UYGUR TV

24/11/2023 ياپونىيەدە خىتاينىڭ دىنىي چەكلىمىلىرىگە قارشى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ياپونىيەدە خىتاينىڭ دىنىي چەكلىمىلىرىگە قارشى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى ياپونىيەدە خىتاينىڭ دىنىي ئىبادەت ۋە پائالىيەتلەرنى چەكلەش، باستۇرۇشقا ئالاقىدار 19-نومۇرلۇق ھۆججىتىگە قارشى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا خىتاينىڭ دىنىي چەكلىمىلىرى ئەيىبلەندى. مەركىزىي تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان تور بېتىدە 20-نويابىر خەۋەر قىلىنىشىچە، تىبەتنى قۇتقۇزۇش تورى ۋە ياپونىيە تىبەت سارىيى ياپونىيەنىڭ توكيودىكى شىنجۇكۇ تارىخىي مۇزېيىدا خىتاي رېجىمىنىڭ 1-سېنتەبىردىن تارتىپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان، دىنىي پائالىيەت، دىنىي سورۇنلارغا چەكلىمە قويۇش مەزمۇنىدىكى 19-نومۇرلۇق ھۆججىتى ھەققىدە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن. سۆھبەت يىغىنىغا ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن مىتۇسباياشى خىرومى، دوكتور مىياۋاكى جۇنكو، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ساۋۇت مۇھەممەد ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دوكتور گوۋرۇد ئارچا قاتارلىقلار قاتناشقان ھەمدە سۆز قىلغان. يىغىنغا قاتناشقۇچى مۇتەخەسسىسلەر خىتاي رېجىمى ئىشغال قىلغان رايونلاردا ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەش ۋە ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىش مەقسىتىدە چىقارغان نىزاملارنى باھالىغان. خىتاي «كۆرگەزمە» نامىدا ئۇيغۇر مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى خىتايغا باغلاشقا ئۇرۇنماقتا خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقىغا ئالاقىدار بارلىق ماددىي بۇيۇملارنى ۋەيران قىلىش بىلەن بىرگە، ياسالما ياكى بۇرمىلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى خىتايغا باغلاشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 18-نويابىر ئاتالمىش «شىنجاڭ ئارخېئولوگىيەسىنىڭ 100 يىللىقى» نامىدا كۆرگەزمە باشلىغان. خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە كونا تاش قوراللار دەۋرىدىن خىتاينىڭ خەن، جىن، سۈي، تاڭ سۇلالىسىغىچە بولغان تۈرلۈك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن 180 نەچچىسى كۆرگەزمە قىلىنىدىغانلىقى، كۆرگەزمىنىڭ تۆت چوڭ قىسىمغا بۆلۈنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. كۆرگەزمە كېلەر يىلى 18-يانۋارغىچە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدىغان بولۇپ، كۆرگەزمە مەزگىلىدە، ياسالما، بۇرمىلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىلەن كۆز بوياش ئۈچۈن، ئاممىغا ئارخېئولوگىيەلىك لېكسىيە سۆزلەش ۋە مۇتەخەسسىسلەر مەخسۇس مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش، بىر گەۋدە بولۇشتەك تەرەققىيات مۇساپىسىنى سۆزلەش ئارقىلىق ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» رەزىل پىلانىنى چۈشەندۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتايدىكى بالىلار ئارىسىدا تارقالغان «ئۆپكە ياللۇغى»غا ئائىت ئۇچۇرلارنى تەلەپ قىلدى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاينىڭ شىمالىدا بالىلار ئارىسىدا تارقالغان «نامەلۇم ئۆپكە ياللۇغى» توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر تەلەپ قىلدى. ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ بەزى جايلىرىدىكى بالىلار دوختۇرخانىلىرى كېسەل بالىلار بىلەن لىق تولغان. خىتاي دائىرىلىرى بولسا تارقىلىشچان زۇكامغا ئوخشاش كېسەللىكلەرنىڭ كۆپىيىشىنى كوۋىد تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى بىلەن باغلىغان. ۋولكىسۋاگېن پۈتۈنلەي ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان باتارېيە زاۋۇتى خىتايدا تىجارەت باشلىدى خىتاينىڭ خېفېي شەھەرلىك ھۆكۈمىتى 22-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ، ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ پۈتۈنلەي ئىگىدارچىلىقىدىكى باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئەنخۈي ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى خېفېي شەھىرىدە تىجارەت باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خەۋەردە، باتارېيە ئورالمىسى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىغا سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغنىڭ تەخمىنەن 208 مىليون 100 مىڭ دوللار ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. نىتانىياخۇ مەھبۇس ئالماشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك «نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار بار» دېدى ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋىد كامېرون غەربىي ئېرۇسالىمدا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياخۇ بىلەن كۆرۈشتى. بېنيامىن نېتانياخۇ ئىسرائىلىيەلىك مەھبۇسلارنىڭ پات ئارىدا پەلەستىن گۇرۇپپىلىرى بىلەن بولغان مەھبۇسلار ئالماشتۇرۇش دائىرىسىدە غەززەدىن چىقىرىۋېلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ جەھەتتە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur