UYGUR TV

20/11/2022 مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇش — ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يەنە بىر شەكلىدۇر

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇش — ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يەنە بىر شەكلىدۇر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 16- نويابىر كۈنى «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇلۇشى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتلەر ئارا تويلاشتۇرۇش سىياسىتى» سەرلەۋھىلىك چوڭ ھەجىملىك بىر دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتاي ئەرلىرى بىلەن تويلاشتۇرۇش سىياسىتىنى دۆلەت سىياسىتى سۈپىتىدە سىستېمىلىق ئېلىپ بارغان. مەزكۇر دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەك» ۋە «بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىش» قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ بىۋاسىتە قۇربانى بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن. خىتاي چەت ئەل ئالاقىسىنى چەكلەش ھەققىدە جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقاتتى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ خەلقئارادا ئاشكارا بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاخبارات-ئۇچۇر ساھەسىدە تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش ئۈچۈن، «چېگرا سىرتىدىن كەلگەن پاراكەندىچىلىك سېلىش تېلېفونىنى تاقاش ئۇسۇلى» ناملىق جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقاتقان. مەزكۇر جىددىي ئۇقتۇرۇشنى قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيەسى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى 18-نويابىر تارقاتقان. ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن چەت ئەلدىن كەلگەن تېلېفونلارنى رەت قىلىش ھەمدە خىتاي مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا يوللاپ ئاشكارىلاش تەلەپ قىلىنغان. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى ئامېرىكا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىش ۋە تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ سۆھبەت يىغىنىغا ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ھەر ساھە كىشىلىرى قاتناشتى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس، ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ مەسئۇلى روشەن ئابباس ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئالىم سېيتوف قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. خىتاي كومپارتىيە ئەزالىرىغا ساياھەت ۋىزىسى چەكلەش ھەققىدە تەكلىپ سۇنۇلدى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە بىر قانچە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەزالىرى ئەڭ يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ لايىھەدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 93 مىليون ئەزاسىنىڭ ھەممىسىگە ساياھەت ۋىزىسى تارقىتىشنى چەكلەش پىلانلانغان. ماركو رۇبىئونىڭ ئىشخانىسى 18-نويابىر يازما بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، باياناتتا بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ يەتمەكچى بولغان ئاساسىي مەقسىتى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە كىرىش قىزغىنلىقىنى تۆۋەنلىتىش ھەمدە خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكىتى، يالغان تەشۋىقات قىلمىشلىرىنى تېخىمۇ چەكلەش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. مالايسىيادىكى سايلامدا ئەنۋەر ئىبراھىم باشچىلىقىدىكى ئۈمىد ئىتتىپاقى غەلبە قىلدى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلىتى مالايسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن 15-قېتىملىق چوڭ سايلامدا ئەنۋەر ئىبراھىم باشچىلىقىدىكى ئۈمىد ئىتتىپاقى ئالدىدا تاماملىدى. 33 مىليون نوپۇسقا ئىگە دۆلەتتىكى 21 مىليوندىن ئارتۇق سايلىغۇچىنىڭ مۇسۇن يامغۇرىغا قارىماستىن بېلەت تاشلاش نىسبىتى يۇقىرى بولغان ئومۇمىي سايلامدا، ئەنۋەر ئىبراھىم رەھبەرلىكىدىكى ئۆكتىچى ئۈمىد ئىتتپاقى بىلەن مۇھىددىن ياسىن باشچىلىقىدىكى مىللىي ئىتتىپاق رىقابەتلەشتى. كىم جۇڭئۇن قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى دەلىللىدى شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن تۈنۈگۈن قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى دەلىللىدى ۋە ئەگەر «دۈشمەنلىرى» ئۆز دۆلىتىگە داۋاملىق تەھدىد ئېلىپ كەلسە، يادرو قورالى بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur