» دېگەن. گەرچە خىتاي ئۇكرائىنا كرىزىسىدىكى بىتەرەپلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بېيجىڭنىڭ موسكۋانى ئەيىبلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى ۋە بۇ جەرياندا روسىيە بىلەن بولغان ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پوزىتسىيىسى ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ۋېنگرىيە ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىلەن مۇزاكىرە قىلىشنى رەت قىلدى ۋېنگرىيە ھۆكۈمىتى شىۋىتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىنى تەستىقلاش مەسىلىسىدە ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلغان. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئىككى پارتىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋېنگرىيە پايتەختى بۇداپېشتقا بېرىپ، ھۆكۈمەتنى شىۋىتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىش تەلىپىنى دەرھال تەستىقلاشقا چاقىرماقچى بولغان. لېكىن ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىدىن ھېچ قانداق بىر رەسمىي كىشى ئۇلار بىلەن كۆرۈشمىگەن. سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئىسرائىلىيەگە «نورماللىشىش» شەرتى سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فايسال بىن فارخان: «ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلۇشى كېرەك» دېدى. بىن فارخان 60-نۆۋەتلىك ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنى دائىرىسىدىكى بىر يىغىندا ئۆز دۆلىتىنىڭ غەززەدە يۈز بەرگەن ئىشلار ۋە پەلەستىن مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى چۈشەندۈردى. گېرمانىيە روسىيە ۋە خىتاي تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئافرىقا بىلەن تېخىمۇ قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدۇ گېرمانىيە مۇداپىئە مىنىستىرى بورىس پىستورىئۇس ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىدا سۆز قىلىپ، روسىيە ۋە خىتاينىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، گەرچە سىياسىي پەرق بولسىمۇ ، دۆلىتىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur