20/04/2022 شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ياردەم پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر
خىتاي خەلقئارالىق مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش ئەھدىنامىسىنى تەستىقلاشنى قارار قىلغان
ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىلىرىنى پارچىلاپ، ئۆزلىرىنى شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە سىرتىدىكى خىتاي كارخانىلىرىدا «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشكە ئائىت ئىككى مۇھىم خەلقئارالىق ئەھدىنامىنى تەستىقلاشنى قارار قىلغان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قانۇن ماقۇللاپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازارلىرىغا كىرىشنى چەكلىگەن ئىدى.
خىتاي بىلەن سولومىن تاقىم ئارىلى ئوتتۇرىسىدا بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالاندى
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاي بىلەن سولومىن تاقىم ئارىلىنىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى. باياناتچى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئاۋسترالىيە بىلەن يېڭى زېللاندىيەنىڭ سولومىن تاقىم ئارىلىدىكى خىتاي نوپۇسنىڭ ئېشىشىغا بولغان ئەندىشىسىگە قارىتا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالاندى، دېدى.
قىرغىزىستاندا تۈركىيە ساقچى تەربىيىلەش مەركىزى ئېچىش تەكلىپى
قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى تۈركىيە دائىرىلىرىنى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىدە ساقچى تەربىيىلەش مەركىزى ئېچىششقا تەكلىپ قىلدى. خەۋەر قىلىنىشچە، تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نىيازبېكوف تۈركىيە ساقچىلىرىنىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋە رەقەملەشتۈرۈش ساھەسىدىكى يېڭىلىقلىرى توغرىسىدا مەلۇمات ئالغان. ئۇ يەنە بىئولوگىيەلىك تېخنىكا ئارقىلىق جىنايەتكە قارشى تۇرۇش تەجرىبىخانىسىنى زىيارەت قىلغان.
خىتاي: «قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر روسىيە بىلەن ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىمىز»
خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې يۈچېڭ «قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر روسىيە بىلەن ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىمىز» دېدى. مىنىستىرلىكنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، لې يۈچېڭ روسىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاندرېي ئىۋانوۋىچ دېنىسوف بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى، رايون ۋە يەرشارى خاراكتېرلىك تەرەققىياتلار توغرىسىدا كۆرۈشكەن.
خىتايدىكى قاتتىق كارانتىن تەدبىرلىرى دۆلەت مارشىغا چېتىلدى
خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى بولغان شاڭخەيدە، خىتاي ۋىرۇسى ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن ئىككى ھەپتە تولۇق تاقالغانلىقتىن ئاممىنىڭ نارازىلىقى كۈچەيدى. خەلقنىڭ ۋەزىيەتكە بولغان ئىنكاسىنى خىتاي مارشىدىكى «قوزغال، قۇل بولۇشنى خالىمىغانلار» دېگەن مىسرالار ئارقىلىق ئىپادىلىگەندىن كېيىن، ئاممىۋى تاراتقۇلاردا دۆلەت شېئىرى خەتكۈچ قىلىنغان مەزمۇنلار ئۆچۈرۈلگەن ۋە چەكلەنگەن.
خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مۆلچەرى تۆۋەنلىتىلدى
دۇنياغا داڭلىق بارسلېيس ۋە چارتېرېد بانكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم مەبلەغ سېلىش بانكىلىرى خىتايدىكى نۆل ۋەقە سىياسىتى ۋە كارانتىن سەۋەبىدىن ئىقتىسادنىڭ ئېشىش مۆلچەرىگە تۈزىتىش كىرگۈزدى. ئىقتىساد ئانالىزچىلىرى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى% 5 تىن% 4.2 كە تۆۋەنلەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ياردەم پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى رامىزاندا ياردەم ۋە خەير-ساخاۋەت پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. 4-ئاينىڭ 12-كۈنى، شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى تۈركىيە پىدائىيلار جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، سەفاكۆي شەرقىي تۈركىستاندىكى نامرات ئائىلىلەر ۋە يېتىم بالىلارغا يېمەكلىك ۋە نەق پۇل ياردەم قىلدى. بۇ پائالىيەتكە 150 ئائىلە قاتناشقان بولۇپ، ھەر بىر ئائىلىگە 500 لىرا نەخ پۇل تارقىتىپ بېرىلدى.
#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur