كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ھۆكۈمەتتىن ئۇيغۇرلارغا ئائىت قانۇنلارنى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايى قىلمىشىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» ۋە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 22-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ھەپتە ئامېرىكىدىكى بىر تۈركۈم پارلامېنت ئەزالىرى بايدېن ھۆكۈمىتىنى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» ۋە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» دىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشقا چاقىرغان. پارلامېنت ئەزالىرى ھۆكۈمەتنى بۇ قانۇنلار بويىچە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغان ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق شەخس ۋە ئورۇنلارغا قارىتىلغان جازانى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان. دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ئىستانبۇلدا باشلاندى 15-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 6-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى 30 دىن كۆپ دۆلەتتىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بۈگۈن ئىستانبۇلدا رەسمىي باشلاندى. خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەرىپىدىن ھەريىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان مەزكۇر يىغىن بۈگۈن ئەتتىگەن ئىستانبۇلدا تۈركىيەدىكى ھەرقايسى سىياسىي پارتىيە رەئىسلىرى ۋە ۋەكىللىرى، پىرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ مەسلىھەتچىلىرى، ئىجتىمائىي جەمئىيەتلەرنىڭ رەئىسلىرى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، جامائەت ئەربابلىرى ۋە زىيالىلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن رەسمىي باشلاندى. كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ بىشكەكتە تەرەققىي قىلىشى ئەندىشە پەيدا قىلدى خىتاي دائىرىلىرى يىللاردىن بۇيان تاجاۋۇزچىلىق، كېڭەيمىچىلىك، مېڭە يۇيۇش سىياسىتىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ۋە يامان غەرزىنى نىقاپلاش ئۈچۈن كۇڭزى ئىنستىتۇتى نامىدا دۇنياغا يامرىغان كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرى بىر قىسىم غەرب ئەللىرى ۋە ئامېرىكىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان بىر پەيىتتە، ئۇنىڭ قىرغىزىستاندا تەرەققىي قىلىشى دىققەت قوزغىدى. تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قىسمەن قىرغىز ئوقۇتقۇچىلار خىتايغا تامامەن مايىل بولۇپ كەتكەن بولۇپ، گۈلزات ئىسماتوۋا بىشكەك دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ قىرغىزىستان تەرەپ مۇدىرى ئىكەن. گۈلزات ئىسماتوۋا مۇخبىرغا: «خىتاي قولغا كەلتۈرگەن بىر قاتار تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، خىتاي تىل-يېزىقى ئۆگىنىش قىرغىزىستاندىكى ياش ئەۋلادلارغا دۇنياغا تۇتىشىدىغان دەرۋازىنى ئېچىپ بېرەلەيدۇ» دېگەن. بىلدۈرۈلۈشىچە، بىشكەك دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا كۇڭزى ئىنستىتۇتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ نىزامنامىسى بويىچە ئوقۇتۇش ۋە كۈندىلىك باشقۇرۇش تۈزۈملىرى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن. ئىككى تەرەپ خىتاي تىل-يېزىقى ئوقۇتۇشى ۋە خىتاي- قىرغىزىستان مائارىپ-مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلاشقان. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ خۇاۋېي ۋە جۇڭشىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى چەكلەشنى پىلانلىدى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبىدىن 2026-يىلدىن باشلاپ، خىتاينىڭ خۇاۋېي ۋە جۇڭشىڭ شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان G5 تورى ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشنى چەكلەشنى پىلانلىدى. فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 20-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى 2026-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ، خىتاي ئىشلەپچىقارغان زاپچاسلارنى «يادرولۇق تور»دىن چىقىرىپ تاشلاشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ چەكلىمە ئاللىبۇرۇن ئورنىتىلغان زاپچاسلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى يولغا قويماقچى بولغان بۇ تۈر چوقۇم گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئىچىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشى كېرەك ئىكەن. خىتاي سۈرىيىنى قايتا قۇرۇشقا ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەرگەن خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ زىيارەتكە كەلگەن سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشار ئەسەدكە سۈرىيەنى قايتا قۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغانلىقى ۋە «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغانلىقى» توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. سۈرىيە پرېزىدېنتى بەششار ئەسەدنىڭ ئۆز دۆلىتىدە 12 يىل داۋاملاشقان ئىچكى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق خىتاي زىيارىتى جەريانىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا «ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق» ئورنىتىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭنىڭ سۈرىيەنىڭ قايتا قۇرۇش ۋە «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش» كە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. تەيۋەن خىتاينىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چيۇ كۇچېڭ بۇ ھەپتە دۆلەتنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىدە نەچچە ئون ئۇرۇش ئايروپىلانى بايقالغاندىن كېيىن، خىتاي ئەڭ يېڭى ھەربىي ھەرىكىتىنى «بىنورمال» دەپ تەسۋىرلىدى. خىتاي ئىزچىل تەيۋەننى قايتۇرۋېلىش ئۈچۈن قورال ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلدى. بېيجىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەيۋەنگە دىپلوماتىك ۋە ھەربىي بېسىمنى كۈچەيتتى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur