كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر غۇلجا چۇلۇقايدا «بىر يېزا، بىر دەرۋازا» تۈزۈمى يولغا قويۇلغان خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ھەر قېتىملىق باياناتىدا، چەت ئەل مۇخبىرلىرىنى رايوننى زىيارەت قىلىشقا ۋە ۋەزىيەتنى نەق مەيداندا كۆزىتىشكە دەۋەت قىلماقتا؛ ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن، شەرقىي تۈركىستاندا قاتمۇقات توسۇقلارنى قۇرۇپ، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى مۇمكىنسىزلەشتۈرمەكتە. خەۋەر قىلىنىشىچە، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ چۇلۇقاي يېزىسىدىكى بىر ئامانلىق مۇدىرى، يېزىنىڭ نازارەت تۈزۈملىرىنىڭ قاتتىقلىقىنى تونۇشتۇرۇپ، يېزىنىڭ دەرۋازىسىدىن چەت ئەللىكلەرنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت يوقلۇقى ۋە يېقىنقى 6 يىلدا بىرمۇ چەت ئەل مۇخبىرىنىڭ يېزىغا قەدەم بېسىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان. چۇلۇقاي يېزىسىنىڭ پۈتۈنلەي قورشاۋ تام ئىچىگە ئېلىنغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئېنىقلاشلار داۋامىدا، بۇ تۈزۈمنىڭ ناھىيە بويىچە يولغا قويۇلغانلىقى مەلۇم بولغان. يېقىندا قەشقەردە زىيارەتتە بولغان فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى، يېزىلاردىكى ۋەزىيەت ۋە چەكلىمىلەرنى پاش قىلغان ئىدى. خىتاينىڭ ب د ت ئومۇمىي مۇنازىرىسىگە يانداش پائالىيەتنى توسىماقچى بولۇشى نارازىلىق قوزغىدى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 2023-يىللىق ئومۇمىي مۇنازىرىسى 19-سېنتەبىر كۈنى باشلانغان بولۇپ، ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئاقىللار ئامبىرى بولغان «ئاتلانتىك كېڭىشى» ۋە ھەمدە «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» بىرلىكتە ب د ت ئومۇمىي مۇنازىرىسىگە يانداش بىر پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تارتماقچى بولغان. ھالبۇكى، مەزكۇر يىغىن ئېچىلىشتىن ئاۋۋال، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ئۆمىكىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئۆمىكىگە مەخپىي خەت يېزىپ، ئۇلارنى بۇ يىغىنغا قاتناشماسلىققا چاقىرغانلىقى ئاشكارىلاندى. يۇقىرىقى بۇ خەت ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. پائالىيەتتىكى سۆزلىگۈچىلەردىن بىرى بولغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يەر شارى جىنايى ئىشلار ئەدلىيەسىگە مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى بەت ۋان شاك خانىم بۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىكى خەلقارالىق تەشۋىقاتىنىڭ بىر مىسالى دەپ ئاتىدى. ھىندىستان ختايغا قارشى يۈكسەك چوقىدا ئايروپىلان يولى ياسىماقتا ھىندىستان خىتاي تەھدىتىگە قارشى دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز چوققىلارنىڭ بىرىدە كۈرەشچى ئايروپىلان ئۇچۇش يولى ياساشقا تەييارلىق قىلماقتا. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ھىندىستان شەرقىي لاداخنىڭ نېئوما رايونىنىڭ شەرقىي تۈركىستان-ھىندىستان چېگراسىنى بويلاپ دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز چوققىدا كۈرەشچى ئايروپىلان ئۇچۇش يولى ياساشنى پىلانلىغان. خىتاي گېرمانىيە ئەمەلدارىنىڭ شى جىنپىڭنى دىكتاتور دېگەنلىكىگە ئىنكاس قايتۇردى خىتاي بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق گېرمانىيە باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ شى جىنپىڭنى «دىكتاتور» دەپ ئاتىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى. ئىگىلىنىشىچە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بايېربوك خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭنى «دىكتاتور» دەپ ئاتىغان بولۇپ، خىتاي دۈشەنبە كۈنى بۇنىڭغا «سىياسىي ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېرمانىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يەكشەنبە كۈنى خىتاي تەرىپىدىن مىنىستىرلىققا چاقىرتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئالاقىدار سۆزلىرىنى «ئىنتايىن كۈلكىلىك» دەپ ئەيىبلىگەن. ئەزەربەيجان پرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېف: قاراباغدا ئۇرۇش توختىتىلدى ئەزەربەيجان پرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېف «قاراباغدىكى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» دىن كېيىن بايانات ئىلان قىلدى. ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغدىكى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغاندىن كېيىن تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلىگەن ئەلىيىف، خەلققە خىتاب قىلدى. ئۇ قاراباغدىكى ئەرمەنىي بۆلگۈنچى كۈچلىرىنىڭ قورال تاشلاش كېلىشىمىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمىنىيەنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تىنچلىق كېلىشىمى ئىزالىشىغا كۆپ ۋاقت قالمىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ياپونىيە خىتاينىڭ مەخسۇس ئىقتىسادىي رايونىغا لەيلىمە ئۆي ياسىشىغا ئېتىراز بىلدۈردى ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ياپونىيەگە تەۋە ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونغا لەيلىمە ئۆي ياسىغانلىقىغا دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئىلان قىلدى. خەۋەر قىلىنىشىچە، ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى يېقىندا ئوكىناۋانىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان تالاش-تارتىشتىكى سېنكاكۇ ئارىلىغا يېقىن جايدا خىتاينىڭ لەيلىمە ئۆيلىرىنى ئۇچراتقان. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur