UYGUR TV

23/9/2023 ئامېرىكا ۋە خىتاي مالىيە خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ب د ت ئومۇمىي يىغىنى كۈنلىرىدە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى تەكىتلىدى ئىگىلىشىمىزچە، 20-سېنتەبىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 78- نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقاندا، ئامېرىكادىكى مۇخبىرلار ۋە يازغۇچىلار فوندى جەمئىيىتى «دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىيەتنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئاچقان. بۇ يىغىنغا 24 دۆلەتتىكى 36 جەمئىيەتنىڭ 150 تىن ئارتۇق مۇتەخەسسىسلىرى، پۇقراۋى جەمئىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى رەھبەرلىرى، دىپلوماتلار، ئاكادېمىكلار، مۇخبىرلار ۋە يازغۇچىلار قاتناشقان. يىغىندا كىشىلىك ھوقۇق، تىنچلىق، مەدەنىيەتلەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن دۇنياۋى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنىڭ پىلان، پىروگراممىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان، شۇنداقلا دۇنيا رەھبەرلىرىگە يېڭى چارە، ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەتلەر تەۋسىيە قىلىنغان. راھىلە داۋۇتنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنىشى كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىدى ئامېرىكادىكى «دىيالوگ فوندى» تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر فولكلورشۇناس، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى دەلىللەپ زور ئىنكاس قوزغىدى. راھىلە داۋۇتقا ئوخشاش ئۇيغۇر فولكلورى ۋە مازار تەتقىقاتى ساھەسىدە خەلقئارالىق شان-شەرەپكە ئىگە بولغان بىر بىلىم ئادىمىنىڭ بۇنداق ئېغىر جازاغا ئۇچرىشى ئۇنىڭ مەسىلىسىنى بىلىدىغان، كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بارلىق كىشىلەرنى قاتتىق قايغۇغا سالغان ھەم قاتتىق غەزەپلەندۈرگەن. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ بايانات ئىلان قىلىپ خىتاينى تەنقىد قىلدى. باياناتتا: «راھىلە داۋۇتنى كەسپىي ھاياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە ئېلىپ كەتكەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىدا مەن دېگەن پاكىتلارنى ئوبدان بىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئۇنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېلىپ كەلگەن بىردىنبىر تەھدىتى دەل ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى ھەققىدە تەڭداشسىز بىلىمگە ئىگە بولغانلىقىدا. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى بىلەن خەلقئارادىكى تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا بىر كۆۋرۈك بولغان ئىدى.» دېيىلدى. ئامېرىكا ۋە خىتاي مالىيە خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ۋە پۇل-مۇئامىلە خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مالىيە مىنىستىرى يېللېن خىزمەت گۇرۇپپىسى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بۇ گۇرۇپپىلار ئامېرىكىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئەندىشىسىنى يەتكۈزۈش، ئامېرىكا ئىشچىلىرى ۋە كارخانىلىرى ئۈچۈن باراۋەر سەۋىيىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ساغلام ئىقتىسادىي رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يەرشارى خاراكتېرلىك خىرىسلارغا قارشى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم مۇنبەر سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ». خىتاي بىلەن سۈرىيە «ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى» ئورناتقانلىقىنى ئېلان قىلدى سۈرىيە پرېزىدېنتى بەششار ئەسەدنىڭ ئۆز دۆلىتىدە 12 يىل داۋاملاشقان ئىچكى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيانقى تۇنجى خىتاي زىيارىتى جەريانىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا «ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق» ئورنىتىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەسەد خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، ئۇ 19-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. يىغىندىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا «ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق» ئورنىتىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان. «پارا ئېلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن مېنېندېز ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىدىن ئىستىپا بەردى «پارا ئېلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى بوب مېنېندېز ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسىلىكتىن ۋاقىتلىق ئىستىپا بەردى. نيۇ-يورك فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىگە سۇنۇلغان 39 بەتلىك ئەيىبنامىدە، مېنېندېز ۋە ئۇنىڭ ئايالى نادىنې ئارسلانيان يېڭى جېرسىي شىتاتىنىڭ سودىگەرلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە كورىيە روسىيە بىلەن شىمالىي كورىيەنىڭ قورال-ياراغ كېلىشىمىگە قارشى قاتتىق تەدبىر قوللىنىدۇ ئامېرىكا، كورېيە ۋە ياپونىيە روسىيە بىلەن شىمالىي كورىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قورال-ياراغ كېلىشىمىگە قارشى قاتتىق تەدبىر قوللىنىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تۈنۈگۈن نيۇ-يوركتا مىنىستىر پارك جىننىڭ ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كامىكاۋا يوكو ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. مىنىستىرلار كۆرۈشۈشتە موسكۋا بىلەن پيوڭياڭ ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قورال-ياراغ كېلىشىمىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان پەيتتە، شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ روسىيە زىيارىتى ۋە پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشىنى مۇزاكىرە قىلغان. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur