UYGUR TV

21/11/2023 ئەردوغان ئۇزۇن ئارىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ئەردوغان ئۇزۇن ئارىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالدى تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان 18-نويابىر ئىستانبۇلدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك تۈرك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 62-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە شەرقىي تۈركىستاننىمۇ تىلغا ئالغان. ئەردوغان مەملىكەتلىك تۈرك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىنىڭ 1916-يىلى قۇرۇلغانلىقىنى، تارىختىن بۇيان ئەگىر-توقاي يوللارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى، بىرلەشمىنىڭ سىپرۇس مەسىلىسىگە ئىگە بولۇشتىن تارتىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تەرەققىياتىغىچە، ئاياسوفىيە جامەسىنىڭ قايتا ئىبادەتكە ئېچىلىش دەۋاسىدىن بۈيۈك تۈركىيە كۈرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دائىرىگىچە كېڭەيگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئەردوغان يەنە تۈنۈگۈنكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىنكى باياناتىدا مۇنداق دېدى: «پەلەستىندە ئېزىلگەنلەرنىڭ ئازابى بىزنىڭ دەردىمىز بولغىنىدەك، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز، ئاھسىكا تۈركلىرى، قىرىم تاتارلىرى ۋە كەركۈك تۈركمەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەردىمۇ بىزنىڭ مەسىلىمىز». خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر قۇدۇق قازدى خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى ئۈزلۈكسىز بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندىن بېرى بۇلاڭ-تالاڭنى تېخىمۇ كۈچەيتكەندىن سىرت، ھەرخىل تەجرىبە، سىناقلارنى كۆپەيتكەن. خىتاي بۇ قېتىم يەنە تارىم ئويمانلىقىدا چوڭقۇرلۇقى 9432 مېتىر كېلىدىغان نېفىت-تەبىئىي گاز قۇدۇقىنى بۇرغىلىغان. شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 16-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي نېفىت-خىمىيە سانائىتى گۇرۇھىنىڭ «شېندى 1 ـ نومۇر» يۆجىن 3-3XC قۇدۇقى رەسمىي ئوت يېقىپ سىناق قىلىنغان بولۇپ، تارىم ئويمانلىقى، سۇلۇق يەر تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قىزىل سىزىقىنىڭ سىرتىغا جايلاشقان. خىتاي رېجىمى چوڭقۇرلۇقى 9432 مېتىر كېلىدىغان بۇ نېفىت-تەبىئىي گاز قۇدۇقىنىڭ ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭقۇر قۇدۇق ئىكەنلىكىنى، يانتۇ چوڭقۇرلۇقى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلامدا قۇدۇق بۇرغىلاش گورىزونتال يۆتكىلىشىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك رېكورتنى يېڭىلىغانلىقى ھەققىدە ماختانغان. بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر قۇدۇقتىن كۈنىگە 200 توننا خام نېفىت، 50 مىڭ كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىكەن. قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچى زىيا سەمېدى ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 23 يىللىقىدا خاتىرلەنمەكتە قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچى زىيا سەمېدى ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 23 يىللىقىدا خاتىرلەنمەكتە. قازاقىستاندا تۇغۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچىسى زىيا سەمېدى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قىلغان زۇلۇملىرى ھەققىدە سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن تۈرلۈك بېسىملارغا ئۇچرىغان. ئۇ قازاقىستاندا مەملىكەتلىك چوڭ مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. زىيا سەمېدى 1914-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا رايونىنىڭ ياركەند شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1944-يىلى شەرقىي تۈركىستان ئارمىيىسىگە قاتناشقان ۋە پولكوۋنىك ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە تونۇلدى. ئۆزبېكىستاندا ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيمەكتە ئۆزبېكىستاندىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ سانى 2016-يىلدىكى 77 دىن 212 گە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىش نىسبىتى% 9 تىن% 38 كە ئۆرلىگەن. ئۆزبېكىستان ئالىي مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە يېڭىلىق يارىتىش مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن جامائەتچىلىككە ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2016-يىلى 77 ئۇنىۋېرسىتېت بولغان ئۆزبېكىستاندا، يېقىنقى 7 يىلدا 135 يېڭى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەسىس قىلىنىشى بىلەن 2023-يىلى ئالىي مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ سانى 212 گە كۆپەيگەن. خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرى تاشقى سودا ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى كۈچەيتمەكتە خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرى ئاتالمىش «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»غا ئاساسەن تاشقى سودىغا ئارىلىشىشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇ خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا مۇناسىۋىتىنى يىرىكلەشتۈرگەن سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى 16-نويابىر ھۆججەت ئېلان قىلغان بولۇپ، ھۆججەتتە سۈنئىي ئىدراكنىڭ زور مىقداردا ئۆگىنىش ۋە مەشىقلەندۈرۈشكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى، نۆۋەتتە تور بىخەتەرلىكى ۋە باشقۇرۇشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا ھەمكارلاشقۇچىغا ئايلانغانلىقى، شۇڭا سۈنئىي ئىدراك خىتاي ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ھەربىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. ھۆججەتتە يەنە خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ھەر جەھەتتىن فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، سۈنئىي ئىدراكنىڭ خەۋپى ۋە خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، پۇختا دۆلەت بىخەتەرلىك مۇداپىئە توسۇقى بەرپا قىلىش كېرەكلىكى دەۋا قىلىنغان. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur