UYGUR TV

224/11/2022 لاگېر شاھىتلىرى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بەردى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر لاگېر شاھىتلىرى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بەردى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت، 11-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا 12 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ بىر قاتار تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەن. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، د ئۇ ق رەھبەرلىرى، لاگېر شاھىتلىرى ۋە ئاۋسترالىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە بىر قىسم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەەتتىكى جىددىي ئەھۋالىنى ئاڭلاتقان. خىتاي ئاتالمىش «كارانتىن مەركەزلىرى»نى كېڭەيتىپ قۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا خىتاي «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىشىكلىرىنى سىم بىلەن چىگىپ ئۆيلىرىگە قامىغاندىن باشقا، مەخسۇس تەييارلانغان ئاتالمىش «ئايرىپ قاماش ئورۇنلىرى» غا مەجبۇرىي قاماپ قىرغىن قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. گەرچە خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارا بىر ھادىسىگە ئايلانغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت ئوبلاستلىرىدىكى قامال مەركەزلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتمەكتە. شەرقىي تۈركىستاندىن تارقالغان بىر سىندا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي كورلىدا شەرقىي تۈركىستان بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش مەركىزى» نامىدىكى تۇتقۇن قىلىپ سولاش ئورنى قۇرۇپ چىققان. ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدىكى تەمىنلىگۈچى زاۋۇتىدا شىددەتلىك نامايىش پارتلىدى ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدىكى ئاساسلىق ئايفون ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىدىكى يۈزلىگەن خىزمەتچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ يۇقۇمنى چەكلەش باھانىسىدە قاتتىق تەدبىر قوللانغانغانلىقىغا نارازلىق بىلدۈرۈپ، بىخەتەرلىك خادىملىرى بىلەن توقۇنۇشقان. مەزكۇر نامايىش شىركەتنىڭ مائاش تارقاتمىغانلىقى ۋە يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىدىن ئەنسىرەپ باشلانغان بولۇپ، نامايىشتا نۇرغۇن ئىشچى يارىلانغان بولۇپ، ساقچىلار نامايىشچىلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن رايونغا كەلگەن. پارچە پارچە يوللىنىۋاتقان سىنلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ساقچىلار نامايىشچىلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولۇپ، نامايىشچىلارمۇ ساقچىلار بىلەن قاتتىق توقۇنۇشقان. تايلاند: خىتاي بىلەن ئىمزالانغان سۇ ئاستى پاراخوتى كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشىمىز مۇمكىن تايلاند دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى ئادمىرال چومچوڭپېت ئۆزلىرىنىڭ 2017-يىلى خىتاي بىلەن ئىمزالانغان S26T يۈەن دەرىجىلىك سۇ ئاستى پاراخوتىنى سېتىۋېلىش كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. چومچوڭپېت تايلاند دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 12-ئايدا سۇ ئاستى پاراخوتى تۈرىدە خىتاي تەرەپ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇلارنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىدا قايسى خىل ماتورنىڭ ئىشلىتىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمىسە كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقالايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. دوكلات: خىتاي خاككېرلىرى تور ھۇجۇمىنى كۈچەيتمەكتە ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش كومىتېتى ئېلان قىلغان دوكلاتقا قارىغاندا، خىتاي تور ھۇجۇملىرىدا ئامېرىكىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن. دوكلاتتا ھۆكۈمەتنىڭ خىتاينىڭ تور بوشلۇقى مەشغۇلاتى، سىياسىتى ۋە ئامىللىرى ھەققىدىكى بۈگۈنگە قەدەر ئەڭ تەپسىلىي باھاسى تەمىنلەنگەن. دوكلاتتا: «نەچچە ئون مىڭلىغان خىتاي ھەربىي خاككېرلىرى ئامېرىكىغا قارشى تور ئۇرۇشىغا تەييارلىق قىلماقتا» دېيىلگەن. دۇنيا لوڭقىسى كۈتۈلمىگەن نەتىجىلەر بىلەن داۋاملاشماقتا قاتاردا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە سەئۇدى ئەرەبىستان ئارگېنتىنانى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن يەنە بىر ھەيران قالارلىق ئىش يۈز بەردى. E گۇرۇپپىنىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسىدە، ياپونىيە كوماندىسى 1 گە قارشى 1 نەتىجىدە ئارقىدا قالغان مۇسابىقىدە 2 دە 1 نەتىجە بىلەن گېرمانىيە كوماندىسىنى يەڭدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur