UYGUR TV

23/11/2022 ئىيى پارتىيە ۋەكىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنداشلىق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ 4 ئەمەلدارى ۋە بىر ئاپپاراتىغا يۈرگۈزۈلگەن جازانى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق 4 نەپەر ئەمەلدارى بىلەن بىر ھۆكۈمەت ئاپپاراتىغا يۈرگۈزۈلگەن جازانى يەنە بىر يىل ئۇزارتماقچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياۋروپا پارلامېنتى 22-نويابىر كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازالاش تىزىملىكىگە تېخىمۇ كۆپ خىتاي ئەمەلدارلىرىنى كىرگۈزۈشنى مۇنازىرە قىلغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ خەيلۈن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق سېكرېتارى، ھازىرقى تىبەت پارتكومىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ جۈنجېڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ مىڭشەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ نازىرى چېن مىڭگو، شۇنداقلا خىتاينىڭ «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» نى جازالىغان. ئىيى پارتىيە ۋەكىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنداشلىق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى تۈركىيە ئىيى پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئىبراھىم خالىل ئورال 2022-يىلى 18-نويابىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتى پىلان ۋە خامچوت كومىتېتىدا ئۆتكۈزگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا، ھۆكۈمەتنىڭ كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكى ھەققىدە سۆز قىلغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ پۇقرالىق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئورال دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشىشتە ئايرىمىچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «يۈزلىگەن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ پۇقرالىق ئىلتىماسى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىد سالغان دېگەن باھانە بىلەن رەت قىلندى» دېدى. دوكلات: خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان كۈنتاختىلار ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئامېرىكادىكى «برىكستروۋ ئىنستىتۇتى» ناملىق بىر تەتقىقات ئ‍ورنى ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان بىر يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا، دۇنيا قۇياش ئېنېرگىيەسى بازىرىنىڭ ئاساسلىق تەمىنلىگۈچىسى بولغان خىتاينىڭ كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئۇنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشى ۋە زەھەرلىك كاربون گازى قويۇپ بېرىشتە چوڭ رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەپسىلىي سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئاشكارىلىدى. «برىكستروۋ ئىنستىتۇتى» «كۈنتاختا ئىمپېرىيەسىنىڭ گۇناھلىرى» ناملىق دوكلاتىدا خەلقئارا قۇياش ئېنېرگىيەسى ساھەسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەخلاقى ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن بولمىغان كۈنتاختا باتارىيەسى ئىشلەپچىقىرىشىغا قارىتا ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا چاقىرغان. جوسېف بوررېل خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە «رېئال» بولۇشنى تەلەپ قىلدى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىخەتەرلىك ۋە تاشقى ئىشلار يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ياۋروپانىڭ خىتاي بىلەن بولغان كۈندىلىك سودا سوممىسىنىڭ 2 مىليارد ياۋرو ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قوغدىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ۋەكىللىرى بولسا بوررېلنى تەنقىدلەپ، ياۋروپانىڭ خام ئەشيادە روسىيەگە تايىنىپ قالغانغا ئوخشاش خىتايغىمۇ تايىنىپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئىستانبۇل يېقىنلىرىدا يەر تەۋرىدى تۈركىيەنىڭ دۈزجە ۋىلايىتىدە 23-نويابىر سەھە سائەت 4 تىن 8 دە 5.9 بال يەر تەۋرىدى. تەۋرەش ئىستانبۇل, بۇرسا، ئىزمىر قاتارلىق جايلاردىمۇ روشەن تەسىرىنى كۆرسەتتى. تۈركىيە دائىرىلىرى نۇرغۇن قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەنلىكىنى، ھازىرغىچە ئۆلۈم ئەھۋالى يوقلۇقىنى، 30 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى. دۈزجە ئەنقەرە بىلەن ئىستانبۇل ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار يەر تەۋرەش تەسىرىدىن ئويىغىنىپ كەتكەنلىكىنى ۋە تەۋرەشنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur