UYGUR TV

22/11/2022 شەرقىي تۈركىستاندىكى توققۇز نېفىت-تەبىئىي گاز رايونى بەش خىتاي كارخانىسىغا سېتىۋېتىلدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر د ئۇ ق توققۇز-دېكابىر «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» نى دۇنيا مىقياسىدا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى 20-نويابىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئۆتكۈزۈپ، 9-دېكابىر «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» نى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى. تور ئارقىلىق چاقىرىلغان بۇ يىغىنغا ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئەنگلىيە، شۋېتسىيە، شۋېتسارىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، گېرمانىيە قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن 70 نەپەر ئىجرائىيە ھەيئەت ئەزاسى ۋە بەزى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىئىرى قاتناشتى. 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى لوندوندىكى مۇستەقىل ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان قىلمىشىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق›، ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› دەپ بېكىتكەن ئىدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى توققۇز نېفىت-تەبىئىي گاز رايونى بەش خىتاي كارخانىسىغا سېتىۋېتىلدى خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندىكى توققۇز نېفىت-تەبىئىي گاز رايونىنىڭ كان تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى بەش خىتاي كارخانىسىغا سېتىۋەتكەن. تەڭرىتاغ تورىنىڭ 20-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تەبىئىي بايلىق نازارەت قىلىش ئىدارىسى 2022-يىلى تۇنجى تۈركۈمدە توققۇز نېفىت-تەبىئىي گاز رايون بۆلىكىنىڭ كان تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى بەش خىتاي شىركىتىگە 3 مىليارد 117 مىليون يۈەنگە سېتىۋەتكەن. خىتاينىڭ بېسىمى تەيۋەننىڭ مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان تەيۋەن TSMC شىركىتى ئارىزوناغا ئەڭ ئىلغار ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خەۋەر قىلىنىشىچە، ئالما ۋە كۇۋالكوم قاتارلىق داڭلىق ماركىلارنىڭ ئۆزەك تېخنىكىسىنىڭ %90 ىنى ئىگىلەيدىغان بۇ شىركەت يېقىندا كۈچىيىۋاتقان خىتاي-تەيۋەن جىددىيلىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشىنى پۈتۈنلەي تەتۈر يۆنىلىشكە ئۆزگەرتكەن. قاتار خىتاي بىلەن يىگىرمە يەتتە يىللىق LNG كېلىشىمى ئىمزالىدى قاتار ئېنىرگىيە شىركىتى خىتاينىڭ سىنوپېك نىفىت-خىمىيە شىركىتى بىلەن LNG يەنى سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز تەمىنلەشتە ئۇزۇن مۇددەتلىك توختام ئىمزالىدى. قاتار ئېنېرگىيە شىركىتى بۇ ھەقتە بايانات ئىلان قىلىپ، خىتاي نىفىت-خمىيە شىركىتى بىلەن 27 يىللىق كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا: خىتاي ئامېرىكىغا يېتىپ كېلەلەيدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقاردى خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى 6 يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىغا قويۇلغان يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋاشىنگىتون بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكنىڭ تۇيۇقسىز كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بېيجىڭدىكى 6 يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ھەممىسىگە JL-3 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورنىتىلغان بولۇپ، مۇساپىسى 12 مىڭ 500 كىلومېتىر ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئامېرىكىغا يېتىپ كېلەلەيدىكەن. كوسوۋو بىلەن سېربىيە بىريۇسسېلدىكى ئۇچرىشىشتا بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىدى كوسوۋو بىلەن سېربىيە ئوتتۇرىسىدا بىر مەزگىلدىن بۇيان كىملىك كارتى ۋە ئاپتوموبىل نومۇر تاختىلىرى سەۋەبىدىن جىددىيلىك كۈچەيگەندىن كېيىن، سېربىيە پرېزىدېنتى ئالېكساندېر ۋۇچىچ ۋە كوسوۋو باش مىنىستىرى ئالبىن كۇرتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى جوسېف بوررېل بىلەن ئايرىم ۋە ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشىدا كۆرۈشتى. بوررېل يىغىن ئاخىرىدا قىلغان باياناتىدا، ۋۇچىچ بىلەن كۇرتى ئۇچرىشىشىدا جىددىيلىكنى پەسەيتىشنىڭ چارىسى ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل بولمىغانلىقىنى ئېيتتى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur