UYGUR TV

21/11/2022 ئاتالمىش كارانتىنا مەركەزلىرىنىڭ ئەپت بەشىرىسى ئوتتۇرىغا چىقتى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ئاتالمىش كارانتىنا مەركەزلىرىنىڭ ئەپت بەشىرىسى ئوتتۇرىغا چىقتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا خەلقنى ئاتالمىش كارانتىنا نامىدا ئۆيلىرىگە ۋە كوللىكتىپ كۆزىتىش مەركەزلىرىگە قاماپ قويغىنغا 100 كۈندىن ئاشتى. يېقىندا ئوتتۇرىغا چىققان قىسقا ۋىدېئو كۆرۈنۈشلىرى ئاتالمىش «كوللىكتىپ كۆزىتىش مەركەزلىرى» نامىدىكى قاماقخانىلارنىڭ ھەقىقىي ئەپت بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ بەردى. بىر ۋىدېئودا، بىر ئۇيغۇر ئايال بىر كوللىكتىپ كارانتىنا مەركىزىدىكى ناچار مۇھىتنى تونۇشتۇرغان. كارانتىنا نامىدىكى بۇ مەركەزلەردە ئەمەلىيەتتە ھېچ قانداق كارانتىنا تەدبىرلىرى يولغا قويۇلمىغان بولۇپ، تازىلىقىمۇ ئىنتايىن ناچار ئىكەن. ئۇ ئايال : «بۇ يەر كارانتىنا مەركىزىمۇ ياكى بىر يىغىۋېلىش مەركىزىمۇ؟» دەپ سوئال قويدى. مۇستافا شەنتوپ: خىتاي ئىككى مىليون ئۇيغۇر بالىنى ئائىلىسىدىن ئايرىدى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ باشلىقى مۇستاپا شەنتوپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندىنىڭ دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، دۇنيادا 150 مىليون بالىنىڭ يېتىم ئىكەنلىكى، ھەر كۈنى 10 مىڭ بالا يوقاپ كېتىدىغانلىقى ۋە ھەر بەش بالىدىن بىرىنىڭ ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلدى. شەنتوپ يۇقىرقى سۆزلەرنى قىلغان بىر يىغىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانىي پاجىئە ھەققىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى، شەرقىي تۈركىستان رايونىدا 2 مىليوندىن ئارتۇق بالا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىش ئۈچۈن ئائىلىسىدىن ئېلىپ كېتىلگەن ۋە لاگېرلارغا سولانغان». قازاقىستاندىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا توقايېف غەلىبە قىلدى قازاقىستاندىكى سايلام كومىتېتىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسىگە قارىغاندا، قاسىم توقايېف مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمىدا% 81.31 بېلەت بىلەن غەلىبە قىلغان. پالاتا ئەزالىرى خىتاي ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچىلار بىلەن سودا قىلىشنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ھۆكۈمەتتىن خىتاي ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى بىلەن سودا قىلىشنى چەكلەش تەدبىرىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى چاك شۇمېر ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون كورنىننىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن خىتاي ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى بىلەن سودا قىلىشنى چەكلەش ئۈچۈن كۈچلۈك لوبىچىلىق قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. خەۋەردە شۇمېر بىلەن كورنىن ئالدىنقى ئايدا كېڭەش پالاتاسىنىڭ «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇنى» نىڭ ئۆكتەبىردىكى «باشقۇرغۇچى مەنبەسى» گە ئۆزلىرىنىڭ تەكلىپلىرىنى قوشۇپ، خىزمەتداشلىرىنى قايىل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. دۇنيا بازىرىدا خىتاي ئەندىشىسى خىتاي دائىرىلىرى 6 ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئىككى كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئاتالمىش «نۆل كوۋىد» تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى ئەندىشىسى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇنىڭ بىلەن پاي چېكى بازىرىدا تەۋرىنىش بولدى، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ بولسا بۇ ھەپتە كۈچىيىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى 2022-يىللىق يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن باشلاندى. بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ پۇتبول مۇسابىقىسى بولغان دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنىڭ ئەرەب دۇنياسىدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلشى بولۇپ، 60 مىڭ ئەل بايت تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان 32 كوماندا جەمئىي 64 مەيدان مۇسابىقىلىشىدۇ. مۇسابىقە 18-دېكابىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur