UYGUR TV

2/4/2024 ئۈرۈمچىدە ئورگان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ ئاشقانلىقى دىققەت قوزغىدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ئۈرۈمچىدە ئورگان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ ئاشقانلىقى دىققەت قوزغىدى خىتاينىڭ نەچچە يىلدىن بېرى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەردە سولانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ھەرخىل ۋاسىتىلار بىلەن مەجبۇرىي ئېلىۋېلىش، مەخسۇس تىجارەت لىنىيەسى قۇرۇپ چىقىش جىنايىتى خەلقئارادا كۈنتەرتىپتە تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئورگان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ 24 مىڭدىن ئاشقانلىقى ھەققىدە ئالاھىدە خەۋەر تارقىتىشى دىققەت قوزغىماقتا. ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 26-مارت ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش «ھاياتلىق. مەدھىيە» ناملىق 2024-يىللىق جەسەت ، ئىچكى ئەزا تەقدىم قىلىشنى ئەسلەش، خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىجرا قىلىۋاتقان خىتاينىڭ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ھەرخىل ۋاسىتىلار بىلەن مەجبۇرىي ئېلىۋېلىپ، مەخسۇس تىجارەت لىنىيەسى قۇرۇپ چىققانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك خەۋەر ۋە دوكلاتلار ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىككى يېرىم مىليون كارخانىنى ئەنگە ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا 2.5 مىلىيون تېجارەتنى ئەنگە ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ۋەھالەنكى ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى تۈرمىدە، ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرى تۈرمىدە.ختاينىڭ شنجاڭ خەۋەرلىرىدە دىيشچە، ختاي ئاتالمىش شنجاڭدا 2 مىلىيون 476 مىڭ شركەتنى قانۇنلۇق ئەنگە ئالغان. دوكلاتتا مەزكۇر تېجارەت ئىگىلىرىنىڭ مىللەت تەۋەلىكى تىلغا ئىلىنمىغان. ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەرىپىدىن 2021-يىلى ئىلان قىلىنغان دوكلاتتا، ختاينىڭ ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىنى تۇتقۇن قىلغاندىن كىين، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى توردا ساتقانلىقى ئسپاتلار بىلەن يورۇتۇلغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي خەۋەرلىرىدە تىلغا ئېلىنغان بۇ 2 مىليون 276 مىڭ كارخانا ئىچىدە 266 مىڭ 700 ى ئاتالمىش شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە ئىكەن. ئامېرىكىغا قېچىپ بارغان خىتايلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئاشقان خىتاي پۇقرالىرى جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئامېرىكىدىن ئامېرىكىغا قېچىپ بېرىپ پاناھلىق تىلەيدىغان يېڭى گۇرۇپپىغا ئايلاندى. ئۇلار بۇ خەتەرلىك سەپەرنى «چېگرادىن ئۆتۈش» دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، بەزىدە كۈتۈلمىگەن ھادىسەلەر يۈز بېرىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكىغا كەلگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئىچىدە، يېقىنقى ئىككى يىلدا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئاشقان. ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، 2023-يىلى ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىدا 37 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي پۇقراسى قولغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ سان 2021-يىلدىكىگە قارىغاندا 50 ھەسسە كۆپ ئىكەن. خىتاي ھىندونېزىيەدە ھەمكارلىققا چاقىردى خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ ھىندونېزىيەنى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئىگە ئىككى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا چاقىردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، شى 14-فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا پرېزىدېنتلىققا سايلانغان ۋە ئۆكتەبىردە ۋەزىپىگە ئولتۇرىدىغان ھىندونېزىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پرابوۋو سۇبىئانتونى سايلامدىن كېيىنكى تۇنجى چەتئەل زىيارىتىدە كۈتۈۋالغان. فرانسىيە: خىتاي رۇسىيەگە ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق ئۇچۇر بېرىشى كېرەك فرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ستېفان سېجورنې خىتاي زىيارىتى جەريانىدا بېيجىڭدىن ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن روسىيەگە «ئېنىق ئۇچۇر» بېرىشنى تەلەپ قىلدى. سېجورنې بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ياۋروپا بىلەن خىتاينىڭ سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى، شۇنداقلا روسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەققىدە توختالدى. ئىسرائىلىيە غەززەدىكى ياردەم خادىملىرىنىڭ ماشىنىسىنى پارتلاتتى غەززەدە ياردەم پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات دۇنيا مەركىزى ئاشخانىسى ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە 7 خادىمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەئىسى جوسې ئاندرېس خىزمەتچىلەرنىڭ «ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا» قازا قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur