25/05/2022 ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دائىر مىڭلارچە رەسىم ئاشكارىلاندى
كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر
ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دائىر مىڭلارچە رەسىم ئاشكارىلاندى
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئالاقىدار يېڭى ئىسپاتلار ئوتتۇرىغا چىقتى، ب ب س تورى مىڭىغان رەسىم ۋە ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلىدى. خاككېرلارنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ كومپيۇتېرلىرىدىن ئېرىشكەن بۇ رەسىملەر كىشىلەرنىڭ پەقەت ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتۇلغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. تۇتقۇنلارنىڭ ئەڭ چوڭى 73 ياشلىق ئانىخان خەمىت بولۇپ، ئەڭ كىچكى 14 ياشلىق قىز راھىلە ئۆمەر. ئاشكارىلانغان بۇ ساقچى ھۆججەتلىرىدە 2884 پارچە رەسىم ۋە 23 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ تىزىملىكى بار. بۇ ھۆججەتلەر پاراڭ خاتىرىلىرى، رەسىملەر ۋە باشقا مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەنگىلىيە: ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا دائىر پەۋقۇلئاددە تەپسىلاتلار بار
ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىز ترۇس ئېرىشكەن يېڭى ئىسپاتلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى تولۇق ۋە چەكلىمىسىز زىيارەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نامايىشىغا ئىيى پارتىيە رەھبەرلىرىمۇ قاتناشتى
تۈركىيە «ئىيى» پارتىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى يىغىۋېلىش لاگېرى قۇربانلىرى مۇنبىرىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نامايىشىغا قاتناشتى. مەلۇم بولۇشىچە، ئىيى پارتىيىسىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىغا قىلغان چاقىرىقىنى قوللاش ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى جازا لاگېرلىرى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلدى.
ئەنگىلىيەنىڭ Airbnb شىركىتى «نۆل كوۋىد» سىياسىتى سەۋەبىدىن خىتايدىن چېكىنىدۇ
ئىنتېرنېتتە ياتاق ۋە ئۆي ئىجارە بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان Airbnb شىركىتى «نۆل كوۋىد» سىياسىتى بىلەن كارانتىن قىلىش تەدىرلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان خىتايدىكى تىجارىتىنى توختاتماقتا. ب ب س نىڭ بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر شىركەتنىڭ تور بېكىتىدە خىتايدىكى بارلىق ئۆيلەر يازدىن باشلاپ چىقىرىۋېتىلىدىكەن. بۇ قارار بىلەن شىركەتنىڭ چەتئەلگە ساياھەتكە چىقىدىغان خىتاي پۇقرالىرىغا يۈزلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
تۆت دۆلەت خىتاينىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرىدۇ
ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋىستىرالىيە ۋە ھىندىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت دۆلەت بىخەتەرلىك دىئالوگى «كۇئاد» ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى «ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىدىغان مەجبۇرلاش، ئىغۋاگەرچىلىك ۋە بىر تەرەپلىمە ھەرىكەت» كە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن «تۆت تەرەپ رەھبەرلەر ئۇچرىشىشى» دا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن، ياپونىيە باش مىنىستىرى كىشىدا فۇمىئو، ئاۋىستىرالىيە باش مىنىستىرى ئانتونىي ئالبانىس ۋە ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى بىر يەرگە جەم بولدى.
خىتاي بىلەن روسىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى
خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ يازما باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ۋە روسىيە ھاۋا ئارمىيەلىرى تۈنۈگۈن ياپون دېڭىزى، شەرقىي خىتاي دېڭىزى ۋە غەربىي تىنچ ئوكياندا بىرلەشمە ھاۋا مانېۋىرى ئۆتكۈزدى. باياناتتا، بىرلەشمە ئىستراتېگىيىلىك چارلاش «خىتاي بىلەن روسىيەنىڭ يىللىق ھەربىي ھەمكارلىق پىلانىنىڭ بىر قىسمى» دېيىلگەن. غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى ھالدا روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىمىگەن بېيجىڭ دائىرىلىرى «ئىشغال» دەپمۇ تەسۋىرلىمەيدۇ.
#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur