كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر مائارىپ تەتقىقاتچىسى ئابدۇسەمەت روزىنىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەندى ئۆتكەن ئايدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا شىنجاڭ رادىيو تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قىزىلسۇ شۆبىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، شائىر ۋە تەتقىقاتچى ئابدۇسەمەت روزىنىڭ بۇ يىل 31-ئاۋغۇست كۈنى ۋاپات بولغانلىقى خەۋەر قىلىندى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ ئاتۇشقا قارىتا تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، ئۇنىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى، جەسەتنىڭ ئائىلىسىگە قايتۇرۇلماستىن ئۇدۇللا زاراتگاھلىققا ئېلىپ چىقىلغانلىقى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ زاراتگاھلىققا ئېلىپ كېلىنىپ تەھدىت ئاستىدا نارازىلىق پىكرى سورالغانلىقى ئاشكارىلانغان. ئابدۇسەمەت روزى تۇتقۇندىكى زىيالىيلار تىزىملىكىدە ئەڭ باشتا ئورۇن ئالغان تەتقىقاتچىلاردىندۇر. مەزكۇر تىزىملىكنىڭ تۈزگۈچىسى، نورۋېگىيە ئۇيغۇريار فوندىنىڭ يېتەكچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ دېيىشىچە، ئابدۇسەمەت روزى 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 2019-يىلى 20 يىللىق كېسىۋېتىلگەن؛ 2021-يىلى سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلۈپ قويۇپ بېرىلگەن. 2022-يىلى سېنتەبىردە قايتىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. بۇ يىل 8-ئاينىڭ 31-كۈنى تۈرمىدە جان ئۈزگەن. خىتاي كورىيەدە ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق يالغان تەشۋىقاتىنى باشلىغان خىتاي يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدىكى ساختا تەشۋىقاتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم كورىيەدە «شىنجاڭ ياخشى جاي» مەدەنىيەت ساياھەت ھەپتىلىكى باشلىغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 16-نويابىر كورىيەنىڭ پايتەختى سېئۇلدا ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» مەدەنىيەت ساياھەت ھەپتىلىكى پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن. خىتاي ئەمەلدارلىرى ئېچىلىش مۇراسىمىدا: «بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ خىتاي ۋە كورىيە خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇشىنى، تېخىمۇ كۆپ كورىيەلىك دوستلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ زىيارەت قىلىپ، رايوننىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ مەسچىت چېقىش ھەرىكىتى توغرىسىدا دوكلات ئىلان قىلدى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يېڭىدىن ئېلان قىلغان دوكلاتتا، خىتاينىڭ تۈرلۈك غەرەزلەر بىلەن مەسچىتلەرنى تاقايدىغانلىقى، چاقىدىغانلىقى ۋە ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇلارنىڭ خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى «سىستېمىلىق ھەرىكىتى» نىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ دوكلات خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە ئىلان قىلىنغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسىچت چېقىش قىلمىشلىرى بىلەن بىرگە خىتايدىكى تۇڭگانلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى مەسچىتلەرنىڭ ئەھۋالىمۇ بايان قىلىنغان. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، نىڭشيا ئاپتونوم رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان لياۋچياۋ يېزىسىدىكى ئالتە مەسچىتنىڭ ئۈچىنىڭ گۈمبەزلىرى ۋە مۇنارلىرى ۋەيران بولغان. قالغان ئۈچ مەسچىتنىڭ ئاساسلىق ئىبادەت رايونلىرى تاقىۋېتىلگەن. ئىسرائىلىيە كابىنېتى خاماس بىلەن ئۇرۇش توختىتىش ۋە تۇتقۇن ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى تەستىقلىدى ئىسرائىلىيە كابىنېتى ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش ۋە خاماسنىڭ قولىدىكى بىر قىسىم تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى بىر كېلىشىمنى تەستىقلىدى. قاتارنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمدە، ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە قامالغان نۇرغۇن ئاياللار ۋە ياشلارنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى. خاماس تەرەپمۇ بۇ كېلىشىمنى ئىسپاتلايدىغان بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ «ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىش» نى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. باياناتتا يەنە ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى 150 پەلەستىنلىكنىڭ كېلىشىم بىلەن قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى. ئامېرىكا: خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ئىجابىي رول ئوينىشىدىن مەمنۇن بولىمىز ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ماتېۋ مىللېر ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ئىجابىي رول ئوينىشىدىن مەمنۇن بولىدىغانلىقىنى، ئەمما رايوندىكى شېرىكلىرىنىڭ «ھېچقانداق نەرسە ئامېرىكا رەھبەرلىكىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ» دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى. مىللېر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ پەلەستىن، سەئۇدى ئەرەبىستان، ھىندىنوزىيە، مىسىر ۋە ئىئوردانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە يۇقىرىقى سۆزنى ئېيتقان. خىتاي بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدا پۇل ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى خىتاي بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئارىسىدا ئىككى دۆلەت سودىسىدا يەرلىك پۇللارنى ئىشلىتىش توغرىسىدا پۇل ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاندى. ئىككى دۆلەتنىڭ مەركىزىي بانكىلىرىنىڭ بىرلەشمە باياناتىغا قارىغاندا، ئۈچ يىللىق كېلىشىم دائىرىسىدە 50 مىليارد يۈەن يەنى تەخمىنەن 6 مىليارد 970 مىليون دوللار سەئۇدى رىيالىغا ئالماشتۇرۇلىدىكەن. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur