UYGUR TV

24/09/2022 لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىش نامايىشى ئۈنۈم بېرىشكە باشلىدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىش نامايىشى ئۈنۈم بېرىشكە باشلىدى ئاقسارايىنىڭ ئالدىدا ئاچلىق ئېلان قىلغان لاگېر شاھىتلىرىنى 21-سېنتەبىر كۈنى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرستوفېر سىمىس ۋە ئامېرىكانىڭ سابىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ئەلچىسى كېللىي كۇررىي خانىم ئالاھىدە يوقلىدى. كرستوفېر سىمىس ئەپەندى سۆز قىلىپ لاگېر شاھىتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن كۈتكەن تەلەپلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىغىچە بىر قارارنامە يېزىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كىرىس سىمىس لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئاھۇ-زارىغا قۇلاق سالدى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. ۋيېنادا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى 22-سېنتەبىر ۋېئاننادىكى ساياھەت مەركىزى شېتىفان مەيدانىدا ئاۋستىرىيە ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەمكارلىقىدا ۋەتىنمىزدىكى لاگېر،ساقچى ھۆججىتى، ئاچ قۇيۇش سىياسىيتىنى پاش قىلدىغان رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى. ھەرخىل ئىرىق ۋە مىللەتلەردىن بولغان زىيارەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلارنڭى ئەھۋالىمىزدىن خەۋەردارلىقىنى ۋە ھېسداشلىق قىلدىغانلىقنى ئىپادە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىستانبۇل بەيازىت مەيدانىدىمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش كارانتىنا نامىدىكى ئاچلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. رۇشەن ئابباس ۋە ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلارنىڭ لوندۇندىكى پائالىيەتلىرى نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىسلارنىڭ لوندۇندىكى پائالىيەتلىرى نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى. رۇشەن ئابباس خانىم ۋە ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىم 21 - سىنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ 4 نەپەر ئەزاسى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىنى سۆزلەشتى. 21- سىنتەبىر كۈنى كەچتە لوندۇندىكى «باربىكان مەركىزى»دە «ھەدەمنى ئىزدەپ» ناملىق فىلىمن كۆرسىتىلدى. فىلىمنى كۆرۈشكە بىرقىسىم داڭلىق شەخسلەر ۋە مۇخبىرلارمۇ قاتناشتى. فىلىم ئاخىرلاشقاندا داڭلىق سىياسىي شەخسلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ۋە رۇشەن ئابباسلار 19 - 20 - سىنتەبىر كۈنلىرى لوندۇندىكى «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەست تۇر!» تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇندىن كېيىن ئورتاق ئېلىپ بارىدىغان ھەرىكەتلىرىنىڭ يول خەرىتىسىنى ھازىرلىدى. خىتاي ۋە ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى نيۇيوركتا كۆرۈشتى ئىگىلىنىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 22-سېنتەبىر پەيشەنبە كۈنى نيۇ-يوركتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى جەريانىدا ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ ئىككەيلەننىڭ روسىيە 2-ئايدا ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن بۇيانقى تۇنجى ئۇچرىشىشى ئىكەن. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭ ھازىرغا قەدەر روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ئەيىبلىمىگەن. قازاقىستان ئۈچ دۆلەت بىلەن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇختار ترېۋۇبېرد خەلقئارا ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر گۇرۇھىنىڭ يىللىق مىنىستىرلار يىغىنىغا قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان. سۆھبەت نەتىجىسىدە، قازاقىستان دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئۆلچەملىك پاسپورت، دىپلوماتىك پاسپورت ۋە مۇلازىمەت پاسپورتى بارلارغا ۋىزا تەلىپىنى كەچۈرۈم قىلىش ھەققىدە ھۆكۈمەتلەر ئارا كېلىشىم ئىمزالىغان. ئالبانىيە بىلەن ئۆز-ئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان. بۇنىڭدىن باشقا، قازاقىستان بىلەن پاراگۋاي دىپلوماتىك ۋە مۇلازىمەت پاسپورتى ئۈچۈن ئۆز-ئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدا ھۆكۈمەتلەر ئارا كېلىشىم ئىمزالىغان. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur