UYGUR TV

25/09/2022 نيۇ-يوركتا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر نيۇ-يوركتا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار، يىغىۋېلىش لاگېرلىرى شاھىتلىرى ۋە يەرلىك كىشىلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ-يوركتىكى بىناسى ئالدىدا يىغىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئاچارچىلىق قىرغىنچىلىقىغا نارازلىق بىلدۈردى. نيۇيورك دەۋر مەيدانى ئالدىدىمۇ پائالىيەت ئۆتكۈزگەن نامايىشچىلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىشلىرىنى ئەركىن دۇنيا ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەكلىكىنى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى سۈرۈشتە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خىتايدا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى خىتايدا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكى ۋە خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭنىڭ نەزەربەند ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئايلاندى. ئامېرىكىدا ياشايدىغان خىتاي ژۇرنالىست زېڭ ئاممىۋى تاراتقۇلاردا ھەربىي ماشىنىلارنىڭ سىنئالغۇسىنى ھەمبەھىرلەپ: «خىتاي ھەربىي ماشىنىلىرى 22-سېنتەبىر بېيجىڭغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. ماشىنا ئەترىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 80 كىلومېتىر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شى جىنپىڭ بەزى ئارمىيە ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى ۋە نەزەربەنت ئاستىدا تۇرۇۋاتىدۇ» دېدى. ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارغا يېقىنلىقى بىلەنمۇ تونۇلغان ژۇرنالىست زېڭنىڭ سۆزلىرى رەسمىي مەنبەلەر تەرىپىدىن ئىسپاتلانمىدى. خىتاي ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەكىتلىدى ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى يىللاردىن بېرى ئىجرا قىلىۋاتقان ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان. خىتاي سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 20-سېنتەبىر بېيجىڭدا ئاتالمىش «خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى»نىڭ 11-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر كېڭەش يىغىنىدا يېڭى تەيىنلەنگەن جەمئىيەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەكىتلىگەن. خىتاي 2016-يىلدىن باشلاپ زۇلۇمنى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا قۇرئان، ھەدىس ۋە سانسىزلىغان دىنىي ئەسەرلەرنى كۆيدۈردى. تۈمەنلىگەن مەسچىتلەرنى چېقىۋەتتى ياكى ۋەيران قىلىپ ئورنىغا باشقا قۇرۇلۇشلارنى سالدى. بىلىنكېن رۇسىيە ھەققىدە خىتاينى جىددىي ئاگاھلاندۇردى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى نيۇيوركتا كۆرۈشكەن بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، بىلىنكېن ۋاڭ يىنى رۇسىيەگە ياردەم بېرىش مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇرغان، ئەگەر بېيجىڭ موسكۋانى قوللىغان تەقدىردە، بۇنىڭ چوقۇم بىر ئاقىۋىتى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. قازاقىستان: روسىيەدىن كەلگەنلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك زۆرۈر تەدبىرلەر قوللىنىلىدۇ قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئۆزلىرىنىڭ رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ كېلىشىگە مۇناسىۋەتلىك ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقىنى ۋە ئېغىر خەتەرلەر يۈز بەرگەندە خەلقئارا ۋە دۆلەت قانۇنلىرى دائىرىسىدە زۆرۈر تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. مىنىستىرلىق ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، قازاقىستاندىكى بىر قىسىم پۇقرالارنىڭ رۇسىيەدىن كەلگەنلەرنىڭ كۆپىيىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خىتاي تۆت دۆلەت بىرلەشمە مانېۋىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق تۆت دۆلەت بىرلىكتە تىنچ ئوكياندىكى فىجىدا ئۆتكۈزگەن ھەربىي مانېۋىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، بىز ئالاقىدار دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا نورمال مۇداپىئە ئىشلىرى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا قارىتا باشقىچە پىكىردە بولمايمىز، لېكىن ئالاقىدار ھەمكارلىق ئۈچىنچى تەرەپكە قارىتىلماسلىقى كېرەكلىكىنى، باشقا دۆلەتكە قارىتىلغان مانېۋىرغا قەتئىي نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur