UYGUR TV

22/09/2022 رابىيە قادىر خانىم ئاقساراي ئالدىدا ئاچلىق ئىلان قىلغان جەسۇر لاگىر شاھىتلىرىنى يوقلىدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر رابىيە قادىر خانىم ئاقساراي ئالدىدا ئاچلىق ئىلان قىلغان جەسۇر لاگىر شاھىتلىرىنى يوقلىدى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى 78 ياشلىق رابىيە قادىر خانىم ئاقساراي ئالدىدا ئاچلىق ئىلان قىلغان جەسۇر لاگىر شاھىتلىرىنى يوقلىدى. ئامېرىكادىكى بىر قىسىم لاگېر شاھىتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر ئاقساراي ئالدىدا 19-سېنتەبىر كۈنى ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتى باشلىغان ئىدى. زۇمرەت داۋۇت، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزى قاتارلىق لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم ئاچلىق ئىلان قىلىشى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، « مەقسىتىمىز خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان قاتتىق قامالى سەۋەبلىك يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاچلىق كىرىزىسىغا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىش؛ نۆۋەتتە جەنۋەدە داۋام قىلىۋاتقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بىر قارارنامە تەييارلاشقا چاقىرىش » دېدى. ئاچلىق ئىلان قىلغان لاگىر شاھىتلىرىنى يوقلىغان رابىيە قادىر خانىم ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى قوللاش بىلەن بىرگە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاي زۇلمىغا قارشى بىرلىشىشكە چاقىردى. ياۋروپا سودا ساھەسى خىتايغا بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىشقا باشلىدى ئىگىلىنىشىچە، ياۋروپا سودا ۋە دىپلوماتىيە ساھەسى خىتاينى ئەمدى كۆڭۈلدىكىدەك نىشان ئەمەس، دەپ قاراشقا باشلىغان. خىتايدىكى ئېغىر قامالنىڭ ئىقتىساد ساھەسىگە بىۋاسىتە بېسىم پەيدا قىلىشىدىن باشقا خىتاينىڭ چەتئەللىكلەرگە قاراتقان ۋىزا كونتروللۇقى، خىتاينىڭ خەلقئارا سىياسىي سەھنىدىكى ئوبرازىنىڭ خۇنۈكلىشىشى دېگەنلەرمۇ بۇنىڭدىكى مۇھىم سەۋەبلەردىن ئىكەن. ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ سودا گۇرۇھى بولغان «ياۋروپا سودا چەمبىرى» 21-سىنتەبىر ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ خىتايغا بولغان ئىشەنچىنىڭ يوقالغانلىقىنى، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ كۆڭۈلدىكىدەك مەبلەغ سېلىش نىشانى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن. ئامېرىكا ۋە كانادا ئۇرۇش پاراخوتلىرى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتتى ئىگىلىنىشچە، ئامېرىكا ۋە كانادا دېڭىز ئارمىيىسىگە تەۋە ئىككى ئۇرۇش پاراخوتى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەن. خىتاي بۇ پاراخوتلارنىڭ ئۆزى بېكىتكەن دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئۆتۈشىگە نارازلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنى «ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ ئاتىدى. ئامېرىكانىڭ تىنچ ئوكياندىكى 7-فىلوتىنىڭ باياناتىدا «ئامېرىكا ئارمىيسىگە تەۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا توشۇغان بىر پاراخۇت بىلەن كانادا خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر پاراخۇتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەنلىكى ۋە بۇنىڭ قەرەللىك بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكى" تەكىتلەندى. قازاقىستاندا پرېزىدېنت سايلىمى 20-نويابىر ئۆتكۈزۈلىدۇ قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توقايېف 20-نويابىر مۇددەتتىن بۇرۇن پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈش پەرمانىغا ئىمزا قويدى. ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇشتىكى رولىغا رەھمەت ئېيتتى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئالماشتۇرۇشتا مۇرەسسە قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئەردوغان روسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ۋە ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زېلېنسكىي بىلەن ئېلىپ بارغان دىپلوماتىك سۆبەت نەتىجىسىدە 200 ئەسىرنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur